ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8571 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-20 23:35
11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى دۆلىتىمىز تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسدا توپ تېپىدىغان جوڭگۇلۇق « راموس » دەپ نامى بار جاڭ لىنپېڭ مۇشۇ قىشلىق توپچى يۆتكەش بازىرىدا گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە بېرىشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ .بۇ توپچى ئىلگىرى ئۆزىنىڭ گېرمانىيە ۋە ئېنگىلاند بىرلەشمىسدە توپ تېپىش ئارزوسىنىڭ بارلىقىنى ،شۇنداقلا مانچېستىر بىرلەشمىسىدە توپ تېپىش ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزوسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن .ئىگىلىنىشچە ،جاڭ لىنپېڭ ھازىر جۇڭگولۇق توپچىلارنىڭ ئىچىدە باھاسى ئەڭ يوقۇرى بولۇپ ، پۇتبولچى يۆتكەش بازىرىدىكى باھاسى بىر مىليون ياۋرو قىلىپ بېكىتىلگەن .( ئالدىنقى پەسىلدىكى 750 مىڭ ياۋرودىن بىراقلا بىر مىليونغا ئۆرلىگەن )
گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىدىكى ئىتالىيەلىك داڭلىق تېرىنىر لىپىنىڭ قارىشىدا ،جوڭگۇدا ياۋروپا بىرلەشمىسدە توپ تېپىشكە ماس كېلىدىغان توپچىلاردىن پەقەت ئىككىسى باركەن .بىرسى دەل مۇشۇ بەدىنىگە گۈل چېكىۋالغان جاڭ لىنپېڭ ئىكەن .ئەمىلىيەتتە ، بەدەن سۈپىتى ياخشى قاۋۇل بولغان بۇ توپچى 2010-يىلىلا گېرمانيەدىكى لۋېركوسىن كۇلۇبىنىڭ دىققىتىنى تارتقان .2012-يىلى ، لىپى گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسنى باشلاپ ئىسپانىيەدە مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ، جاڭ لىنپېڭ گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەدىكى بەزى كولۇبلارنىڭ تەكلىبىنى تاپشۇرۋالغان .
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )
|
|