ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3575 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
11 - ئاينىڭ 18- كۈنى سەھەر بىرازىلىيەدىكى فىلامىنسى كۇلۇبى گۇاڭجو خېڭدا كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان كونكانىڭ رەسمى كۇلۇبقا قايتقانلىغىنى ئېلان قىلدى .
گۇۋاڭجۇ خېڭدا كوماندېسىنىڭ كونكانى پەقەتلا قويۇپ بەرگۈسى يوق . چۈنكى ئۇنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا تېرنىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماھىر. بىراق ئۇ كىتىشنى ئۆزى تەلەپ قىلغان. كۇلۇب تەرەپمۇ ئامالسىز ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولغان.
كونكا گۇاڭجو خېڭدا كۇلۇبىدا 2 يىل توپ تەپكەن بولۇپ ئۇنىڭ بىرازىلىيەگە قايتىشىغا ساناغلىق كۈنلەرلا قالدى . كوڭكامۇ ئۆزىنىڭ بۇ كۇلۇب بىلەن 3 يىللىق توختام تۈزگەنلىگىنى ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ فېلامىنسې كۇلۇبىغا قايتقانلىغىدىن ئىنتايىن خوشال ئىككەنلىگىنى ۋە ناھايىتى ھاياجانلىق ھېس قىلىۋاتقانلىغىنى بىلدۈردى ،
فېلامىنسې كۇلۇبىدىكى پوتبول مەستانىلىرىمۇ كونكانى چولپان دەرىجىسىدىكى پوتبولچى ئورنىدا كۈتۈۋالماقچى بولۇۋاتقان بولۇپ ، ئۇنىڭ يوغان سۈرىتىنى چىقىرىپ« كونكا سەن كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرسى»دېگەن لوزۇنكىلارنى ياساپ تەييارلىغان.
|
|