ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2479 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا داۋىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-12 16:38
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئالدىدا ، گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيون تەخسىسنىڭ ئىسمى ‹‹ Viktoria ›› بولۇپ ، ئۇ شۇ چاغدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا بۇزۇلۇپ كەتكەن . 1949 - يىلى ئايال ھۈنەرۋەن ئېلزابىت . تېرىسكوۋ تەرىپىدىن ئوخشىتىلىپ قايتا لاھىيىلىنىپ چىققان .
ئەينى ۋاقىتتىكى چېمپىيونلۇق تەخسىسنىڭ دىيامېتىرى 50 سانتېمېتىر بولۇپ ئۈستىگە 5.5 كىلوگرام كۈمۈش ، چوڭ - كىچىك بولۇپ 11دانە ئالماس نەقىش قىلىنغان . جەمئىي ئېغىرلىقى 175كارات .( بۇ تەڭ 35 گرام)
قائىدە بويىچە ئېيتقاندا چېمپىيونلۇق تەخسسسىنىڭ ئۈستىگە شۇ نۆۋەتلىك بىرلەشمىدە چېمپىيون بولغان كوماندىنىڭ ئىسمى ئۇيۇلاتتى . لېكىن 1981 - يىلىغا كەلگەندە تەخسە يۈزى كوماندا ئىسىمى بىلەن توشۇپ كېتىپ قالغان . 1983 - يىلى گېرمانىيە چېمپىيونلۇق تەخسسسىنىڭ يۈزى يەنە چوڭايتىلغان. رودىنباخلىق ھۈنەرۋەن ئادولوف . كۇنىش تەخسە چۆرىسىگە يەنە بىر قەۋەت كۈمۈش چەمبىرەك قوشۇپ دىئامېتىرىنى 59 سانتېمىتىرغا چوڭايتىپ يەنە بەش تال قاپارتما ئالماس نەقىش قىلىنغان . جەمئىي ئېغىرلىقى 71.98كارات .( بۇ تەڭ 14.396 گرام) ئۇنىڭ پەرزىدە بۇ لوڭقىنىڭ يۈزىگە يەنە 2011 - يىلغىچە چېمپىيون بولغان كوماندىنىڭ ئىسىمى ئويسا بولىدۇ دىگەن .
بۇ چېمپىيونلۇق تەخسىسنىڭ باھاسى 30 مىڭ ياۋرۇ بولۇپ ، لېكىن ئۇنىڭغا ئېرىشىشتىكى شان - شەرەپ بولسا بۇ باھاغا ھەرگىزمۇ سېلىتۇرغىلى بولمايدۇ . 2008- يىلى گېرمانىيە پۇتبول بىرلەشمىسى بۇ تەخسىنى بايرىن مىيونخىن كوماندىسىدىن ئېلىۋىلىپ ئۇنى پاكىز سۈرتۈپ پارقىراق قىلىپ يەنە بايرىن مىيونخىنغا قايتۇرۇپ بەرگەن .
قېرىنداشلار ، خاتا يەرلىرى بولسا كەچۈرگەيسىلەر ... |
|