akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 687|ئىنكاس: 19

كاكا_قىممەتلىك ئەسلمە،نادىر 29توپ«سەبرى»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-28 00:01:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-28 12:10  


ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار:11-ئاينىڭ 27-كۈنى  سەھەردە ،ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گوروپپا مۇسابىقسىنىڭ بەشىنچى ئايلانمىسىدا ئىتالىيە زەردارى  مىلان كوماندىسى كىلىتلىقلار كوماندىسى  بىلەن مۇسابىقىلەشكەن  بۇلۇپ.مىلان كوماندىسى 3-0نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەر چىشلەتتى.ئوخشاشلا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ ھالقىلىق شەخس بولسا يەنىلا مىلان كوماندىسىنىڭ يولباشچىسى  ،مەڭگۈگۈلۈك 22-نۇمۇرلۇق رىۋايىتى كاكا بولدى.مەيداندا چەبدەسلىك بىلەن شامالدەك يۈگۈرۈپ بۈسۈپ كىرىشلىرى،ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك ماھارەت بىلەن پاس  بىرىشلىرى،يەنە تۇنجى بۇلۇپ ئىلگىركىدەك ھاياجانلىق كەيپىياتتا توپ ئۇرۇشلىرى،سان سىرودىكى بارلىق مىلان مەستانىلرىنى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى كاكا مەستانىلىرىنى 2007-يىلىنى ئەسلەشكە قىستىدى..
كاكانىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توپ ئۇرۇشى ،مىلانغا قايتىپ كەلگندىن بۇيانقى ئىككىچنى قېتىملىق كوماندا بۇيىچە ئەڭ بۇرۇن غەلبە دەرۋازىسنى ئېچىشى  بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ.بۇ كاكانىڭ ئالتە يىلدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم قىزىل  قارا قۇشۇننىڭ كىيىمىنى كىيىپ ،ئۇزغۇنلۇقتا توپ ئۇرۇشى بۇلۇپ ھەمممىنى قاتتىق ھاياجانغا ۋە ئىلگىركىدەك تۈگىمەس خىياللارغا چۆمدۈردى.
------------------------------------------------------------------------------

توغرا ،كاكا بۇ كۈنى توپ ئۇردى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈزنىڭ  مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.ئەينى يىللىرىدىكى كاكانىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى.ئەمدى ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى، يۈرەك شۇ مىنۇتلارنى قايتا ئەسلەشكە، سېغىنىشقا باشلىدى.ھازىر بولسا ئۇنىڭ مەيداندىكى ئاشۇ ئىللىق تەبەسسۇم كەتمىگەن ،ئەمما شۇ تەبەسسۇملارغا يۇغۇرلۇپ كەتكەن خوشاللىق چېھرىدىن ھەممە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتقاندەك  بىلندى.
دۇشمەنگە ھۇجۇمغا ئۆتكەندە شامالمۇ قوغلاپمۇ يېتىشىلمەيدىغان، ۋارتارغا توپ ئۇرغاندا خۇددى ئوۋغا ئېتىلغان شۇڭقاردەك  ئەقىلنى لال قىلىپ بۆسۈپ كىردىغان، يۈكسەك تەمكىنلىك، ئەركەككە خاس ئېغىر-بېسىقلىق، ھەقىقىي ئىنسانغا لايىق ۋىجدانى-ئەخلاق پەزىلەتلەرنى ئۆزىدە يېتىلدۈرگەن، كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك كېلىشكەن قىياپىتىدىن بىرخىل مۇلايىملىق، كۆيۈمچانلىق، ۋاپادارلىق چىقىپ تۇردىغان مىلاننىڭ مەڭگۈلۈك 22-نۇمۇرلۇق رىۋايىتى كاكا بۇكۈن ئۆزىنىڭ ئۇزغۇنلۇقتىكى ساق 29توپىنى كىرگۈزدى.بۇ  توپلاردا تەسۋىرلىگىىىز خوشاللىقمۇ بار،ئاچچىق ئەسلىمىلەرمۇ  بار.مىلاندىكى شانلىق تارىخنىڭ ئىز-ناسى بار،مادىرىتتىكى قاباھەتلىك چۈشنىڭ دىل يارىسىمۇ  بار.ئەڭ مۇھىمى ئىسنان ئۈچۈن  مۇھىم بولغان قىممەتلىك  ئەسلىمىلەر  بار.
--------------------------------------------------------------------------


ئەمما نېمە ئامال دەيسز... ۋاقىت شۇنداق ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئىنسان ھاياتىنىڭ مەلۇم چوققىسىدا توختاپ كەينىگە قايرىلىپ كۆز يۈگۈرتكەندە، ھاياتنىڭ تولىمۇ چەكلىكلىكىنى، ۋاقىت تېنىقلىرىنىڭ تۇلىمۇ تېزلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بىراق ئەسلىمە ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان گۈزەل دەقىقىلەر بىلەنلا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ. شۇ ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەستانىلار ئۇنى تېخى ئۇنۇتقىنى يوق. شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ تىرىك شاھىدى سۈپىتىدە يۈرەكتە ئەسلەپ كەلمەكتە.مانا ئەمدىلىكتە كاكا مەستانىلىرى بارغانچە ئىپادىسى ياخشىلىنىۋاتقان،ئەسلىگە قايتىش يۇلىدا جان-جەھلى بىلەن ھەركەت قىلىۋاتقان ،كاكاغا قاراپ يېڭىچە ئۈمۈدنى كۆردى.سان-سىرو  بىر تەرەپتىن قايغۇغا چۆمسە يەنە بىر تەرەپتىن ئىنتىلىش بىلەن پۇرسەت كۈتمەكتە.
شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى كاكانىڭ ھاياتى  يەنە  بىر تەۋرىنىش دەۋرىگە ۋە ئويغىنىش مەزگىلىگە قەدەم  قويماقتا.گەرچە ۋاقىت قىستاپ قالسىمۇ.
لىكىن بىز ئۇنىڭ بىلەن ھەردائىم بىللە..مانا ئەمسە ھەممىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا مەندەك بىر كاكا مەستانىسىدىن، ياۋرۇپادىكى  شانلىق پۇتبولچىللىق  ھاياتىنىڭ نامايەندىسى بولغان، ئۇزغۇنلۇقتا كىرگۈزگەن 29توپىنى سوۋغا سۈپىتىدە ئەكەلدىم.بۇ توپتا مادىرىتتىكى ئەسلىمىلەرمۇ،مىلاندىكى ھىكايىلەرمۇ بار،ھەممسى بىرلىشپ  بىر پۈتۈن ھاياتلىق كارتىنىسىنى يىزىپ چىققان.ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر!!!!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +200 يىغىش سەۋەبى
مەشئەل + 50 قوللاش!
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
22kaka22 + 100 كاكا ئۈچۈن

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-28 00:06:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا  كاكا  سەن يەنىلا  بۇرۇنقى كاكا  شۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-28 00:06:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ مېنى  تار بۇلۇڭغا قىستاپ قويدى
كاكا مۇشۇنداق ئېسىل ئىپادەڭنى داۋاملاشتۇرساڭ 2014سىنى كۆرۈشتىن ئۈمىد بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-28 00:07:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 00:06
ئۇ مېنى  تار بۇلۇڭغا قىستاپ قويدى
كاكا مۇشۇنداق ئېسىل ئ ...

ئاداش ماڭا سىن قانداق چىقىرىشنى دەپ بەرسەڭلار چىرالمىدىم..ئادىرسىنى قانداق قىلسام كۈچۈرالايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-28 00:10:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما ما تېمىغا سىندىن بىرنى قۇشۇپ قويساڭلا باشقىچە جانلىق چىقاتتىكەن ئۇ ئەسلىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-28 00:10:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تازا ياخشى ئۇقمايمەن ،پۇتبول لۈكچەكلىرى ياخشى بىلىدۇ،ھە راس سەنمۇ لۈكچەكقۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-28 00:11:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلبە يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 00:10
ئەمما ما تېمىغا سىندىن بىرنى قۇشۇپ قويساڭلا باشقىچە جا ...

شۇ سىن بارتى،،چىقمايۋاتىدۇ قانداق قىلسام مۇشۇ سىننىڭ ئادىرىسىنى كۈچۈرۈپ چاپلىيالايمەن،،،؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-28 00:12:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 00:10
مەنمۇ تازا ياخشى ئۇقمايمەن ،پۇتبول لۈكچەكلىرى ياخشى ب ...

ۋاي شۇ ھەممە ھۈنەرنى ئۆگىنىپ مۇشۇنى ئۆگەنمەپتىكەنمەن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-28 00:13:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 00:07
ئاداش ماڭا سىن قانداق چىقىرىشنى دەپ بەرسەڭلار چىرالم ...

سىننى نەدىن ئالغان؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-28 00:13:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 00:13
سىننى نەدىن ئالغان؟

سىنا  دىن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-28 00:15:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 00:13
سىنا  دىن..

مەنمۇ مۇشۇ چاغقىچە سىنانىڭكىنى يوللاپ باقمىغان،نەچچە سىناپ چىقىرالمىدىم،توغرا چۈشىنىڭلار ،ياردەم قىلالمىدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-28 00:16:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-28 00:11
شۇ سىن بارتى،،چىقمايۋاتىدۇ قانداق قىلسام مۇشۇ سىننىڭ ...

سىننىڭ كەينى تەرىپىگە بىرنى تۈكۈرۈپ چاپلىساڭلا ئاندىن چاپلىيالاسىلەنمىكىن چاقچاق
مەنمۇ تازا ئېنىق ئۇقمايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 09:09

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش