ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2661 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-24 04:02
ئىككى ئاساسلىق ئوتتۇرا بىكىنىڭ يوقلىقى زىيان قىلدى ھەرىلەرگە ، ئورنىغا چىققانلار مەيداندا ئاساسى جەھەتتىن ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلغان بولسىمۇ ، بىرىنچى ۋە ئۈچۈنچى توپتا ئۇلارنىڭ بىۋاستە مەسئۇليىتى بار . مىيۇنخىنلىقلارنىڭ كۈرەپ چىقىرۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىمىكىن ، مىكتارىيان دىگەن بالىغا ھىلىقى توپنى غەلىتىلا تاشلاپ قويدى دىسە ، ئەگەر شۇ پۇرسەت تۇتۇلغان بولسا بەلكىم مەيداننىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى شۇ بولۇپ ئۇتتۇرغاندىمۇ نەتىجە مۇنداق بولۇپ كەتمەيتتى .
يەنە بىر تەرەپتىن ھەرىچاقلارمۇ پۇرسەت تۇتالمىدى ، توقسەن مىنۇت تىركىشىپ يامان ئەمەس ئوينىغىنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ نەچچىلا پۇرسەتنى قەدىرلىيەلىسە مەغلۇپ بولىشىڭ مۇمكىن . ماۋۇ نەتىجىنىڭ ئىگىسى مىيۇنخىننىڭ بۈگۈنكى ئوينىشى ئۇنچىۋالا داغدۇغلۇقمۇ ئەمەس ، لىكىن پۇرسەت تۇتۇشى بىلەن ئورۇندۇق كۈچى ئۈستۈن كەلدى .
‹‹ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار ›› بىرلەشمىدە ھەرىلەرنى ئۇتۇشنىڭ قانداق تۇيغۇلىقىنى مىيۇنخىنلىقلارمۇ سىغىنىپ قالغان . ئۆكۈنمە كىلۇپ ! |
|