- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4796
- نادىر
- 1
- يازما
- 4796
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
كىرىستىيانو رونالدو يارلانغانلىق سەۋەبىدىن خانلىق مادرېد ئۆز مەيدانىدا ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسدىكى رەقىبى گالاتا ساراينى كۈتىۋالغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقالمىدى ، بىراق بىرنابو مەيدانىدا يەنىلا رونالدونىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ ، يەنە كىلىپ كۆپ بولغاندىمۇ ئادەتتىكىچە كۆپ ئەمەس 45مىڭدىن ئاشىدۇ . يېڭى نۆۋەتلىك ئالتۇن توپ ساھىبى مەيدانغا كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ، خانلىق مادرېد توپ مەستانىلىرى رونالدونى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ ، ئۇلار بارىلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ رونالدو ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا . نۆۋەتتە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا بېلەت تاشلاشنى ئۈخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلدى ، رونالدونىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشىش ئىھتىماللىقى چوڭايدى . خانلىق مادرېد مەستانىلىرى مۇشۇنداق پەيىتتە 45مىڭ نەپەر ‹‹رونالدو››نى بىرنابو مەيدانىدا نامايەن قىلدى .
ئىسپانىيەنىڭ ‹‹ماركا گىزىتى ›› ، ‹‹ ئا س گىزىتى ›› قاتارلىقلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا مەستانىلەر بۇ ئىش ئۈۋۈن بىر ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت تەييارلىق قىلغا ئىكەن . نامى ‹‹ باراھاس ›› ۋە ‹‹ دۆلەت دېربسىى ›› بولغان ئىككى مەستانىلەر كۇلۇبى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ ھەركەتنى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ . گەرچە رونالدو مەيدانغا چىقمىغان بولسىمۇ بىراق مۇسابىقە جەريانىدا مەستانىلەر كۈتۈرىۋالغان 45مىڭ دانە رونالدونىڭ سۈرىتىدىكى نىقاپ بىرنابو مەيداننى تۇلىمۇ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزدى . بۇ ئىشتىن كىيىن دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى داڭلىق تاراتقۇلار بەس-بەس بىلەن بۇ ئىش توغرۇسىدا خەۋەر تارقاتتى .
بۇ 45 مىڭ دانە نىقاپتىن باشقا خانلىق مادرېد مەستانىلىرى يەنە شىمالى كۈرۈش سۇپىسىدا ناھايىتى زور پىلاكاتنى ئاستى ، ئۈستىگە بولسا ‹‹رونالدو ئالتۇن توپ ›› دەپ يېزىپ رونالدوغاب ولغان قوللىشىنى بىلدۈردى . مەيدان سىرىتىدىكى رىشاتكىلارنىڭ ھەممىسىگە رونالدو توغرۇلۇق يېزىلغان شۇئارلار ئېسىلىپ ئۈستىگە ‹‹ ئالتۇن توپنى رونالدو ئېلىشى كىرەك دەپ يېزىلدى .
نىقاپنىڭ ئۈستىدە يەنە : ‹‹ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ، مۇسابىقە باشلىنىپ 7 مىنۇت ۋە 77 مىنۇت بولغاندا نىقاپنى تاقىۋېلىڭ ›› دىگەن خەتلەر يېزىلغان ئىكەن . نىقاپنى ئېلىۋەتكەن ۋاقىتتا مەستانىلەر ئۈستىگە ‹‹رونالدو7-نۇمۇر›› دەپ يېزىلغان بىر پارچىدىن قەغەز تەييارلىغان بۇلۇپ تۈمەنلىگەن مەستانىلەر بىرلا ۋاقىتتا ‹‹رونالدو7-نۇمۇر ›› نى يۇقۇرى كۈتۈرگەندە بىرنابو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىردى .
مۇسابىقە 77-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا كەيپىيات تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقتى ، بارىلىق مادرېد مەستانىلىرى يۇقۇرى ئاۋازدا ‹‹ رونالدو دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس پۇتبولچى ، رونالدو مادرېد قەھىرمانى ، ئالتۇن توپ رونالدوغا مەنسۇپ ! ›› دەپ شۇئار توۋلىدى . ئىكران ئالاھىدە مىھمانلار كۈرۈش سۇپىسىدا ئولتۇرغان رونالدوغا توغرىلانغاندا ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا دۆلەت رەھبەرلىرىگە خاس سالاپەت بىلەن مەستانىلەرگە قارىتىپ قول ئىشارىسى قىلىپ مەستانىلەرنىڭ قوللىغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى . مۇسابىقە ئارلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا رونالدو ئۈزىنىڭ ئىجدىمائى ئالاقە تورىدا ‹‹ مەستانىلەرنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت ، ئەپسۇس مەن مەيدانغا چىقىپ كۇماندا ئۈچۈن تۆھپە قۇشالمىدىم . ›› دەپ يازدى .
|
-
|