- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2751
- نادىر
- 0
- يازما
- 2751
|
ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 14- ئايلانمىسىدىكى مادرىد بىلەن ئارمىلىيا ئوتتۇرسدىكى جەڭدە رونالدو بىر توپ ئۇردى ۋە 52 مىنۇت بولغادىلا مەيداندىن ئايرىلىشنى تاللىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ پەي قىسمىنىڭ ئاغرۋاتقانلىقنى ھېس قىلغان. ئۇ مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەندىن كېين كۇلۇب دوختۇرلىرى ئانچە چوڭ چاتاق يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ يەنىلا بىر-قانچە كۈن ئارام ئېلىشنى تاللىغان. ئۇنداق بولغاندا رونالدو بۈگۈن كەچ تۈركىيە زاردارى گالاتا ساراي كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ.
رونالدو ھازىر مەرگەنلىكنى رەت تەرتىپىدە 8 توپ بىلەن بىرىنجى ئورۇندا. ئۇنىڭ ئارقىدىنلا قوغلاپ كىلىۋاتقىنى بولسا فىرانسىيە زاردارى، پارىژ سانت گىرمان كۇلۇبىدىكى ئىبراھىموۋېچ، ئۇنىڭ ئۇرغان توپى 7 . پەرىق پەقەتلا بىر. ھازىرقىدەك ئەھۋالداگالاتاساراي بىلەن بولغان مۇسابىقە رونالدو ئۈچۈن توپ ئۇرۇشقا ياخشى پۇرسەت ئىدى. بىراق رونالدو كۇلۇب دوختۇرى بىلەن يەنىلا مەيدانغا چۈشمەسلىكتە بىرلىككە كەلگەن.
مادرىد تېرنىرى ئەنچىلودى بۇ مۇسابقە ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹ مەن ئالدىمىزدىكى بۇ مۇسابقىدە 433 ياكى 442 سەپ شەكلىنى ئىشلىتىپ قىلىشىم مۇمكىن.›› ئۇ يەنە مۇنداق دېدى‹‹ بىزنىڭ يەنە ئىككى قېتىملىق مۇسابقىمىز بار، بىز ھەر ئىككىلىسىدىلا غەلبە قىلىشنى ئويلايمىز. ئەتىكى جەڭ كەسكىن ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن، چۈنكى گالاتا ساراي گۇرىپىدىن چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئوينايدۇ. لېكىن بۇنىڭغا بىزنىڭ تەييارلىقىمىز بار.››
رونالدونىڭ مۇسابىقىگە چۈشىدىغان ياكى چۈشمەيدىغانلىقى ھەققىدە سۇئال سورالغاندا:‹‹ رونالدو مۇسابقىگە چۈشىپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمىدى . ئۇنىڭ ئورنىدا بېل ئوينايدۇ.››
|
|