- تىزىملاتقان
- 2013-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1941
- نادىر
- 4
- يازما
- 1941
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-16 13:12

شىنلاڭ تەنتەربىيىسى خەۋىرى:پورتۇگالىيە بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە،رونالدو ناھايىتىمۇ ھالقىلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزدى.مۇسابىقىدىن كىيىن ئۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ: پورتىگالىيە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلىپ كوماندا ئەزالىرىغا ئىنتايىن مۇھىم بولغان روھى جىمجتلىققا ئىرىشتى.بىز ھازىر تولىمۇ ئەركىن ،ئەمدى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ كىينكى مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز.«ھەپتىنىڭ ئىككىسى بىزنى بىر مەيدان ھايات ماماتلىق جەڭ ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ»
مەن مۇسابىقە جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھالقىلىق بىر توپ كىرگۈزدۈم.بۇ بىرتوپ بىزگە غەلبىگە بولغان ئىشەنچ ئېلىپ كەلدى.مىنىڭ ئەسلى يەنە نۇرغۇن توپ ئۇرغۇم بار ئىدى.ئەمما ئاخىردا بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمىدىم.مۇسابىقىدىن كىيىن ئۇ ئاخپارت ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى:بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىدىن بىز مەمنۇن بولدۇق.بىز داۋاملىق تىرىشىپ كىيىنكى مەيداندىمۇ غەلبە قىلىشنى ئويلايمىز،ئەمما مۇسابىقىنىڭ ئادىل ھەم تەڭپۇڭ بۇلىشى ناھايىتىمۇ زۆرۈر ئەلۋەتتە.
پورتىگالىيە بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىى ئالدىن تاللاش قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسى بۈگۈن سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ.داڭلىق ھۇجۇمچى رونالدونىڭ بىر توپى ئۇرۇشى بىلەن قىممەتلىك 3نۇمۇرنى ئېلىپ،بىر پۇتى دەسسەپ بولدى.ئەمما ھەرگىزمۇ بىخەستلىك قىلماسلىق زۆرۈرۈ .بولمىسا خەتەرلىك ئاقىۋەتنى يۈبەرمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ.ئەمدى گەپ رونالدونىڭ ئەڭ ياخىشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ.كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ياخىىشى نەتىجە يارىتىشىدا قالدى.تىرىشىڭلار ئەزمەتلەر!!! |
|