شۇ يەر ۋاقتى 23-چىسلا سەھەر، ئاپتور(شىنلاڭ تەنتەربىيە سەھىپىسى گېرمان بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن بارغان) دولسدورىفتىن دورتموندقا قاراپ ماشىنا سەپرىنى باشلىدى. بىر سائەتلىك ماشىنا سەپرى ئاپتوردا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى .
ۋېستىفالۈن مەيدانى قايناپ كەتتى
ھاياجانلىق مىنۇتلارنىڭ يېتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتور مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باشقا ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن ۋېستىفالۈن مەيدانىڭغا يېتىپ كەلدى. پۈتۈن ئەتراپ سېرىق نۇرغا چۆمگەنىدى.
بىردەم تۇرۇپ ئەسەبى مەستانىلەرنى كۆرىسىز
ئاپتور مەيدان ئىشىكىگە يېتىپ كەلدى، مەستانىلەرنىڭ ھېسياتىنى ئۆزى بىلىپ بېقىش نىيىتىدە ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتتى. ئۇزاققا سوزۇلغان قەدەملەردىن كېيىن ئۆزىگە مەنسۇپ كۆرۈش سۇپىسىنى تاپتى. كەينىدىكى ئەينەكتىن ئۈستىدىكى رەسىمنى تارتىۋالدى.
ئەسەبىيلىك باشلاندى
مەيداندىكى ئۇرۇش ئوتىنى تەسۋىرلىگىلى بولمايتى. ئالدىنقى مەيدان بارلىق مەستانە مەسخىرسىنى بايرىن ۋارتارسى نويىرغا ئاتىدى. نويىر ئىلگىرى دورتموندنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى شالىك04 تىن يېتىشىپ چىققان ۋارتار ئىدى.
ئۇنىڭ قولى ھەر قېتىم توپقا تەككەندە، 80 مىڭ مەستانىنىڭ مەسخىرسى، ئىسقىرتىشى مەيداننى بىر ئالدى. بىراق ئەسەبىلىككە تولغان مەسخىرلەر كېينكى مەيداندا بولدى. گۆتزى مەيدانغا چىققان شۇ پەيتتە، مەيدان قوزغىلىپ كەتتى. قۇلاقنى يارغۇدەك مەسخىرە ئاۋازلىرى ئادملەرنىڭ قوبۇل قىلىش چېكىگە يەتكەنىدى. دورتموند مەستانىلىرىنىڭ بارلىق مەسخىرسى پەقەت بىر ئادەمگە، «خائىن» گۆتزىغا ئىدى.
گۆتزى توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلىمىدى
گۆتزى، بۇرۇنقى ئائىلىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى، 66-مىنۇت، گۆتزى ئەپچىللىك بىلەن بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيداندىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىدى، لېكىن گۆتزى تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلىمىدى، بۇۋاقىتتا ئۇنىڭ قىلالايدىغىنىمۇ شۇنچىلىك ئىدى.
گۆتزىغا قارتىلغان پىلاكاتلار
مۇشۇ ۋاقىتتا، ۋېستىفالۈندىكى «مەسخرە ئاۋازلىرى» مۇرەككەپ ھېسياتلارغا تولغانىدى. توپ كىردى، مەستانىلەرنىڭ يۈركىگە پىچاق تىقىلدى، پىچاقنى تىققۇچىنى ئۇلار ئىلگىرى ياخشى كۆرگەنىدى.
مەستانىلەر بالدۇرلا مەيداندىن ئايرىلىشقا باشلىدى
85-مىنۇتتا روبىن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-0 قىلدى، ساھبىخان مەستانىلىرى مەيداندىن ئايرلىشىقا باشلىدى، پەقەت 2مىنۇت، 2مىنۇتتىن كېيىن مۈللېر بىر توپ ئۇرۇپ ئۇتۇقنى مۇقىملىدى. دورتىموند ئۆزمەيدانىدا بەيرىنگە ئۇتتاردى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋاقتىدا، بەيرىننى باشلاپ ئۇتۇقنى ئالغان گۇادىئالا سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئايروپىلانغا كېچكىپ قالماسلىقنى باھانە قىلىپ تېزلا ئايرىلدى، پەقەت كىلوپلا قالدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش نەخمەيدانىدىن گۇادىئالا ئايرىلىپ، يالغۇز كىلوپلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇردى.
«يالغۇز» قالغان كىلوپ
مۇخبىرنىڭ گۆتزى توغۇرلۇق سورىغان سوئالىغا، ئامالسىزلىق بىلەن جاۋاب بەردى: «مەن بۈگۈنكى نەتىجىدىن ئەپسۇسلىنىمەن، گۆتزى مەيدانغا چىقتى، ئارقدىنلا توپ كىرگۈزدى، بۇ دېگەن پۇتبول، ئۇ دېگەن توپچى، بىر ياراملىق توپچى، تالانتلىق توپچى، ئۇ توپ كىرگۈزدى، بىراق بۇ قېتىملىقى دورتموند ئۈچۈن ئەمەس». |