- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7760
- نادىر
- 18
- يازما
- 7760
|
ئېھتىمال كۆپلىگەن كىشىلەر چېلسىنىڭ مېھمان مەيداندا شىۋىتسارىيە بىرلەشمىسىدىكى بارسېل كوماندىسى تەرىپىدىن قوش بوغۇزلۇنۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىشى مۇمكىن ! مۇسابىقىدە بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ .بىراق كۆك كىيىملىك قوشۇن بۈگۈن سەھەردە ئىنتايىن ناچار نەتىجە ياراتتى .داڭلىق مەشقاۋۇل مۇرىنھونىڭ شاگىرتىلىرى نىمە ئىش قىلىپ قويدى ؟ ھاقارەت ...............بۇ ئايلانمىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا چېلسى 0 : 1 ئۇتتۇردى .مەسىلە بۇ يەردە ئەمەس ...
مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى كوماندا ئوتتۇرسىدىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ،چېلسى بۇ مۇسابىقىدە ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان .قاپقىغا توپ تېپىش 1 : 16 ،قاپقا دائىرىسى ئىچىدىكى توپ تېپىش 0 : 10 ،توپ كونتورول قىلىش 48 : 52 ،يەنى چېلسى پۈتۈنلەي پاسسىپ ئورۇندا ..خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،بارسېل كوماندىسى بۇ مۇسابىقىدە ناھايىتى شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ چېلسى سېپىنى گۇمران قىلىۋەتكەن .كەينى-كەينىدىن خەتەرلىك توپ تەپكەن .چېلسى مۇداپىئەچىلىرى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن .چېلسىنىڭ بىر توپ ئىستىمال قىلىشى تەلىيىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن دەپ قاراشقا بۇلىدىكەن .90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە جەريانىدا پەقەت بىر توپ تەپكەن .بىراق بۇ توپمۇ خېلى بەكلا قېيىپ كەتكەن .
چېلسى ئىلگىرى ئوينىغان 24 مەيدان ئۇزغۇنلۇقنىڭ ھەممىسدە توپ ئۇرغان .يېقىنقى 10 مەيدان ئۇزغۇنلۇقتا چېلسىنىڭ ھەر بىر مەيدانغا توغرا كەلگەن توپ سانى ئىككى يېرىمدىن توغرا كەلگەن .بۇ مۇرىنھونىڭ ئىككى قېتىم چېلسىنى يىتەكلەش جەريانىدىكى ئەڭ چوڭ ھاقارەتلىك نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .چېلىسى گەرچە ئۇتتۇرغان بولسىمۇ يەنىلا گۇرۇپتىن چىقتى .خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك .بىراق مۇرىنھو ۋە كوماندا ئەزالىرى خۇشال بۇلالمىدى .( رەسىم )
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى ) |
|