- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8194
- نادىر
- 16
- يازما
- 8194
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-2 00:16
مانچېستىر بىرلەشمىسى قىيىنچىلىققا يۇلۇققاندا ئوتتۇرغا چىقىدىغىنى يەنىلا شۇ « كىچىك بودەك » رۇنى ! بىر نەچچە سائەتنىڭ ئالدىدا ئاخىرلاشقان كۈچلۈكلەر ئۇچۇرشىدا ،مانچېستىر ئىككى توپ كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا رونى ئىككى توپ ئۇرۇپ قىزىل ئالۋاستىنى قۇتقۇزىۋالدى .( مۇنبەردە تېما يوللانغان ) شۇنداق قىلىپ مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككى توپنى قوشقاندا رۇنى ئېنگىلاند كەسپىي پۇتبولچىىق ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر جەمىي 164 توپ كىرگۈزدى .ھەمدە ئىلگىرى لېۋېرپولدا توپ تەپكەن داڭدار ھۇجۇمچى فوۋلېردىن ئېشىپ ئېنگىلاند تارىخىدىكى مەرگەنلەر رەت-تەرتىپىدە بەشىنچى ئورۇنغا چىقتى .
بىرىنچى ئۇرۇندىكى مەرگەن بولسا ئەينى چاغدا نېۋكاستىلدا توپ تەپكەن داڭلىق ھۇجۇمچى ئالەن شېر ( 260 توپ ) ئىككىنچىسى بولسا ئاندى كول ( 187 توپ ) ئۈچۈنچىسى ھېنرى ( 175 توپ ) تۆتىنچىسى لامپارت ( 164 توپ ) يەنە بىر سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا ،رونى بۇ پەسىلدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا 10 توپ كىرگۈزۈپ 8 پاس بەرگەن .ئۇنىڭدىن باشقا بىۋاستە كىرگەن 18 توپنى رۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن .بۇ جەھەتتە زەردار كوماندىلارنىڭ ئىچىدە ھىچقانداق بىر توپچى رۇنىغا يىتەلمەيدىكەن .ئارسېنال كوماندىسنىڭ يادروسى مەسۇت ئۆزىلنىڭ ( 11 توپ ) ۋە چېلسىنىڭ يادروسى خازاردنىڭ ( 7 توپ ) نى قوشقاندا رۇنىنىڭ 18 توپىغا توغرا كەلگەن .
تۆۋەندىكىسى ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدىكى ئېنگىلاند مەرگەنلىرى
4- لامپارات ( چېلسى )
3- ھېنرى ( ئارسېنال )
2-ئاندى كول ( مانچېستىر بىرلەشمىسى )
1- ئالەن شېر ( نېۋكاستىل )
قۇشۇمچە : بىرىنچى مەرگەن ئالەن شېرنىڭ تەرجىمالى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرسقا كىرىڭ
/forum.php?m ... 9%D9%86%DA%86%D9%89
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )
|
|