- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1346
- نادىر
- 2
- يازما
- 1346
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باھادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-11 18:02
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى بۇ ئايلانما مۇسابىقىلەردە ، كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ يېڭىلىپ قېلىش ۋە تەڭلىشىشى كۆپ كۆرۈلدى ، چېلسى رەقىبى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ، مانچىستېر شەھىرى بىلەن توتتېنھام ئۇتتۇرۇپ قويدى . ئارسېنال مانچىستېر بىرلەشمسىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا ، بۇ ئايلانمىدا 4 توپ بىلەن ئۇتغان لىۋېرپۇلدىن 2 نومۇر ئۈستۈن . مانچىستېر بىرلەشمىسى ئارسېنالنى مەغلۇپ قىلىپ ئاخىرى ئالدىنقى قاتاردىكىلەرگە يىتىشىۋالدى . تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، جەنۇبىي ئامپتون قارا تۇلپار بولۇپ ، ھازىر 3-ئورۇندا تۇرماقتا !
ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى بۇ ئايلانما مۇسابىقىلەردە ، بارسېلونا بىلەن رېئال مادرىد ئىككىلىيسى غەلبە قىلىپ نومۇر پەرقى يەنىلا 6 نومۇردا تۇردى . مادرىد رىقابەت سېرىق سۇ ئاستى كېمىسى بىللارېئال بىلەن تەڭلىشىپ ، رېئال مادرىد بىلەن نومۇر پەرقى 3 نومۇرغا چۈشتى .
گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى بۇ ئايلانما مۇسابىقىلەردە ، دورتمۇند رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ بايرىن ميۇنخىن بىلەن بولغان پەرىق تېخىمۇ چوڭىيىپ كەتتى ، لېۋېكۇسېنمۇ نومۇردا يىتىشىۋالدى . بايرىن يەنىلا قالتىس ئىپادىسى بىلەن يېڭىلمەسلىك رېكورتىنى يېڭىلاپ ماڭماقتا !
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى بۇ ئايلانمىدىكى يۇۋېنتۇس بىلەن ناپولىنىڭ ئاچقۇچلۇق جېڭىدە ، يۇۋىنتۇس غەلبە قىلىپ ئىككىنچىلىك ئورنىنى تارتىۋالدى ، رىم يەنە تەڭلىشىپ قالغان بولغاچقا ، يۇۋېنتۇسنىڭ بىرىنچى بىلەن بولغان نومۇر پەرقى پەقەت بىر نومۇرلا قالدى . ئىنتېر مىلان تۇراقلىق ئىپادىسى بىلەن غەلبىنى قولغان كەلتۈردى . ACمىلان بىرلەشمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى كوماندا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يەنىلا غەلبە قىلالماي ئاران بىر نومۇر ئالدى ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىمۇ خەتەر ئىچىدە .
(رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ .)
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 310
تۆھپە + 20
شۆھرەت + 20
تەجرىبە + 20
باھا خاتىرىسى
|