- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7849
- نادىر
- 19
- يازما
- 7849
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-17 18:28
بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە ، 2014-يىلدىكى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش ئافرىقا رايۇنىىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مەيدان قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ ،نېگىرىيە كوماندىسى ئىككى ئايلانمىدا 4 : 1 نەتىجە بىلەن ئىفوپىيە كوماندىسنى شاللاپ بۇ رايۇندا تۇنجى بۇلۇپ دۇنيا لوڭقىسى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالدى .كوتىدىۋار بولسا 1 : 1 تەڭلىشىپ ،ئومومى نۇمۇردا 4 : 2 نەتىجە بىلەن سېنگالنى شاللاپ بىر بېلەتنى ئالدى .
ياۋروپا رايۇنىدا بولسا ئىسلاندىيە 0 : 0 كىرۇدىيە بىەن تەڭلەشتى .پورتۇگالىيە 1 : 0 شېۋېتسىيەنى مەغلۇپ قىلدى .ئوكرائىنا 2 : 0 فىرانىسيەنى يەڭدى .گىرىتىسيە بولسا 3 : 1 نەتىجە بىلەن رۇمىيەنى مەغلۇپ قىلىپ دۇنيا لوڭقىسىغا يېقىناشتى .بۇ كوماندىلارنىڭ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ .مۇشۇ مۇسابىقىدن كېيىن تۆت كوماندىنىڭ بىرازىلىيەگە بېرىشى مۇقىملىشىدۇ .
ھازىر ئافرىقا رايۇنىدا يەنە ئۈچ مەيدان قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئوينىلىدۇ . يەنى : 17-چىسلا كەچتە كامېرۇن بىللەن تۇنىس تۇتۇشىدۇ .( ئالدىنقى ئايلانما 0 : 0 تەڭلەشكەن ) 19-چىسلا كەچتە مىسىر بىلەن گانا ئوينايدۇ .( ئالدىنقى قېتىم مىسىر 1 : 6 نەتىجە بىلەن ئېچىنىشلىق تەسلىم بولغان ) 20-چىسلا كەچتە ئالجىرىيە بىلەن بۇركىنا فاسو تۇتۇشىدۇ .( ئالدىنقى قېتىم ئالجىرىيە 2 : 3 ئۇتتۇرغان )
يەنە ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ، ئۇراگۋاي 5 : 0 نەتىجە بىلەن ئاسىيادىكى ئىئوردانىيەنى مەغلۇپ قىلىپ دۇنيا لوڭقىسىغا كىرىشى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملاشتى .مېكسىكا بولسا 5 : 1 يېڭى زىللاندىيەنى يېڭىپ بۇلارنىڭمۇ بىر پوتى كىرىپ بولدى .بۇ ئىككى كوماندىنىڭ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىسى 24-چىسلا كەچتە ئۆتكۈزىلىدۇ .پەۋقئۇلادە بىرەر ئىش چىقمىسىلا بۇ ئىككى كوماندىنى كېلەر يىلى بىرازىلىيەگە بارىدۇ دەپ ئېيتىشقا بۇلىدۇ .شۇنداق قىلىپ ھازىرغا قەدەر دۇنيادا جەمىي 23 كوماندا دۇنيا لوڭقىسى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ بولدى .بۇلار تۆۋەندىكىچە :
1-بىرازىلىيە ( ساھىبخان دۆلەت )
2-ياپۇنىيە
3-كورىيە
4-ئىران
5-ئاۋىستىرالىيە
6-ئىتالىيە
7-گوللاندىيە
8-گېرمانىيە
9-بىلگىيە
10-شىۋىتسارىيە
11-ئېنگىلاند
12-ئىسپانىيە
13-بوسىنىيە
14-روسىيە
15-ئارگېنتىنا
16-كولومبىيە
17-چىلى
18-ئېكىۋاتۇر
19-ئامېرىكا
20-كوستارىكا
21-ھۇندۇراس
22-نېگىرىيە
23-كوتىدىۋار
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )
|
|