akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 497|ئىنكاس: 12

يادىرو ئوق بىشى-- شىۋېچىنكو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yurichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-9 20:52  



تولۇق ئىسمى: ئاندىرىي مىخايلوۋىچ شىۋېچىنكو
               (安德烈•米克拉约维奇•舍甫琴科 (舍瓦     
  لەقىمى: يادىرو ئوق بىشى 核弹头
دۆلەت تەۋەلىكى: ئوكرائىنا乌克兰
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1976-يىل 9-ئاي 29-كۈنى
بوي ئىگىزلىكى: 183     بەدەن ئىغىرلىقى: 73
مەيدان ئورنى: ھۇجۇمچى
شەرەپلىرى: 2004-يىللىق ياۋۇرپا پۇتبول ئەپەندىسى، 2005-يىللىق ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتى ساھىبى



تۇرغان كۇلۇپلار :
94-يىلدىن 99-يىلغىچە ئوكرائىنا زەردارى كىيېۋ گىنراتور كۇلۇبى基辅迪那摩(كىيېۋ دىنام كۇلۇبى).



99-يىلدىن 2006-يىلغىچە  AC مىلەن .



2006-يىلدىن 2009-يىلغىچە چىلسى .



2009-يىلدىن 2012-يىلغىچە كىيېۋ گىنراتور .

تىخنىكا ئالاھدىلكىگە بىرىلگەن نۇمۇرى:
ۋارتاغا ئۇرۇش 10نۇمۇر،
پاس بىرىش 9 نۇمۇر،
سۈرئەت 10 نۇمۇر،
كاللا توپ 10 نۇمۇر




شىۋېچىنكو ئوكرائىنانىڭ كىيېۋ شەھرىگە يىقىن دىئوجىفسىنا دىگەن يىرىدە تۇغۇلغان.




9 ياشقا كىرگەندە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى رىسبوبلىكىسى بولغان ئوكرائىنانىڭ كىيېۋ شەھرىدىكى كىيېۋ پۇتبول مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كىرگەن.



1988-يىلى 12 ياشقا كىرگەن شىۋېچىنكو  <كىيېۋ دىنام ياشلار پۇتبول كوماندىسى> غا كىرگەن.
1993-يىلغا كەلگەندە17 ياشلىق شىۋېچىنكو (8ىللىق كۆرەش نەتىجىسىدە) ئوكرائىنا ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى  كىيېۋ دىنام كۇلۇبى بىلەن توختام ئىمزالىغان.



كىيېۋ دىنامدىكى 5 يىللىق ھاياتى:
كىيېۋ دىنام كۇلۇپىدا 5 قىتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى،  3 قىتىم دۆلەت لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن.
97-98مۇسابىقە پەسلىدە ياۋۇرپا ئۇزغۇنلۇقتا بارىسلونا بىلەن بولغان كىچىك گۇرۇپپا  مۇسابىقىسىدە قالپاق كىيىپ، بارىسلونانى 4:0 ئۇتقان.
98-99 مۇسابىقە پەسلىدە ياۋۇرپا ئۇزغۇنلۇقتا مادىرتنى 3:1 ئۇتۇپ شاللىۋەتكەندە 2 توپ كىرگۈزگەن. يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىپ بەيرىن بىلەن 3:3  تەڭلەشكەندە ، 2 توپ كىرگۈزگەن.



شۇنىڭ بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن شىۋېچىنكو 1999-يىلى  مادىرىت، بارىسلونا، مانچىستىر بىرلەشمىسى، لىۋىرپول،بەيرىن، يۇۋىنتۇس  قاتارلىق زەردارلار ئىچىدىن مىلەننى تاللاپ  2500دوللار يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قىزىل قارا جەڭ كىيمىنى  كەيگەن.




AC مىلەندىكى 6 يىللىق ھاياتى
99-يىلى مىلەن بىلەن 5 يىللىق توختام تۈزۈپ، تۇنجى پەسىلدە 24 توپ ئۇرۇپ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەنلىكنى قولغا كەلتۈرگەن. 2002-2003 پەسىلدە، ياۋۇرپا ئۇزغۇنلىقىدا  ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھالقىلىق توپ ئۇرۇپ AC مىلەننى 6-قىتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چوڭ تۆھپە قوشقان.2003-2004 پەسىلدە، 24 توپ بىلەن ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بولغان ۋە AC مىلەننى شۇ مەزگىلدە دۇنيادا ئەڭ قىززىيدىغان مۇسابىقە بولغان ئىتالىيە بىرلەشمىسى 17-قىتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئىرىشتۈرگەن.


2004-يىللىق  دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسىنى باھالاشتا لوناردىنخو ۋە ھىنرىينىڭ كەينىگە تىزىلىپ، ياۋۇرپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالىنىپ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئالغان.





2005-يىلى رونالدو، كىرىسپو، زىدانى، فەننىستىرۇي، كائىن،بىكخام قاتارلىقلارنى ئارماندا قويۇپ ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىنى ئالغان.



2006-يىلى ئوكرائىنا دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ 8كۈچلۈككە ئەكىرگەن.



2006-يىلى 6-ئايدا مىلەندىكى ھاياتىنى ئاخرلاشتۇرۇپ، 3500 فوندسىتىرلىڭ رىكورىت  يۆتكىلىش ھەققى بىلەن ئەنگىلىيە زەردارى  كۆك ئارمىيەگە قىتىلغان.



چىلسىدا تۇرغان 3يىلدا 30 ياشتىن ھالقىغان شىۋېچىنكونىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغان، شۇنىڭ بىلەن 2009-يىلى 8-ئايدا ئانا كۇلۇبىغا كىتىشنى قارار قىلغان.


2010-2011 پەسىلدە كىيېۋ دىنام كۇلۇبىدا 55 قىتىم مەيدانغا چىقىپ، 23توپ ئۇرۇپ يادىرو ئوق بىشىنىڭ  تىخى ۋاقتى ئۆتمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.


2012-يىل 7-ئاينىڭ 28 –كۈنى توختام توشۇشقا بىر يىل بار بولسىمۇ، پۇتبول ساھەسىدىن چىكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان.



http://www.iqiyi.com/yinyue/20120620/5aa78e11bef72ed7.html

شىۋىېچىنكو ئوكرائىنا دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 95-يىلدىن 2012-يىلغىچە 111قىتىم مەيدانغا چىقىپ (بۇنىڭ ئىچىدە 56 قىتىم كاپىتان بولۇپ چىققان)،  48 توپ ئۇرۇپ، دۆلەت كوماندا تىزىملىكىدە 1-ئورۇننى ساقلاۋاتىدۇ.







ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر!
شىۋېچىنكو بۇ يىل 37 ياشقا كىرىپ مەيداندىن يىنىپ چىققان بولسىمۇ، 2000-يىلدىن2005-يىللارغىچە  دۇنيادىكى بارلىق پۇتبۇل مەستانىلىرى شۇنداقلا  ئۇيغۇر مەستانىلىرى قەلبىگە بىر ئوت سالغان ئىدى، مىلەن كوماندىسىنىڭ ھەيۋىسىنى دۇنياغا جاكارلىغان ئىدى، مەنمۇ ھەم شۇچاغلارنى ئەسلىسەم گەرچە ھازىرقىدەك كۈندىكىدەك مۇسابىقە كۆرۈش نىسىپ بولمىسىمۇ، تەنتەربىيە خەۋەرلىرى، گىزىت قاتارلىقلاردىن  شىۋېچىنكونى ، مىلەن كۇلۇبىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق، خۇددى ھازىرقى مىسسى، رونالدولدرنى ئاڭلاپ تۇرغاندەك.  ھازىرقىدەك ياخشى مەيدان، ياخشى توپ، ياخشى شارائىتلار ئۇ چاغدا يوق ئىدى، ھەتتا تۈزۈكرەك ئۆلچەملىك مەيدانمۇ يوق....لىكىن پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ.
شۇڭا بۇ تىمامنى شۇچاغلاردىكى ئاي يىلدىمۇ مۇسابىقە كۆرۈشكە پۇرسەت بولمايدىغان، ئەمما پۇتبولنى چىن يۈرۈكىدىن سۆيۈپ،  توپىلاڭ مەيداندا چاڭ چىقىرىپ خۇشاللىق ئىزدەيدىغان دوسلىرىمغا بىغىشلايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-9 21:10:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلاننىڭ يەنە بىر قەھىرىمانى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-9 21:11:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىغا بىرمۇ ئادەم ئىنكاســــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ يازماپتا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-9 21:11:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-11-9 21:10
مىلاننىڭ يەنە بىر قەھىرىمانى

ھازىر يوق تۇراتتىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-9 22:20:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس گۇي جۇما بۇ
ئوكرائىنالىق قىزلار بىلەن پاراڭلاشسسام مۇشۇ گۇينىڭ گىپىنى قىپ قويىتىم توردا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-9 22:27:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uchkur يوللىغان ۋاقتى  2013-11-9 22:20
قالتىس گۇي جۇما بۇ
ئوكرائىنالىق قىزلار بىلەن پاراڭلاش ...

دۆلەت ئاتلىغان مۇھەببەتشۇناس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-9 22:42:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماندامۇ ھۈنەرلەر بار دەڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-9 23:14:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-11-9 22:27
دۆلەت ئاتلىغان مۇھەببەتشۇناس

قىزلارنىڭ گىپى بولسا قىركام پۇراپ تاپامدىكىن دەيمەن
ھازىرمۇ بار بىر ئىككىسى ئوكرائىنا ئودىسالىق
ئاياللار دۆلىتى ھەم دۇنيا گۈزەللىرى جىق چىققان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 01:37:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يادىرو ئوق بىشى دىگەن نامى بىكار چىقمىغان بۇنىڭ ، مىلاننىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىكارلىرىنىڭ بىرى !
تىما ئىگىسىگە رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 12:27:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بالىتتى رەھمەتلىك........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-10 14:53:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-11-9 21:10
مىلاننىڭ يەنە بىر قەھىرىمانى

مەن بەك ئامراق بۇنىڭغا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-12 01:09:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2013-11-10 14:53
مەن بەك ئامراق بۇنىڭغا .

2500 تۈمەنگە يۆتكەلگەنتى، 2500 ئىلنىپ قاپتۇ، ئاپلا ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 18:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش