akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1145|ئىنكاس: 21

ئاخىرىقى بىر كۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-12 13:30:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئاخىرىقى بىر كۈن
--- ( مۇرادىغا بېغىشلىدىم )

كىرىش سۆز

ماسسىمو مورادى

- 1945 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16- كۇنى تۇغۇلغان، ئىتالىيىنىڭ نېفىت چوڭ سودىگىرى، 1995 -يىلىدىن باشلاپ 2013 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۇنىگىچە بولغان ئارلىقتا ئېنتىر مىلان كوماندىسىنىڭ رەئىسى بولغان، شۇ ئاخىرىقى كۇنى ھېندىنوزىيە بېيى توشىر پاي چېكىنى ئۆتكىزىۋالدى، شۇنداق قىلىپ 18 يىل بولغان ئېنتىرنىڭ مۇرادى دەۋرى رەسمىي ئاخىرلاشتى.  مۇرادى زادى ئېنتىرغا نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى :
1. پەرىق :
مۇرادى ئېنتىرغا كىرىشنىڭ ئالدىدا ئېنتىر زادى قاندا ئەھۋالدا ئىدى ؟ 93 - 94 - مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى دەرىجىسى 13 - بولۇپ، دەرىجە چۇشىدىغانغا بىرلا قەدەم قالغان ئىدى. بۇگۇنگە كەلگەندە ئېنتىر ئىتالىيىدە بەش قېتىم ئارقا ئارقىدىن چىمپىيون بولغان كوماندىغا ئايلاندى.

2. 8يۈز مىلىيون ياۋرۇ :
بۇ مورادىنىڭ 18 يىلدىن بۇيان ئېنتى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ بىر قىسىمى

3. چوڭ باي؟
8 يۈز مىلىيون ياۋرۇ ئاز سان ئەمەس، مۇرادىغا ئوخشاش كىشى ئۈچۈنمۇ ھەم، چۇنكى نېفىت شىركىتىنىڭ خوجايىنى مۇرادى بولماسىتىن ئۇنىڭ قېرىندىشى، خوجايىنى دەپ ئېيىتقان ھالەتتىمۇ پۇتۈن پۇلنى قوشقاندا 10 مىلىيارىت ياۋرۇدىن ئاشمايدىغان پۇلنىڭ ئىگىسى بولىدۇ خالاس.

4. قىزغىنلىق :
پۇلنى ھېسابلىغاندا چېلسىدىكى ئابلا بايغنىڭ ئالدىدا ھېچ گەپ ئەمەس، ھەتتا دۆلەت ئىچىدە بېرلۇسكىنىغىمۇ يەتمەيدىغان ھالدا، لېكىن ھەر قېتىملىق يۆتكىلىش بازىرىدا باي كۇلۇبلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ مۇرادىنىڭ قىزغىنلىقىدىن كەلگەن، ئىتالىيە مېدىئالىرىنىڭ گېپى بويىچە :‹‹ مۇرادىغا پۇلدىنمۇ مۇھىم بولغىنى - ئېنتىر››دۇر.

5. چولپان :
سانىدى، باگگىئو، مىلىتو، ئېتتو، ئىبراھىم، فىگو، سەيسار، رونالدو، ۋېئيرى، سىتەنكوۋىچ، ماترازى .....

6. داڭلىق مەشقاۋۇللار:
خوچىسىن، شىمېڭنى، مەنچىنى، كۇبو، لىپى، مۇرىنىئو ...


7. چىدام :
ھەر قېتىمقى زور مەبلەغ ۋە داڭلىق چولپان مەشقاۋۇللارنى كىرگۈزگەندىن كىيىنكى مەغلۇبىيەت.... مەستانىلەرنىڭ :‹‹ مۇرادى يوقالسۇن !›› (2004) دېگەندەك لۇزىنكىلىرى ... مانا مۇشۇلارمۇ ئۇنىڭ غەيرىتىنى سۇندىرالمىغان  ....

8. ئارزۇ :
ھەر قېتىم ئارزۇنى تىلغا ئالغاندا : ‹‹ ئېنتىر ئىمپىرىيىسى دەۋرى›› گە قايتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى ئۇ، 2010 - يىلى ئاخىرى ئارزۇ بوناۋۇدا ئەمەلگە ئاشتى ...


ئاخىرىقى بىر كۈن

رەسىم ئاپىراتلىرىنىڭ چاراسلىغان ئاۋازلىرى، توختىماي يانغان چىراقلار ئارىسىدا ئولتۇرغان، چاچلىرى ئاپپاق قارلاردەك ئاقارغان بىر كىشى ئولتۇراتتى، قوللىرى بىلەن كۆز ئەينىكىنىڭ جازىسىنى ئاستا - ئاستا مىدىراتقاندىن كىيىن، ئالدىغا قويۇلغان قارىسى سىياھ، ئېقى قەغەز ئاشۇ بىر تالاي خەتلەرگە بىر باشتىن قاراپ چىقتى ۋە ئىمزاسىنى بۆجەپ بۆجەپ قويغاندىن كىيىن، ئالدىدىكى كىشىگە سۇندى، دەل شۇ دەقىقىدە ئاپراتلارنىڭ چىراقلىرى يەنە بىر قېتىم ياندى، تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە ئېيتىشىمىز مۇمكىن، بەلكىم قانچىلىغان ئاپراتلار ئاشۇ قۇرقلار ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان چىراي ئىپادىسىنى تاپماقچى ئىدى ھە؟! لېكىن ئۇلار ئەپسۇسلۇق ئىچىدە قالدى، بوۋاينىڭ چىرايدىن ھېچ قانداق ئىپادە تاپقىلى بولمايتتى ...

- ماسسىمو، سىزنىڭ قەھۋارىڭىز
- رەھمەت، قويۇپ قويۇڭ.

بۇ دەقىقىدە ئىشخانىدا ھېچكىم قالمىدى، بوۋاي سافادا ئولتۇراتتى، پۇتلىرى ئىلگىركىدەك بىر بىرسىگە گىرەلەشكەن، كۆزلىرى دېرىزىدىن يىراقلارغا نەزەر تاشلىغان ئىدى، بىر تال سىگارىتتىن چىققان ئىسلار ئارىسىىن 18 يىللىق كىنو ئاستا - ئاستا قۇيۇلماقتا، ھەر بىر مەيدان ھەر بىر توپ، ھەر بىر كۈلكە، ھەر بىر يىغا، مەيداندىكى ھارماس تۇلپارلار، بالىلىقتىكى گۈزەل ئارزۇلار ... شۇ سىمالار ئارىسىدىن بىر سىما كۆرۇندى، ئاستا ئاستا يوغىناپ، كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇ ئاخىرى چىداپ بولالمىدى :
- كەچۇرگىن دادا، مەن تىرىشتىم، بىراق ... گەپنىڭ داۋامى ئاغزىدىن چىقىپ بولغىچە، كۆزلەردىن تۆكۈلگەن تامچە ياشلار دېمەكچى بولغانلىرىنى خۇددى مۇئەللىمنىڭ سورىغانلىرىغا جاۋاب بېرىۋاتقان ئۇقۇغۇچىدەك دانە - دانە قىلىپ ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئەمدى سافا ئۇستىگە بېشىنى قۇيۇپلا يېتىۋالدى، باياقى مەنزىرىلەر ئۇنى قاياقلاردىكى بىر خىياللار دۇنياسىغا، ياق ! ئارزۇ ۋە رىئاللىق ئارىسدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا باشلىغان ئىدى، سىگارىت ئاز ئازدىن كۆيمەكتە، قىيا ئېچىلغا كۆزلەر ئاستا - ئاستا يۇمۇلماقتا ...
- ماسسىمو، ئارام ئالامسىز؟
ئېغىر كەيپىيات ئۈستىگە كىرگەن خىزمەتچى خادىم، ئۇنىڭ شۇ دەقىقىدىكى ھېسياتلىرىنى بەلكىم چۇشەنسە كېرەك.
- ياق، بولدى، سىز قايتىۋېرىڭ.

ئۇ كۆزلىرىنى قايتىلەردىن يۇمدى، ئۆتكەن ۋاقتىتلار دۇنياسىدا ئۇ ئۆز - ئۆزىگە خىتاب قىلماقتا ئىدى :
‹‹ مەن ماسسىمو، بىر نىفىت سودىگىرى، بىر توپ مەستانىسى، مەن ئېنتىر كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى مەن، بۇ كوماندىنى سۆيىمەن، قېنىمدا ھەم كوماندىنىڭ قېنى بار، شۇنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەنكى، دادام بۇ كوماندىدا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان، لېكىن مۇشۇ كوماندىنى سېتىۋالماقچى بولغاندا  ئۈچۈن قېرىنداشلىرىم ماڭا قارشى تۇردى، ھەتتا كۇندە مەن بىلەن بىرگە تۇرىدىغان ئايالىم ماڭا ھەپتە گەپ قىلمىدى، لېكىن مەن يەنىلا سېتىۋالدىم، شۇ دەقىقىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم، نېمىدىگەن بەخىتلىك مىنۇتلار ھە !››

قالغان 18 يىلدا مەن بۇ يەردە ئىتالىيىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر چولپانلارنى سېتىۋېلىپ كەلدىم، ئەنە ئىتالىيىدىكى ئەڭ بۇيۇك ھۇجۇمچى، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئېنتىرنىڭ كىيىمىنى كەيگەندىكى ھالىتى كۆز ئالدىمدا ... ۋىئېيرى !!!! شۇنداق رىكوبا، رونالدۇ، ئىبراھىم، سانىدى، كېرسپو .... بەلكىم مەن نۇرغۇن پۇللارنى خەجلىگەندىمەن، يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى ئالالمىغاندىمەن، لېكىن مەن بىر توپ مەستانىسى، خۇددى نۇرغۇن مەستانىلەرگە ئوخشاش، كوماندىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبى بىلەنلا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكىلى بولامتى .... مەن مەستانىلەرگە ئېنتىرنىڭ گۈزەل، شانلىق تارىخىنى ھەم كۆرسەتكەندىمەن ...
بەزىلەر ئېيىتقاندەك مەن بەلكىم دۆت بولۇشۇم مۇمكىن، مەن ئالدى بىلەن بىر سودىگەر شۇڭا سودىدا چۇقۇم ئۇتۇشۇم كېرەك، لېكىن مېنىڭ سودا دائىرەمدە ئېنتىر يوق، ھەرگىزمۇ ئۇنى پايدا تېپىشنىڭ ئوبىكتى دەپ ھېسابلىمىدىم، ئېنىق يادىمدا دادامنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇنجى قېتىم مەيداندا مۇسابىقە كۆرگىنىم، يامغۇرلار شارقىراپ، ياق ! چېلەكتى قۇيغاندەك ياققان ئىدى - ھە ! مەن بىر توپ مەستانىسى مەن ...

ھەي - فاچچىتى، يادىڭىزدىمۇ، بىز بىرگە ئىشلىگەن ئاشۇ كۈنلەر ھېلى ھەم يادىڭىزدىدۇ؟ بىرلىكتە مىئاززا مەيدانىدا مۇسابىق كۆرگىنىمىز، كۈندە ۋېلىسپىت مىنەتتىم ھە، ھەر قېتىم سىز ئالدىمدا مېڭىپ كىتەتتىڭىز، شۇ قېتىممۇ سىز مەندىن بۇرۇن كەتتىڭىز، كەتتىڭىزيۇ، شۇ پېتى قايتىپ كەلمىدىڭىز ... سىز دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ پۇتبول بىلەن شۇغۇللانغۇچى، توغرا نۆۋىتىدە ھەم مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچى ئىدىڭىز ...
سىز كەتكەن شۇ كۇنلەردە بىرلەشمە كېسەل بولۇپ قالدى، شۇنچە تىرىشساقمۇ نەتىجە يەنە شۇنداق تۇراتتى، ئامالسىزلىق ئىچىدە كۇنلەرنى ساناپ ئۆتكۈزگىنىمنى بىلەمدىغانسىز؟ لېكىن مەن يەنىلا قەددىمنى تىك تۇتتۇم، دائىم ئىتالىيە يېرىم ئارىلى پۇتبول ھاۋاسىدا بۇلۇتلار قارا سايىلەر ئەگىپ تۇراتتى.... شۇنداق بولسىمۇ مەن چېكىنمىدىم، بىلەمدىغانسىز، شۇ كۈنلەردە مەن قانچىلىغان ئۇيقۇسىز كۈنلەرنى قەھۋەگە چىلاپ ئۆتكۈزدۇم ھە ،،،
ئۇ قولىدىكى سىگارىتنى يەنە كۈچەپ شورىدى، خۇددى مۇشۇ بىر ئىس بىلەنلا پۇتۇن قارا سايىلەرنىڭ قالدۇرغان يارىسى ساقىيىپ كېتىدىغاندەك ...

بىلەمسىز ؟ فاچچىتى، مەن ھاياتىمدىكى يەنە بىر مۇھىم قارارىمنى باشلىدىم، ئۇنى يەنە شۇ تەلۋە مىجەزى بىلەن ياۋرۇپادا ئىز قالدۇرغان كىشىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلدىم، ئىككى يىلدا بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى، لوڭقىنى ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە رونالدونىڭ ئاققان كۆز يېشى ۋ سىزلا كۆز ئالدىمدا تۇراتتىڭلار ... چېركاۋادا تۇرغان چېغىمدا خۇددى خۇدا ماڭا قارىغاندەكلا تۇيۇلدى، دادامنىڭ ئاشۇ تۇرقى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى ....
بىراق ... بىراق .... بىراق .... مەن يەنىلا ئېنتىردىن ئايرىلدىم، ياق پەقەت كۆز ئالدىمدىكى مۇشۇ ئۇستەلدىن ئايرىلدىم، لېكىن كوماندا ماڭا سىڭىپ كەتتى !
نەملەنگەن كۆزلەردىكى ياشلار ئاستا - ئاستا يۈزلەردىكى قۇرۇقلار ئارىسىىدىن ئېقىپ چۇشمەكتە ئىدى، ئۇ ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ، ئېغىزىنى ئاچتى :

Lo sai, per un gol)
Io darei la vita la mia vita!)
Che in fondo lo so
Sara una partita infinita

بىلەمسىز ؟ بىر توپ ئۈچۈن !
ھياتىمنى تەغدىم ئەتكەننى !
شۇنى ئايانكىن ئاخىرىقى نەپىسىمدىمۇ؟
بۇ جەڭنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغىنى!

ئۇ سىگارىتنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قىسمىنى چىكىپ تۈگەتتى،  ‹‹ بەزىلەر مېنى بىر توپ مەستانىسى خالاس دەپ ئويلايدۇ، ئۇلار خاتالاشتى، مەن بىر مەستانىلە ئەمەس، بۇ كوماندا ئۈچۈن ھاياتىمنى تىكىدىغان جەڭچى مەن، دادام شۇنداق ئىدى، مەنمۇ ھەم شۇنداق، مەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىزنى قوللىغان ھەر بىر مەستانىگە رەھمەت ئېيتىمەن .... مانا بۇ مېنىڭ ئېتىقادىم !››


مەلۇم بىر كۈنى، ئاپپاق چاچلار يەنە بىر كىچىك قولنى يىتىلىگىنىچە مىئاززا مەيدانىدا پەيدا بولدى، كىچىك گەۋدە تويماستىن ئۇنىڭ بۇنىڭلارغا قارايتتى، بوۋاينىڭ كۆزىدىن ياشلار قايتىدىن ئەگىدى ....
- بوۋا بۇ نىمە ؟
- بۇ لوڭقا
- لوڭقا دىگەن نىمە ؟
- لوڭقا دېگەن شەرەپ
- شەرەپ دېگەنچۇ؟
- شەرەپ دېگەن ئېنتىر !!! قوزام، شەرەپ دېگەن ئېنتىر!!!
- ئۇنداقتا ئېنتىر دېگەنچۇ بوۋا؟
- ئۇ ئېتقات بالام، ئۇ نىشان، ئۇ غايە!!! بوۋاڭنىڭ غايىسى .... ئىككى قول قايتىدىن چىپسىلەشتى، بالا ئېغىز ئاچتى :
- قارا بوۋا،  بۇ كىيىملەر نىمە دېگەن چىرايلىق  لېكىن مەن كىيەلمەيمەندە
-ھامان كىيىسەن قوزام.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-12 13:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەچەت چىقىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-12 14:08:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-12 14:12:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانداق تېتىملىق تېما ئوقۇمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن،رەھمەت تېنا ئىگىسى،ئاخىرقى دىئالوگ بىلەن مۇراتتىنىڭ《مەن ئالدى بىلەن سودىگەر مەن سودىدا پايدا ئېلىشىم كېرەك ،بىراق مەن ئېنتېرنى سودا ئوبىكتى قىلىو باقمىدىم》دىگەن يەرلىرى مىنى بەك تەسىرلەندۈردى،رەخمەت ساڭا مۇراتتى،بىز بىلەن بىرگە پۇتبولغا ئاشىق بولغىنىڭغا رەخمەت……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-12 14:28:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا , ‏ئادىلجان نادىر تېمىدىن بىرنى يىزىپ مۇنبەرگە قايتىپ كەپسىز . يارايسىز !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-12 14:29:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىرنىڭ رەئىسلىكىدە ئولتۇرىۋېرىش ياكى ئولتۇرماسلىقى ئېنىق ئەمەس دەپ بىر يەردە كۆرگەندەك قىلغان…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-12 14:31:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى خوجايىن   يىڭچە  ئنتىرنى بەرپا قىلسسا بولاتتى ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-12 14:33:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەحمەت  نادىر تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-12 15:21:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سافا دىمەي  كىرىستول دەپ ئالسىڭىز قىرىندىشىم
قالغان يەرلىرگە گەپ كەتمەيدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-12 15:29:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-12 15:52:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-12 16:08:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ ! ھارمىغايسەن  ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 04:58

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش