ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 17 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسدىكى بەشىنجى ئايلانمىسىدا ساھىپخان كوماندا ئارسىنال مىھمان كوماندا مارسىلى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، ئۆزىلنىڭ ئىپادىسى ئالدىنقى مەيداندا ياخشى بولمىسىمۇ ،ئەمما كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى ، شۇنداقلا 21ياشلىق ياش يېتىلىۋاتقان توپچى ۋېشىرغا بىرتوپ ياردەم ھۇجۇم قوزغاپ مۇسابىقىدە ئۇتۇشىنى بىكەتتى.
بۇ گىرمانىيەلىك ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئۆزىل(ئەسلى يۇرتى تۈركىيە تۈرۈك مىللىتىدىن مۇسۇلمان) ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئىككى قېتىم كەتكۈزۈپ قويۇپ مەستانىلەرنى تولىمۇ ئۈمۈتسزلەندۈردى.مۇسابىقىنىڭ 17-مىنۇتىدا لامۇسار بىرتوپنى سەكرەتكۈزۈپ پاس بەردى،ئۆزىل بۇ توپنى ئەپچىللىك بىلەن توختىتالماي ئۇدۇل قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاچىسىغا بەردى.ئىككىنجى بىر كەتكۈزۈپ قويغان توپى بولسا نۇختاتوپنى كىرگۈزەلمىدى.ئۆزىل ئارسىنالنىڭ ئىككىنجى نۇختا توپچىسى ،ئارتىتا بولمىسا ئۇ نۇختا توپ تېپىشنى ئۇستىگە ئالىدۇ.ئەمما ئۇ بىر سۈپەتسىز توپ تېپىپ ،بۇ توپ ۋارتا مەندەندا تەرپىدىن توسۋېلىندى. ئەلۋەتتا ھەربىر توپچىنىڭ نۇختا توپنى كەتكۈزۈپ قويىدىغان چاغلىرى بولىدۇ .بۇ توپ ئۇنىڭ توپچى ھاياتىدىكى 2-قېتىمقى كەتكۈزۈپ قويغان توپىسى ، بىرىنجىسى بۇلەيمدىىكى شوركا چاغلىرىدا كەتكۈزۇپ قويغان.ئەمما بۇ نۇختا توپ ئۇنىڭ ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەسر كۆرسىتەلمىدى ، كېينىكى يېرىم مەيدانىڭ 65مىنۇتىدا ئۇ بىر توپ ياردەم ھۇجۇمى قىلدى.بۇ ھۇجۇم ئۆزىلنىڭ ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسدىكى 19-ياردەم ھۇجىمى،بۇ ھۇجۇمدىن كېيىن ئۆزىل كاكا بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ، شۇنداقلا ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تۈزىمى ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى تارىختىكى ياردەمچى ھۇجۇمچى پادىشاھسىغا ئايلاندى. |
|