elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2919|ئىنكاس: 44

گۇاڭجۇ خېڭدا چىمپىيۇن بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-10 00:24:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-10 01:04  

789_1115189_877710.jpg

جۇڭگو سەركىسى گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئومومىي مۇكاپات سوممىسى 157 مىليۇنغا يەتتى .مۇرىچ 13 توپ ئۇرۇپ مەرگەن بولدى .ھەمدە « ئەڭ قىممەتلىك توپچى » بولۇپ باھالاندى




             ئۈرۈمچى ۋاقتى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ( 6:00 ) دە ،2013-يىللىق ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ  ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ، گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى بىلەن كورىيە سىئۇل FC كوماندىسى ئوتتۇرسدا ئېلىپ بېرىلدى .90 مىنوتلۇق كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن گۇاڭجۇ خېڭدا ئۆز مەيدانىدا 1 : 1 ( ئومومىي نۇمۇردا 3: 3 ) نەتىجە بىلەن ،  مېھمان مەيداندا كىرگۈزگەن توپ سانى كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەلىكى بىلەن سىئۇل FC كوماندىسنى شاللاپ 2013-يىللىق ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى بولدى .بۇ جۇڭگو پۇتبولىنىڭ كەسپلەشتۈرلگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭ سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

            گۇاڭجۇ خېڭدادىكى بىرازىلىيەلىك « قاپلان » مۇرىچ گەرچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئىككى ئايلانمىسدا توپ ئۇرالمىغان بولسىمۇ ،بىراق گۇرۇپ مۇسابىقىسى ۋە شاللاش باسقۇچى جەريانىدا كىرگۈزگەن 13 توپى بىلەن بۇ قېتىملىق ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى مەرگەن » بولغان .ھەمدە « ئەڭ قىممەتلىك » توپچى بولۇپ باھالانغان .مۇرىچ 2010-يىلى گۇاڭجۇ خېڭداغا قۇشۇلغاندىن بۇيان بىر قېتىم جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى ، ئۈچ قېتىم دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن . بۇ قېتىم بولسا ئوخشاشلا قالتىس ئىپادىسى بىلەن كوماندىغا ھەمدەم بولۇپ چىمپىيۇن بولۇشقا زور تۆھپە كۆرسەتكەن .بۇ يىىل مۇرىچقا نىسبەتەن كەسپىي ھاياتىدىكى مول ھۇسۇللۇق بىر يىل بولدى دىيىشكە بۇلىدۇ .

          خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،گۇاڭجۇ خېڭدا چىمپىيۇن بولغاندىن كېيىن مۇشۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدىكى مۇكاپات سوممىسى 9 مىليۇن سوم بولغان .ئۇنىڭدىن باشقا ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تارقىتىدىغان مۇقىم مۇكاپات ، يەنى : بىر مىليۇن بەش يۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى قوشقاندا ،شۇنداقلا گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ بۇ يىلدىكى ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى بارلىق مۇكاپات سوممىسنى قوشقاندا جەمىي 157 مىليۇن خەلىق پۇلى بولغان .( سىئۇل FC كوماندىسى 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ) چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن كۇلۇپ خوجايىنى شۈ جىيايىن ، مۇبادا كوماندا بىر مەيدان يەڭسە 6 مىليون ، تەڭلەشسە ئۈچ مىليۇن ، ئۇتتۇرسا پۇل تۇتۇلمايدۇ .ساپ توپىغا ئىككى مىليون، شاللاش باسقۇچىنىڭ ھەر بىر ئايلانمىسغا ئالتە مىليۇن مۇكاپات بېرىلىدۇ دەپ جاكارىغان .ئىگىلىنىشچە ،بۇ مۇكاپات يېقىندا كوماندا ئەزالىرىنىڭ تۆھپىسىگە ئاساسەن نەقلەشتۈرىلىدىكەن .




789_1115190_541417.jpg
789_1115191_826435.jpg
789_1115186_348411.jpg
789_1115185_408302.jpg
789_1115182_173693.jpg
789_1115202_214580.jpg
789_1115212_207450.jpg
789_1115215_417057.jpg
789_1115259_863445.jpg
789_1115261_820394.jpg

تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )




پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 00:30:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 00:31:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يو  پانا     …   جۇڭگونىڭ كۇلۇبلىرى بولسىمۇ چىمپىيون بولاپ تۇرسۇن . قاچانمۇ دۇنيا سەھنىسىدە كۆرەرمىز بۇلارنى …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 00:32:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!!!  157مىليون ئازپۇل ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 00:34:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن خڭدا .....   داۋاملىق ئالغا .رەقىبىمىز قانچە كۈشلۈك بولسا بىزنىمۇ شۇنچە كۈشلۈك تەربىيلەيدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 00:36:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى نەچچە يېلغۇچە پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ئېلانلارنى تالشىپ كۆردىكەنمىزدە..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 00:37:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سول تەرەپ پەستىكى ئى ئىككى خوتۇن نىمىش قىلدۇ
دۆلىتى قەيەر كۆپىنچە پۇتپۇلغا مۇناسىۋەتلىك ئشلاردا تولا ئۇچرايدىغۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 00:38:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bulanig dunya kulublar darijisi kanqiga qika amdi.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 00:39:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kanqa kun uhlimay tabrikla bula amdi
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 00:56:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ئاۋۇ لوڭقا كۆتۆرگەن سەھنىدە بىرە چەتەلىك يوق يا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 01:01:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
CR.7 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-10 00:30
ئىلگىرلەش ھەقىقەتەن تىز بولدى...كۆز تەگمىسۇن جۇما


رونالدو 3 توپ ئۇردى مەن بىلەن تەبرىكلىمەي بۇ يەردە يۈرىيسىلەغۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 01:06:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-28 16:49

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش