ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 374 |
تۆھپىسى: سەر |
|
چىملىقتىكى پۇتبول رىۋايىتى (ھېكايە )
ئۈرۈمچى - ئاجايىپ شەھەر، ھەر خىل كەسىپ، ھەر خىل ئىشلار، خىلمۇ خىل ئىرىق، خىلمۇ خىل تۇرمۇش كەچۇرۇش ئۇسۇللىرى ...
1. باب تۇرمۇشنى قايتىدىن باشلاش
قۇياش نۇرى دېرىزىدىن كىرىپ، كارۋاتتا سۇزۇلۇپ ياتقان كېرەمنىڭ كۆزىگە سىنجىلدى، تېلغۇننىڭ قوڭغۇرىقىنىڭ جىرىڭلىشى بىلەن، بېشىنى ئاستا كۆتۇردى، قاتتىق ئاغرىۋاتقان بېشىنى سىلكىۋەتكەندىن كىيىن، ئاخشامقى كۆرىنىشلەر بىر بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتتى ‹‹ ئۇھ ... ›› دېدى ئۇ شۇ بولغان ئىشلارنى ئەسلىگەندىن كىيىن .... تېلغۇننى يەنە بىر ئېلىپ قارىدى : ‹‹ 3 - ئاينىڭ 24 - كۇنى ... ››
كېرەمنىڭ بىر ئاكىسى، بىر ئاچىسى بار ئىدى، بۇيىل 16 كىرگەن ئۇ مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كېرەم ھازىر بىر ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول كوماندىسىدا توپ ئويناش بىلەن مەشخۇل ئىدى ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ قىستىشى بىلەن ئۇ كۈنلىرىنى مۇشۇ ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول كۇلۇبىدا توپ ئويناش ۋە كەچلىك كۇلۇبلاردا مۇلازىم بولۇش بىلەن قامدايتتى ...
ئالدىراپلا سومكىسىنى ئالدىدە، ئاممىۋى ئاپتۇبۇس بېكىتىگە قاراپ يول ئالدى ....
ئىشتىن سىرىتقى كۇلۇب بولغانىكەن ئۆزىنىڭ مەيدانى يوق ئىدى، ئادەتتە مەكتەپلەرنىڭ مەيدانىنى ئىجارىگە ئېلىش بىلەن مەشىق قىلاتتى، كېرەم مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن، مەشىق قىلىۋاتقانلار ئارىسىدىن بىرسى چىقىپ كەلدى، بۇ مۇشۇ كۇلۇبنىڭ كاپىتانى پەرھات ئىدى، ھەممەيلەن ئۇنى ئاكا دەپ چاقىراتتى، ئەلۋەتتە ئوتتۇرا مەيدان ئوينايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇ ئىشتىن سىرىتقى كۇلۇبلار ئارىسىدا نامى بارلاردىن ئىدى.
- كېرەم، قانداقراق تۇرۇپسەن، ئەتە چەۋەندازلار كۇلۇبى بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىگە چۈشەلەمسەن يا ؟
- ياقەي مەسلە يوق، پەرەتكا سەن بىلىسەن بىز دېگەن كىما ؟
- ئاقسالىقنى بوش قىل، ئىشۇ ئوينىشىڭنى مەن بىلمەيدىغاندەك ... چاققان بېرىپ مەشقىڭنى قىل.
كېرەم پۇتلىرىنى كىرىپ، ئاز تولا بەدەن قىززىتىش ھەركىتىنى باشلىدى، مۇشۇ چاغدا مەيدان سىرتىدا قارا رەڭلىك ئاۋدى ماشىنا توختىغاندىن كىيىن، چاچلىرىنى رەتلىك تارىۋالغان 50لەردىن ھالقىغان بىرەيلەن چۈشۇپ كەلدى، كېرەم بۇ كىشىنىڭ پۇتبولنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ياش ۋاقىتلىرىدا ئانچە مۇنچە ناممۇ قازانغانلىقىنى، ھازىر بولسا مۇشۇ شەھەردە ئۆي مۈلۈك كەسپى ۋە باشقا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىناتتى، لېكىن ھاياتنىڭ قىسمەتلىرى ئۇنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئازىراقمۇ سۇسلاشتۇرالمىغان ئىدى، شۇ سەۋەبتىنمىكىن ئۇ مۇشۇ ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول كۇلۇبىنى قۇرۇپ چىققان ۋە باشقا بىر قانچە ئۆي مۇلۇك سودىگەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ بىر كىچىك بىرلەشمە تەشكىلىگەن ئىدى، ئۆزى كۇلۇبنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كىلىۋاتقان ئىدى ...
- يىغىلىڭلار ! - پەرھات مەشقاۋۇلنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كىيىن، توپچلارنى يىغدى.
- ئەتىكى مۇسابىقە بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، بولۇپمۇ بىز بىلەن مۇسابىقە ئوينايدىغان چەۋەندازلار كوماندىسى ھازىرغىچە 15 مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇب بولۇب باقمىدى، مۇشۇ پەسىلدىكى چىمپىيون بولۇشتىكى قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرسى ... كۆپچىلىك ئەتىكى مۇسابىقىنى ئەستايىدىل ئوينىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
- 15 مەيدان ئۇتتۇرمىغان بولسا كوماندىنىڭ كۈچىدىن گۇمانلانغىلى بولمىغىدەك. كۆپچىلىك بىرقانچە ئېغىزدىن سۆز قىلدى.
- بالىلار قوقماڭلار، بىزنىڭمۇ ئەمەلىي كۈچىمىز بوش ئەمەس، ئۇلارنى يېڭىشىمىزغا كۆزۇم يېتىدۇ، دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار، ھازىر سىلەرگە ئۇلارنىڭ كوماندىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۆلەپ ئۆتەي، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىدا ئاتۇشتىن كەلگەن مۇستافا ئوتتۇرا مەيدان ئوينايدۇ، ھۇجۇمنىڭ يادىروسى شۇيەردە، ئۇنىڭ بۆسۇپ كىرگەندىن كىيىنكى نومۇر ئېلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۇك، ئەگەر ئەتىكى مۇسابىقىدە بىز ئۇنى تۇسۇپ قالالىساقلا بىزنىڭ يەڭگىنىمىز شۇ.
ئورۇنلاشتۇرۇش تۈگىگەندىن كىيىن، قىسقا بولغان ئەمەلىي مەشىق باشلاندى، كېرەممۇ ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ھۇجۇم ئورنىغا قويۇلدى، ئۇ بۇ ئورۇننى تۈنجى قېتىم ئويناۋاتقان بولغاچقىمىكىن، سەل جىددىيلىشىپ قالدى، لېكىن ھاياجانمۇ بار ئىدى، مەشىق باشلىنىپلا كۆپچىلىك توپنى ئۇنىڭغا بەرگەندە ھەر قېتىم بىلىپ بىلمەيلا بۇرۇنقى ئارقا بەل ئويناۋاتقان چېغىدەكلا توپنى بىر توختىتىپ سالدى، مانا شۇ چاغدا بېك ئۇنىڭ پۇتىدىكى توپنى تارتىۋالدىدە چاققانلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى...
مەشقاۋۇل ئەھۋالنى كۆرگەندىن كىيىن، كېرەمنى يېنىغا چاقىرىتتى :‹‹ نىمە بولدى ساڭا؟ بېرەر يېرىڭ ئاغرىمدۇ؟ نىماندا توپلا ئالساڭ توختىتىپ يۈرىسەن، چاققان چاققان ھەركەت قىلمامسەن؟ ›› ‹‹ - ياقەي بېرەر يېرىم ئاغرىغانغۇ يوق، تېرنىر ماڭا يان تەرەپكە تارتىپراق ئويناشقا رۇخسەت قىلسىڭىز ›› ‹‹ مەنمۇ شۇنى ئويلىغان، سۇرئەت تىزلىكىڭدىن قارىغاندا يانغا تارتىساڭمۇ بولىدۇ، يادىڭدا بولسۇن، مەيدانغا قايتىقاندىن كىيىن ك
ۆپرەك بىزنىڭ يان تەرەپتىكى ئەزالىرىمىز بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرغىن، ساڭا ھۇجۇم ئورنىدا تېخىمۇ كەڭرى بوشلۇق بېرەي ... ››
كېرەم مەيدانغا قايتىپ بارغاندىن كىيىن مەشقاۋۇلنىڭ مەقسىتىنى كۆپچىلىككە دېدى، كۆپچىلىك بېشىنى لىڭشىتتى، پەرھات كۆڭلىدە :‹‹ مەشقاۋۇلغا نىمە بولدىكىنە؟ ئەجىبا ئەتىكى مۇسابىقىدە مۇشۇ شۇمنى ئاساس قىلىپ ئوينايدىغاندىمىزمۇ؟ ›› دەپ ئويلىدى.
ئورنىدا ئۆزگىرىش بولغان كېرەم قايتىلەتتىن كۈچكە تولغان ئىدى، مانا ئەمدى توپنى ئالغاندىن كىيىن يان تەرەپتىن بېسىپ كىرىپ، بەدەننى قايتىدىن بۇراپ دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن بىر قانچە خەتەرلىك توپلارنى كىرگۈزدى، مانا ئەمدى مەشىقتىكى باشقا ئەزالار ئۇنى توسماقنىڭ بارغانسىرى تەس بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى، يېرىم سائەتلىك قىسقا مەشىقتىن كىيىن، تېرىنىر كوماندا ئەزالىرىنى يىغدى، ئەتىكى مۇسابىقىدىكى تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرىشىنى باشلىدى :
- ھەممىڭلارغا ئايان، قارشى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى ئالاھىدە كۈچلۇك، شۇڭا مەن مۇنداق ئورۇنلاشتۇردۇم، بىز توپنى ئالغاندىن كىيىن تىزلىك بىلەن توپنى پۇتىمىزدىن چىقىرىمىز، بولۇپمۇ يان تەرەپكە كېرەم تەرەپنى ئاساس قىلىمىز، چۇشەندىڭلارمۇ؟
- لېكىن - پەرھات سۆز باشلىدى - بۇنداق بولغاندا تېرىنىر بىزدە پاستا شۇنچىكى چاتاق چىقسىلا دۈشمەن ھۇجۇم باشلايدىغان ئىش چىقىدۇ
- شۇڭا ئەتىكى مۇسابىقىدە مۇداپىيىنى دائىرىسىنى كىچىكلىتىمىز، بولۇپمۇ بىزنىڭ توپ رايونىمىز ئەتراپىدىلا مۇداپىيە قىلىشقا ئۆتىمىز، باشقا چۈشەنمىگەن نۇقتىلار بارمۇ؟
ھەممەيلەن باش لىڭشىتقاندىن كىيىن بىردىن ئىككىدىن تارقىلىشقا باشلىدى. پەرھات كېرەمگە قاراپ :
- ياخشىغۇ؟ ئەتىكى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى ساڭا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى،
- شۇ سېنىڭ يىتەكلىشىڭنىڭ نەتىجىسىغۇ بۇ.
- چىرايلىق گەپلىرىڭنى قۇيۇپ، بۈگۈن ياخشى دەم ئالغىن، ئەتە ئەگەر قىلچە خاتالىق چىقىرىدىغان بولساڭ ..
ئۇلار بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ بىردەمدىلا بېكەتكە كېلىپ قالدى، كېرەم چۈشتىن كىيىن قانغۇچە ئۇخلىۋالغاندىن كىيىن، كەچلىك كۇلۇبقا كەلدى، مانا ئەمدى ئۇنىڭ خىزمىتى باشلانغان ئىدى، بۇ كۇلۇبنىڭ خوجايىننىڭ ئىسىمى ئابدۇللا بولۇپ، توپخۇمار ئىدى، لېكىن ھاراقنى ھەددىن زىيادە جىق ئىچكەنلىكتىنمىكىن سالامەتلىكى ئانچە دېگەندەك ئەمەس ئىدى، ھەممەيلەن ئۇنى گاسىيا دەپ چاقىراتتى.
- ئابدۇلكا، ئەتە مەيدانغا چۇقۇم بارغىن، ساڭا غەلبىنىڭ تەمىنى تېتىتمىسام بولمايدۇ؟
- ئاقسا شۇمنى، ئاتە پولىرىڭنى، بوپتۇ بارساممۇ باراي لېكىن، قانداراق ئويناسەن دەيمەن ئۇكا؟
- خۇشاللىق بار قاراپ تۇر.
- ۋاي سەن ماڭا خوشاللىق بەرگۈچە، باشلىرىم ئاقىرىدۇ مېنىڭ، ساقام. لېكىن ئاكاڭنىڭ ساڭا سوۋغىسى بار. - شۇنداق دېگىنىچە گاسىيا تارتمىدىن بىر جۈپ ئادىداس ئاياقنى ئۇنىڭغا سۇندى.
كۆزلەردىن تاراملاپ ئاققان ياشلار كېرەمنىڭ مەڭزىدىن چۈشتى، بىر جۈپ ئاياققا قانچە ئىنتىزار بولغان ئىدى ھە.
- رەھمەت ئابدۇلكا.
- رەھمىتىڭنى قوي، ما يۈز كوينى ئېلىپ، ئۆيىڭگە بېرىپ ئوبدان ئارام ئالغىن، ئاكاڭ بۈگۈن ئۆزى يىتىشىدۇ، لېكىن يادىڭدا بولسۇن، ئەتىكى مۇسابىقىنى ياخشى ئوينا، ئۇ كوماندىنىڭ تېرىنىرى بىلەن ئاكاڭنىڭ خۇشى يوق، چۈشەندىڭما؟
- خاتىرجەم بولغىن، ئاكا.
- ھىم، توختا، ساڭا دەيدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەن سول تەرەپ ئوينايسەنغۇ؟ ھە دەل شۇ تەرەپتە تارتۇقى بار بىرەيلەن بار، ئۇنىڭ بىر ئىشى بەك ئالدايدىغاندىن، سەنچۇ، بىر قانچە قېتىم ئادەتتىكى چاغلاردا ئالدىنىپ بەرگىن، ھالقىلىق چاغدا پۇت سالساڭلا ۋاراتار بىلەن يۈزمۇ يۈز بولىسەن، چۈشەندىڭمۇ؟
- بىلدىم ئاكا.
ئۇ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، كۆزىنى ئاستا يۇمدى، كۆڭلىدە ھامان نام چىقىرىمەن، دەل شۇ چاغدا ئابدۇلكامغا ئوبدان رەھمەت ئېيتمايدىغان بولسام دەپ ئويلىدى.
( داۋامى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىلىدۇ. ) |
|