- تىزىملاتقان
- 2007-5-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3695
- نادىر
- 3
- يازما
- 3695
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھمۇدىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-28 22:27
ئالدىنقى ئاي ياۋروپا دىكى داڭلىق بىرلەشمىلەرنىڭ مۇسابىقىلىرىدا تۇيۇقسىز سىرلىق تاماشىبىنلار پەيدا بولۇپ قالدى ، مەسىلەن چىلسى بىلەن شەھرى مانچىستىرنىڭ مۇسابىقىسىدا ، مىيۇنخىن بىلەن بېرلىننىڭ مۇسابىقىسىدا دىگەندەك ، بۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىقى قارا كىيىم كىيىۋالغان ، مەيدسىدە سىرلىق بەلگە بار ، ھەممىسى بىرلىكتە بۇلۇڭ توپ رايونىنىڭ ئۈستىدىكى 3-قەۋەتتە ئولتۇرىدۇ ، تۇرۇپ تۇرۇپ تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇپ قويىدۇ. ھەتتا ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتررىلىرىدا لۇندۇندا ئېلىپ بىرىلغان پۇتبول پشۋالىرى يىغىندىن كىيىن چېلسى بىلەن مانچېستېر شەھرىنىڭ مۇسابىقسىنى كۆرۇش ئۇچۇن كەلگەن گىرمانىيە پۇتبول ئاتىسى بىكىنبائۇر بۇلارنىڭ بىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تۇرشىغا ئۇچىرغان
بۇلار زادى كىم؟ ئۇلارنىڭ كىيمىدىكى بەلگىلەر زادى نىمە؟
لوندوندىكى خاكنى سازلىقىدا 82پۇتبول مەيدانى بار ، ئۆتكەن ئاينىڭ 20 كۇنى بۇ مەيداندا غەلىتە بەلگە چۈشۈرۈلگەن بىر توپ بۇ يەرگە بىر ئازگال چىقىرىپ قويغان .
ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرىدىمۇ 2014 يېللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ساھىپخانى بولغان بىرازېليەنىڭ رىئودى ژانىرودىكى خىرىستۇسنىڭ ھەيكىلىنىڭ يىنىدىكى سانمارتا تىغىدا يەنە مۇشۇ بەلگە پەيدا بولغان
بۇلار كىم؟ نەدىن كەلگەن ؟ نىمە قىلماقچى؟ لىكىن شۇنىسى ئېنىقكى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى بىز ياخشى كۆردىغان پۇتبول بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇشۇ ئاينىڭ 10كۇنى خەلىق ئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تاشقى پىلانىتتىن پۇتبولغادۇنياسىغا كىلدىغان خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن يەر شارىدىن سەرخىل 11 ئادەمنى تىپىپ چىقىپ ۋاقىت سائېتى كەلگەندە پۇتبول بىلەن يەرشارىنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى شۇنداقلا تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنى مەغلۇپ قىلماقچى ئەمسە بۇ كوماندىنى كىم تەشكىللەيدۇ؟ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى نۇرغۇن تالاش تارتىشلاردىن كىيىن گىرمانىيە پۇتبول ئاتىسى بىكىنبورنى گالاكسى 11 ئادەم كوماندىسىنىڭ تەشكۇللىگىچىسى قىلىپ بىكىتىپ 11 ئادەمنى تاللاشقا تولۇق ھوقۇق بەردى نىمە ئۇچۇن بۇ مۇھىم ئېشقا بىكىنبورنى تاللايدۇ؟ ئېھتىمال پۇتبول دۇنياسىدا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشەنچىلىك ئادەم بولمىسا كىرەك چۇنكى ئۇ تاشقى پىلانىت ئادەملىرى بىلەن يۇزمۇ- يۇز تۇرۇپ پۇتبول ئويناپ باققان ...
تەپسىلاتىنى ئوغلانىنىڭ ‹ئاخرلاشتۇرغۇچى› دىگەن تىمىسىدىن كۆرۇڭ./thread-19129-1-1.html
بكىنبور بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن ناھىيتى تىزلىك بىلەن ئادەم تاللاشقا كىرشىپ كەتتى 11-ئاينىڭ11 - كۇنى سەھەردە زامانىمىزنىڭ پۇتبول شاھى مىسسىنى گالاكسى 11 ئادەم كوماندىسىنىڭ كاپىتانلىقىغا تەيىنلىدى
بىكىنبور ئەپەندى مىسسى توغىرىلىق توختىلىپ :" مىنىڭچە مىسسى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ،ئۇنىڭ تالانتى ، ئۇنىڭ قۇرۇق ئورۇنغا يۈگىرىشى ۋە تىخىنىكىسى ئادەتتىكىدەك ئەمەس .ئۇنىڭ ئۈچۈن توپ ئۇرۇش خۇددى تاماق يىگەنگە ئوخشاشلا ئىش ،ئۇ ھەقىقى بىر داھى ،مەيدان سىرتىدىمۇ ئۇ بىر ئالىيجاناپ مۆتىۋەر ، ئۇنىڭ مىجەزى ئىنتايىن ياخشى ." شۇنداقلا سېرلىق ئادەملەرنى يىڭىشتىكى كوزۇرمىز مەن ئۇنىڭ كاپىتانلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغىغا ئېشنىمەن ...
بىكىنبائۇر 11-ئاينىڭ 11-كۈنى گالاكسى 11ئادەم كوماندىسىغا مىسسىنى كاپىتان قىلىپ تاللىغاندىن كىيىن ،بىر ھەپتە ئۆتۇپلا گوتىزنىڭمۇ كوماندىغا تاللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن كائىناتقا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولغان ئەڭ كۈچلۈك 11ئادەمنىڭ ئىككىسى تاللىنىپ بولدى ، قالغان توققۇزىمۇ بىر-بىرلەپ ئىلان قىلىنىلدۇ ، ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئاخپارات ئېلان قىلش يىغنىدا چېلسىدى ئوسكار بىلەن مىلاندىكى شاراۋىنى گالاكسى11 ئادەم پۇتبول كولوبغا قۇبول قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى يەنە ئاردىن 3 كۇن ئۆتۇپ چېلسىدىن لىۋېرپولغا ئېجارە بىرىلگەن موشىس بىلەن دۆلىتىمىز شاۋلىن پۇتبولىنىڭ ۋەكىلى ۋۇلىنىمۇ بۇ سەپكە قىتلغانلىقىنى ئېلان قىلدى شۇنىڭ بىلەن 11 جەڭچىنىڭ 6 تىزىملىككە كىردى
قالغان 5 ئادەمنىڭ كىم ئېكەنلىگى تازا ئېنىق ئەمەس زەربىدەر قۇشۇن تەشكىللەنگەندىن كىيىن ئۆز ۋاختىدا تاشقى پىلانىتتىن كەلگەنلەرگە ئۆزنى كۆرسەتمەكچى
بۇ فىلىم مىسسىنى كاپىتانلىققا تەيىنلىگەن كۇرنۇش گوتىز بىلەن ئوسكارمۇ بار
|
|