ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5458 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-8 01:13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2013 - 2014 - يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى 14 - ئايلانما مۇسابىقىسى 30 - چىسلا چۈشتىن كىيىن سائەت 20:30 دە باشلاندى ، مۇسابىقە نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە :
مايىنىز 1 - 3 دورتمۇند
گىرمانىيە سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا مايىنىز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا 3 توپ ئۇرۇپ 1 - 3 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ، مۇسابىقىدە دورتمۇند كوماندىسىدىن ئابامىياڭ 1 توپ ، لەيۋەندوۋىسكى 2 توپ ئۇردى ...
بەيرىن 2 - 0 بىرانسىۋىگ
بەيرىن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بىرلەشمىنىڭ 18 - ئورۇندا كىتىپ بارغان بىرانسىۋىگ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 2 مىنۇت بولغاندا روبىن بىر توپ ئۇردى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 29 مىنۇت بولغاندا يەنە روبىن بىر توپ ئۇرۇپ بەيرىن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 2 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ...
لىۋىرىكسۇن 3 - 0 نىرۇنبۇرگ
ئىپادىسى تۇراقلىق ياخشى بولىۋاتقان لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا نىرۇنبۇرگ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئاياغلاشقىچە لىۋىرىكسۇن كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى كۆرنەرلىك ياخشى بولدى ، لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 3 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ، مۇسابىقىدە كورىيەلىك چولپان سون 2 توپ ئۇردى ، جىسىلىڭ بىر توپ ئۇردى ...
خوفىنھام 4 - 4 بىرمىن
بىر مەيدان كەسكىن مۇسابىقە ئوينالدى ، خوفىنھام كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بىرمىن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابقىدىن كىيىن ھەر ئىككىلى كوماندا بىر - بىرسىگە 4 دىن توپ ئۇرۇپ تەڭلىشىپ قالدى ، بۇ مەيدان 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 8 توپ ئۇرۇلدى ...
بىرلىن ھېرتا 0 - 0 ئاگسۇنبۇرگ
بىرلىن ھېرتا كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كىيىن توپ ئۇرۇشلار بولماي ھەر ئىككىلى كوماندا 0 - 0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ...
ۋولسۇنبۇرگ 1 - 1 ھامبۇرگ
ھامبۇرگ كوماندىسى مىھمان مەيداندا ۋولسۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇت بولغاندا ھامبۇرگ كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 31 مىنۇت بولغاندا ۋولسۇنبۇرگ كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي 1 - 1 نەتىجە بىلەن ھەر ئىككىلى كوماندا تەڭلىشىپ قالدى ...
|
|