ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3465 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئاتۇش شەھەرىمىزدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ‹تۇڭچىڭ لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى›گوروپ مۇسابىقىسىنى بۈگۈن ئاساسى جەھەتتىن تۈگۈتۈپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار مۇقۇملاشتى .
ئالدىنقى قېتىم كوماندىلار توغۇرلۇق مەلۇماتلار تازا يىتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن يوللانمىغان ،بۈگۈن مۇشۇ پۇرسەتتە گوروپ مۇسابىقىسى نەتىجىللىرىگە قېتىپ ئازراق تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي .
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە جەمى 9 كوماندا قاتناشقان،چەك تاشلاش ئارقىلىق ئىككى گوروپقا بۆلۈنۈپ مۇسابىقە ئوينايدىغان بولغان .
A گوروپ . سۇنتاغ يېزا ،ئازاق يېزا ،ئاغۇ يېزا ،شەھەرلىك دوختۇرخانا ،ئوبلاسلىق 3-ئوتۇر كوماندىللىرى.
B گوروپ .ئۈستۈن ئاتۇش بازار،شەھەرلىك 1-ئوتتۇر ،ئوبلاسلىق 1-ئوتتۇر،شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى كوماندىللىرى.
قاتناشقان تەنەركەتچىلەرگە كەلسەك سىرىتتىن قاتنىشىش چەكلەنگەن ،پەقەت قىزىلسۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستىمىز نۇپۇسى بولشى كىرەك ،كوماندىلارنىڭ كۈچ پەرقىنى بەك چوڭ قىلۋەتمەسلىك ئۈچۈن ،باشقا شەھەرلەردىن تەنەركەتچى ئەكىلىشكە قوشۇلمىغان .
سۇنتاغ كوماندىسى -نىزامىدىن ‹شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى، سابىق تاش ئالما كوماندىسى ئەزاسى ›تۇرسۇن ‹دۆلەت قۇملۇق كوماندىسى ›ئىمىنجان ‹پىداگۇگىكا ئونۋېرسىتىتى ›ئابىلجان ‹شەندۇڭ ب دەرجىلىكلەر كۇلۇبى ›قاتارلىق ماھىرلاردىن تەشكىللەنگەن.
ئاغۇ كوماندىسى - پەرھات ۋە ئىنىسى شۆھرەت قاتارلىق ئاغۇ ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن .
ئازاق كوماندىسى -ئىلھام ۋە ئازاق يېزىسىدىكى ياشلاردىن تەشكىللەنگەن.
شەھەرلىك دوختۇرخانا -شەھەردىكى پۇتبول سۆيەر ياشلاردىن تەشكىللەنگەن.
ئوبلاسلىق 3-ئوتتۇر كوماندىسى -مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى.
ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇر -مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ۋە نەسرۇللا .نىجات قاتارلىق بۇ يىلقى كاتتايلاق لوڭقىسىدا چىمپىيون چىققان ياشلاردىن تەشكىللەنگەن.
شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى-پىداگوگىكا ئونۋېسىتىتى سابىق كوماندا ئەزاسى مەردان قاتارلىق ياشلاردىن تەشكىللەنگەن .
ئوبلاسلىق 1-ئوتتۇر كوماندىسى -مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ۋە سىرىتتىن تەكلىپ قىلىنغان ئەزالار .
ئۈستۈن ئاتۇش بازار كوماندىسى -ئابدۇغەنى ،ئەكبەر قاتارلىق پۇتبول ئاساسى ياخشى ئەزالاردىن تەركىپ تاپقان .
4كۈنلۈك كەسكىن ئېلىشىشتىن كىيىن سۇنتاغ كوماندىسى ،ئازاق كوماندىسى،شەھەرلىك 1-ئوتتۇر مەكتەپ ،ئۈستۈن ئاتۇش بازار كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش شەرىپىگە ئېرىشتى .
سۇنتاغ 4-1ئازاق .سۇنتاغ 1-0ئاغۇ .سۇنتاغ 3-2شەھەرلىك دوختۇرخانا
ئازاق 1-4سۇنتاغ.ئازاق 3-1ئوبلاسلىق 3-ئوتتۇر.ئازاق 1-0 ئاغۇ .
شەھەرلىك 1-ئوتۇر 2-0 ج خ ئىدارىسى . شەھەرلىك 1-ئوتۇر 5-0 ئوبلاسلىق 1-ئوتۇر. شەھەرلىك 1-ئوتۇر 0-0ئۈستۈن ئاتۇش بازار .
ئۈستۈن ئاتۇش بازار 4-1 ئوبلاسلىق 1-ئوتتۇر . ئۈستۈن ئاتۇش بازار 5-0 ج خ ئىدارىسى . ئۈستۈن ئاتۇش بازار 0-0 شەھەرلىك 1-ئوتتۇر .
قىززىق نۇقتۇلار
سۇنتاغ كوماندىسى نىزامىدىن ،تۇرسۇن ،ئابىلجان ،ئىمىنجان ،قاتارلىق كۈچلۈك ماھىرلارنىڭ ياخشى ئىپادىسى ئارقىلىق چىمپىيون بولۇش ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقرى كوماندا دەپ قارالماقتا .بولۇپمۇ نىزامىدىننىڭ ئىپادىسى بەك يۇقرى .
ئۈستۈن ئاتۇش بازار كوماندىسى ھەممە ئەزاسىنىڭ بىر خىل تەكشى ماسلىشىشى بىلەن ئىپادىسى شۇنداق ياخشى كىتىپ بارىدۇ.
ئازاق كوماندىسى چىدامچانلىق بوشاشماسلىق روھى بىلەن كۈچلۈك كوماندىلارغا بۇزەك بولماي 4 كۈچلۈككە كىردى .
شەھەرلىك 1-ئوتتۇر -بارى مۇئەللىمنىڭ يىتەكلىشىدە ئەملى كۈچى بوش ئەمەس دەپ قارالماقتا .
يېرىم ھەل قىلغۇچ يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ .
سۇنتاغ يېزا كوماندىسى vsشەھەرلىك 1-ئوتتۇر كوماندىسى
ئازاق يېزا كوماندىسى vsئۈستۈن ئاتۇش بازار كوماندىسى .
|
|