elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 865|ئىنكاس: 40

پۇتبول يۇمۇرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-13 14:26:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
1.
ئا: ئاداش ئاڭلىدىڭمىكىن، مېسسىنىڭ ئىككىلى پۇتى يارىلىنىپتۇ.
ب: ئاڭلىدىم. مەن شۇنداق بولىشىنى ئۆتكەن يىلىلا پەرەز قىلىپ بولغان.
ئا: قانداقسىگە؟
ب: رونالدو، زىدانىلارنى بىلىسەنغۇ؟
ئا: ئەلۋەتتە.
ب: ھەر ئىكىسىنىڭ بويى، بەدىنى خېلىلا بار. كۈچىمۇ ھەم دىگىنە. شۇلار نەچچە قېتىم ئالتۇن توپ ئالالىدى بىلەمسەن؟
ئا: ئۈچ قېتىمدىن.
ب: ھە توغرا. رونالدىنىھونىڭ بويى ھەم بەدىنى رونالدو ،زىدانىلاردىن ۋىجىكرەك، ئۇ نەچچە قېتىم ئالدى بىلىسەنغۇ؟
ئا: ئىككى قېتىم
ب: سەن بۇرۇن ئالتۇن توپ ئالغانلارنىڭ ئالتۇن توپنى بىر قولىدا كۆتۈرۈپ چۈشكەن رەسىملىرىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭ؟
ئا: ياق
ب: شۇ ئالتۇن توپنىڭ ۋەزنى خېلىلا ئېغىر دىگىنە. بەدەنگە قاراپراق بەرمىسە،  كۆپ بىرىۋەتسە كۆتۈرەلمەيدىغان ئىش چىقىدۇ. مېسسىنىڭ ئاۋۇ ۋىجىك بويى بىلەن ئەسلى ئىككىنى ئالسا ئەڭ مۇۋاپىقتى. ئەمما FIFA دىكىلەر جۈپ يىللاردىمۇ(2010، 2012 دىمەكچى، دۇنيا لوڭقىسى، ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرى بار ئەمەسمۇ) مېسسىغا ئالتۇن توپنى زورلاپ كۆتۈرتۈپ قويۇپ ئاخىرى كۆتۈرەلمەي پۇتى يارىلىنىپ يېتىپتۇ يا ئاينا.

2.
ئا: ئاداش دەپ باقە، بىر پۇتبولچىنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا ئۇرغان توپىنىڭ قىممىتى ئەڭ چوڭ بولىدۇ؟
ب: ئەلۋەتتە پەسىل ئاخىرىدىكى  بىرلەشمە چىمپيونلىقى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغان، دۆلەت ئىچىدىكى لوڭقا مۇسابىقىلىنىڭ ئاخىرقى شاللاش ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىدىكى، ئۇزغۇنلۇقنىڭ شاللاش باسقۇچلىرى ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىدە ئۇرۇلغان توپنىڭ قىممىتى ئەڭ چوڭ بولار.
ئا: خاتا..
ب: قانداقسىگە؟
ئا: كۇلۇب ئۈچۈن ئېيتقاندا سەن دىگەندەك بولىدۇ. ئەمما پۇتبولچىنىڭ شەخسى شان-شەرىپى ئۈچۈن بولغاندا ئۇنداق بولمايدۇ.
ب: قېنى دەپ باقە؟
ئا: ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئىسپان بىرلەشمىسى باشلانغان ۋاقىتتا رونالدو بىلەن مېسسى ئىككىسىنىڭ قايسىسى ئەۋزەلرەك ئورۇندا ئىدى بىلىسەنغۇ؟
ب: ئۇ ۋاقىتتا رونالدونىڭ ئىسپان بىرلەشمە چىمپىيونى، دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقا چىمپيونى مېسسىدىن قېلىشمىغۇدەك ئۇرغان توپ سانى بارتى، شۇڭا پەقەت قىممىتى تۆۋەن شاھلىق لوڭقىسىنىلا قولغا كەلتۈرگەن مېسسىدىن رونالدو ئەۋزەل ئورۇندا ئىدى.
ئا: كىيىن قانداق بولدى دەپ باقە؟
ب: كىيىن مېسسى 9-ئايدىن تاكى يىل ئاخىرىغىچە توختىماي توپ ئۇرۇپ يىللىق توپ ئۇرۇش سانىدا رونالدودىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. رونالدو بولسا بىردەم كۆڭلۈم يېرىم بوپ قالدى دەپ، بىر دەم خىيالى يۈرۈپ ،ئاخىرىدا يەنە مېسسى ئەپ كەتتىغۇ ئالتۇن توپنى.
ئا: نەق شۇنداق، بۇنىڭدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغىنى مېسسىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى، پەسىل بېشىدىكى مۇسابىقىلەردە كىرگۈزگەن توپ سانى بولدى. ئەمەلىيەتتە مېسسىنىڭ ئالدىنقى پەسىلدە ئۇرغان توپىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاشۇ ئايلاردا ئۇرۇۋالغان.
ب: راست شۇنداق بوپتىكەن.
ئا: ماۋۇ يەرگە قاراپ باق، بارسا مەستانىلىرى ھازىر نىمە دەۋىتىپتۇ؟
ب: «مېسسى ئالدىنقى پەسىلدە 60 توپ ئۇردى، شۇڭا بۇ يىللىق ئالتۇن توپنى مېسسىغا بېرىش كىرەك» دەپتۇ. خاتا ئەمەسقۇ مەنچە؟
ئا: ئويلاپ باقمامسەن،   بايا دىدۇق مېسسىنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى ئۇرغان توپىنىڭ كۆپ قىسىمى 2012 -يىلىغا تەۋە، ھەم شۇ توپلارغا تايىنىپ رونالدودىن ئۈستۈن كىلىپ ئاخىرقى شان شەرەپنى قولغا كەلتۈرگەن دەپ.  ئەمدى نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەنگەنسەن؟
ب: 9-ئايدىن يىل ئاخىرىغىچە ئۇرغان توپنى ئىككى قېتىم ھىسابقا كىرگۈزگىلى بولىدىكەنغۇ راست.
ئا: ئۇنداق بولسا دەپ باقە، قايسى ۋاقىتتا ئۇرغان توپنىڭ قىممىتى ئەڭ چوڭ؟
ب: ئەلۋەتتە پەسىل بېشىدىكى 9-ئايدىن يىل ئاخىرىغىچە ئۇرغان توپ بولمامدۇ.
ئا: مادىرىددىكى رونالدونىڭ ماۋۇ پەسىل بېشىدا نىمىشقا جان جەھلى بىلەن توپ ئۇرىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلگەنسەن.
ب: ماۋۇ گۇيلارنى قاراڭ....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
oyhan + 50 قوللاش!
turk222 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-13 14:37:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turk222 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-13 14:38  

بىزمۇ ىولتۇرۇپ باقىلى مۇنداق!
ھەقىقەتەن مەنىسى چوڭقۇر يۇمۇركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-13 14:37:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مەنىسى چوڭقۇر يۇمۇركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-13 14:47:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   يۇمۇر  ئەمەسكەن …ئىككى مادىرىد مەستانىسنىڭ  دەردىكەنغۇ…   شۇ  بىز  ئۈچۈن   يۇمۇر…  ھى  ھى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +1 تۆھپە +1 شۆھرەت +1 تەجرىبە +1 يىغىش سەۋەبى
top-targuqi + 1 + 1 + 1 + 1 ناھايىتى توغرا دەپسىز

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-13 15:00:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاكزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-13 15:01  
خەپشۈك يوللىغان ۋاقتى  2013-11-13 14:47
بۇ   يۇمۇر  ئەمەسكەن …ئىككى مادىرىد مەستانىسنىڭ  دەردىك ...


ئەكىلڭە قولىڭىزنى . كوڭلۇمدىكىدەك گەپ قىلۋىتىپسىز .ئەمدى ۋاختىمنى ئىسراپ قىپ ئىكاس يىزىپ  يۇرمىسەممۇ بۇلدىغان بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-13 15:06:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardar1818 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-13 15:10  

ئەمما ماۋۇ يۇمۇرنى  ئەسكى تاملىقنىڭ ئاپتاپ چۈشكەن يەرىدە  پۇت-قولنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئولتۇرۇپ  خام مۇخۇركىنى يۆگەپ چەككەچ ئاڭلىسا  سەت سسىق ئاڭلىنىدىكەن  ھى ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-13 15:07:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[بىركىچىك ئۇلۇغ تنىۋەتكەندىن كىيىنكى، ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈمسرىگەن چىراي ئىپادىسى]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-13 15:07:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[بىركىچىك ئۇلۇغ تنىۋەتكەندىن كىيىنكى، ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈمسرىگەن چىراي ئىپادىسى]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-13 15:20:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو ئالتۇن توپ ئۈچۈن ئەمەس بەلكى كۇلۇپنىڭ شان شەرپى ئۈچۈن كۈچەپ توپ ئۇرىۋاتىدۇ بىلسىڭىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-13 15:21:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللار ياردەم كىرەك بوپ قالغان 。قىلچە رەنجىمەي ماڭا  ماۋۇ يۇمۇرنىڭ كۈلدىغان يەرىنى بىلسەڭلار  ماڭا  دەپ بىرىڭلار  ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-13 15:37:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sardar1818 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-13 15:21
باللار ياردەم كىرەك بوپ قالغان 。قىلچە رەنجىمەي ماڭا  م ...

مېسسى تۆت ئالتۇن توپنى كۆتۈرەلمەي،پۇتىغا دەز كىتىپ يارىلىنىپمىش. شۇڭا مېسسىنى يارىلاندۇرغان پەردە ئارقىدىكى باش جىنايەتچى FIFA مىش.
4-5ئايلاردىكى چىمپيۇنلۇقنى بەلگىلەيدىغان توپلار ئەمەس، يىل ئاخىرىدىكى پەسىل بېشىدىكى توپلار پۇتبولچى ئۈچۈن ھەممىدىن بەك موھىممىش.  
ئىككى يۇمۇردا دىمەكچى بولغان گەپنى يىغىنچاقلىساق ئۈستىدىكىدەك بولىدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-13 15:43:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا يۇمۇر  جىڭ MTT
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 22:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش