- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1175
- نادىر
- 2
- يازما
- 1175
|
بۇ ھەپتىدىكى ئېنگلاند بىرلەشمىسى 12-ئايلانمىنى تاماملىدى . ئارسېنال ئالدىنقى ئايلانمىدا مانچىستېر بىرلەشمىسىگە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ، بۇ ئايلانمىدا قارا تۇلپار ھېسابلانغان جەنۇبىي ئامپتون كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ بىرىنچىلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى . لىۋېرپۇل ئېۋېرتون بىلەن بولغان دېربىدا تەڭلىشىپ قېلىپ ئارسېنال بىلەن بولغان نومۇر پەرقى تۆتكە يەتتى . چېلسى غەلبىسى بىلەن ئۈچىنچىلىككە ئۆرلىدى . مانچىستېر بىرلەشمىنىڭ ئالدىدىكى قوشۇننى قوغلاش قەدىمى كاردىف شەھىرى تەرىپىدىن توسىۋىلىندى . مانچىستېر شەھىرى ئالتە توپ بىلەن توتتېنھامنى قىرغىن قىلىپ بىراقلا تۆتىنچىلىككە ئۆرلىدى .
ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 14-ئايلانمىدا ، ئالدىدىكى ئۈچ كوماندا ھەممىسى چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن رەقىبىنى قىرغىن قىلدى ، ئۇلارنىڭ كەينىدىكى كوماندىلارمۇ غەلبە قەدىمىنى داۋاملاشتۇردى . شۇڭا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئالدىنقى بىر نەچچە كوماندىلارنىڭ تەرتىپىدە ئۆزگىرىش بولمىدى .
13-ئايلانمىدىكى گېرمانىيە دۆلەت دېربىدا ، دورتمۇند پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى ، بايرىن ميۇنخىن بىرىنچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىگەندىن سىرت ، بۇ ئايلانمىدا 3 نومۇرنى ئوڭۇشلۇق ئالغان لېۋېركۇسېن دورتمۇندتىن ئىشىپ ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى . تۆتىنچى ئورۇندىكى مونشىنگلادباخنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ تۇراقلىشىپ دورتمۇند بىلەن نومۇر پەرقى ئۈچ نومۇرلا قالدى . ئۇلار ھەر ۋاقىت ئالدىنقى ئۈچ كوماندىغا خىرىس قىلىپ تۇرماقتا ...
ئىتالىيە بىرلەشمىسى 13-ئايلانمىدىكى ئەڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان مۇسابىقىدە ، قىزىل بۆرە رىم كوماندىسى رەقىبى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ بىرىنچىلىك ئورۇننى يۇۋېنتۇسقا تارتقۇزۇپ قويدى . ناپولى ئويلىمىغان يەردىن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى . ئىنتېر مىلان غەلبە قىلدى . ACمىلان يەنە بىر مەيدان تەڭلىشىپ قېلىپ ، نومۇر تاختىسىنىڭ ئوتتۇرا ئىقىمىدا ئۈزۈپ يۈردى .
فرانسىيە بىرلەشمىسىدە ، پارىژ ساينت ژېرمان يېڭىلمەسلىك نەتىجىسى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا مەھكەم پۇت دەسسەپ تۇرماقتا . پەسىل باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ كۈچلۈك رەقىبى بولىدۇ دەپ قارالغان موناكو ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرماقتا . ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىۋالغىنى لىل كوماندىسى (ماۋۇ كوماندىنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىكەنمەن ، بىلىدىغان دوستلارنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ) .
(رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ .)
|
|