ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3129 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-18 09:37

شىنلاڭ تەنتەربىيىسى خەۋىرى:ھەممىزگە مەلۇم يۇۋىنتىسنىڭ پولاتتەك قورغىنى بىلەن كۈچلۈك ئوتتۇرا مەيدان سەپ شەكلى ،ئىتالىيەدە شەكسىز ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.ئەمما بىر نۇقتا ھەمىشە كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمى ۋە تېرىنېرنى رازى قىلالماي كەلدى..ئۇنداقتا بۇ ئۇرۇن قايەر؟
بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش باشلانغاندىن باشلاپلا يۇۋىنتىس جىددى تۈردە ھۇجۇمچى كىرگۈزۈش بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى،ئەمما بۇ ئىشلىرىمۇ ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالدى.ئاخىردا بولسا مانچىستىر شەھەر كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى تېۋىزنى قۇشۇۋالدى..بىرلەشمە دەسلەپكى باشلانغاندىن كىيىنكى ئەھۋالى ھەممىزگە ئايان....ناپلىسنىڭ شىددەك بىلەن ئادەم تۇلۇقلاپ تەھدىد بۇلىشىشى،رىم كوماندسىنىڭ بۇ يىل يېڭى تېرىنېرنىڭ قۇلىدا قالتىس ئېچىلىپ كىتىشى نەتىجىسى ئاستىدا ئىتالىيە بىرلەشمىسىمىۇ كۈچلۈك رەقىپلەرنىڭ تىركىشىش سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالدى.گەرچە تېۋىزنى قۇشۇۋالغان بولسىمۇ بۇ يىللىق ئىپادىسى ئۆتكەن يىلقىغا سېلىشتۇرغا ئانچە كۈرۈنەرلىك ئەمەس،،شۇڭىلاشقا كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمىنىڭ دۇنياۋى ھۇجۇمچى كىرگۈزۈش خىيالى قىش كىرىشى بىلەن يەنە ئەۋج ئالماقتا..
شىۋىتسىيە ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە:ئېنگىلات زەردارى لېۋىرپول كوماندىسى يۇۋىنتىس كۇلۇبىدىكى بونۇچ بىلەن مارچىشىيوغا تەكلىپ ئەۋەتكەن بۇلۇپ،ئەمما ناھايىتى تىزلا قارشىلىققا ئۇچىرغا.سەۋەپ ئېنىق يۇۋىنتىس كۇلۇبى شۇنى ئۈمۈد قىلدۇكى سۇيارىس يۇۋېىنتىسقا كەلسە لېۋىرپول بىلەن ھەرقانداق سودا ئەمەلگە ئاشقۇسى.ئەمما ئالدىنقى شەرتىنىڭ يەنىلا سۇيارىس ئىكەنلىكى ئېنىق.
ھازىر سۇيارىزغا بولسا ئارسىنال،يۇۋىنتىس،خانلىق مادىرىت كوماندىلىرى ئىنتايىن قىززىقىۋاتقان بۇلۇپ ،ئۇنى يۆتكەپ كىلىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى.بۇلارنىڭ ئارىسىدا مادىرىت بۇ توپچىغا ئەڭ يېقىنلاشقان ،سۇيارىسنىڭ مادىدىرتقا بېرىپ توپ تىپىش ئارزۇسى بار ئەلۋەتتە.
ئەنگىلىيە« كۈندىلىك تىز خەۋەرلەر»گېزىتىدە يۇۋىنتىس كۇلۇبىنىڭ سۇيارىسقا ئىرىشىش ئۈچۈن لېۋىرپول كۇلۇبىغا رەسمى تۈردە 50مىليون ياۋرۇ باھا قويغانلىقى ئاشكارلاندى.بۇ باھا سۇيارىزغا نىسپەتەن تولىمۇ مۇۋاپىق باھا ئەلۋەتتە.قېنى بۇنىڭ جاۋابىنىمۇ يۆتكىلىش بازىرىدا كۈرەمىز.
شۇنداق يۇۋىتىسنىڭ ھۇجۇمچى كىرگۈزۈش ئىستىكى شۇنچىلىك يۇقىرى.«دۇلىن تەنتەربىيە گېزىتى» يۇۋىنتىس كۇلۇبىنىڭ بەيرىمىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ كىرودىيەلىك ھۇجۇمچىسى مەنزۇجىچغا ئىرىشكىسى بارلىقىنى بىلدۈردى.ھەمدە 23مىليون باھا قويغان.ئىككى كۇلۇپنىڭ يۇقىرى قاتلىمى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرى رەسمى سۆھپەتنى باشلايدىغان بۇلۇپ،بۇ سودىنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى بىر قەدەر يۇقىرى دەپ قارالماقتا..
مەنزۇجىچ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنى يۇۋىنتىس ئۆزمەيدانىدا مادىرىت كوماندىسىنى كۈتىۋالغان كۈنى، نەق مەيدانغا كىلىپ مۇسابىقە كۆرگەن.
كۇلۇپنىڭ قارىشىچە مەنزۇجىچ بەلكىم كىلەر يىلى 6-ئايدا كوماندىدىن ئايرىلىدۇ.ھەمدە كىيىنكى ئائىلىسى يۇۋىنتىس بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.ئىگىلىنىشچە يۇۋىنتىس تەرەپ ئاللا-بۇرن بۇ توپچىغا 4يىلىىق توختام تەييارلىغان. |
|