elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1618|ئىنكاس: 66

500 مەيداندا 380 توپ 153 ياردەمچى پاس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bangbax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-7 13:06  


بىر ئادەتتىكى پۇتبولچىغا نىسبەتەن 4 مەيدان توپ ئۇرالماسلىق ھېچقانچە ئىش ئەمەس، لېكىن مېسسىنڭ ئۇدا 4 مەيدان توپ ئۇرالماسلىقى مەستانىلەرنى ساراسىمگە سالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ مېسسى بولغانلىقى ئۈچۈن. چۈنكى ئۇ بىر پەسىلدە 50دىن جىق توپ ئۇرۇپ باققان.(بۇ پەقەت بىرلەشمىنى كۆرسىتىدۇ) شۇڭا مەستانىلەرنىڭ مېسسىدىن كۈتۈدىغانلىرى يۇقىرى. بىراق مېسسى دېگەن مېسسى ئۇ ئاخشام مىلەن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىراقلا 2 توپ ئۇرۇپ، 4 مەيدان ئۇدا توپ ئۇرماسلىق رېكورتىنى بۇزىۋەتتى.
ئاخشامقى مۇسابىقە دەل مېسسىنىڭ 500 مەيدان مۇسابىقىسى. بۇ 500 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئىچىدە ئۇ بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن 394 مەيدان. ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 106 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان. مېسسى بارسېلونا بىرىنچى سەپ كوماندىسى ئۈچۈن 327 توپ، 119 ياردەمچى پاس بەرگەن. ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 83 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 37 توپ كىرگۈزگەن، ئارگېنتىنا 20   ياشلىقلار كوماندىسدا 18 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 14 توپ كىرگۈزگەن. ئارگېنتىنا 23 ياشلىقلار كوماندىسدا 5 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 2 توپ كىرگۈزگەن. جەمئىي ئارگىنتىنا ئۈچۈن 106 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 53 توپ كىرگۈزۈپ، 34 ياردەمچى پاس بەرگەن.
ھەممىسنى يىغىنچاقلىغاندا مېسسى بۇ 500 مەيدان مۇسابىقىدە 380 توپ كىرگۈزۈپ 153 ياردەمچى پاس بەرگەن.
مېسسى ئاخشام مىلەنگە 2 توپ ئۇرۇپ، جەمئىي مىلەنگە ئۇرغان توپى 8 گە يىتىپ، رونالدونىڭ ئاجاكىسقا ئۇرغان 7 توپىدىن ئېشىپ. بىر كوماندىغا ئەڭ جىق توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچى بولۇپ قالغان.
بۇ پەسىل مېسسى ئۇزۇغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە پەقەت 3 مەيدانلا قاتناشقان بولۇپ، بۇ 3 مەيداندا 6 توپ ئۇرغان. مەرگەنلەر تەرتىۋىدە ئىبىراھىموۋىچ(7 توپ) رونالدو(8 توپ)دىن كىينلار تۇرىدۇ.   بۇنىڭ بىلەن مېسسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقتا ئۇرغان توپى 65 كە يىتىپ راھولنىڭ 71 توپىغا ئازلا قالغان.
2013-يىلى مېسسى بارسېلونا ئۈچۈن 39 توپ ئۇرۇپ، 12 ياردەمچى پاس بەرگەن. مېسسى بۇ يىل بەك تولا يارىلاندى. مۇشۇنداق تولا يارلانغان ھالەتتىمۇ مۇشۇنداق ياخشى ئىپادىسىنى ساقلىيالىدى. 2013-يىلى تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق. مېسسى يەنە توپ ئۇرۇشى مۇمكىن.   مەستانىلەر مېسسى ئالتون توپ ئالالمىغان تەقدىردىمۇ يەنە ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-7 11:42:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئېسىل نەتىجىنى چوقۇم مىسسى ياراتتى دەپ ئويلاپ كىرگەنتىم ماۋۇ تېمىغا. راس چىقىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-7 11:58:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلىدۇدە،،توۋا بەزى توپچىلار ئۇن ئۇن بەش كۈندە 2-3نى ئۇرۇپ قويسا دەششەت ماقتايمىز..مىسسى بىركۈنلا ئۇرمىسا قاقشايمىز..ھەقىقەتەن قالتىىستە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-7 12:00:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇقتا توپ بىلەن جان باقىدىغان كۈنگە قالدىمىكى دېسەم ھەرھالدا ئاخىردا بىر توپ ئۇرۇپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-7 12:02:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسىغا قايىل بولماي ئامال يوق ، كىلەر يىلى دۇنيا چىمپىيونى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ... (مەن تېخى كىمدۇ بۇ بۇنداق يامان دەپ كىرىپتىكەنمەن )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-7 12:02:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسىغا قايىل بولماي ئامال يوق ، كىلەر يىلى دۇنيا چىمپىيونى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ... (مەن تېخى كىمدۇ بۇ بۇنداق يامان دەپ كىرىپتىكەنمەن )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-7 12:03:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكى سەۋىيەسى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپتۇ    .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-7 12:03:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-7 12:05:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-7 12:07:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ يامان سولتەك بۇ!   دوستلار ! مەن يىڭىدىن ئەزا بولۇپ كىردىم ! ھە-ھۇ دېيىشىپ ئۆتۈپ كېتەرمىز ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-7 12:08:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ ئۇرۇپلا قويماي پاسقىمۇ ۋەھشى دە بۇ گۇي!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-7 12:10:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-7 12:05
مېسسى كەيسە توپ ئۇرۇشتا پوسمىنى ،
سېىز كېيىپسىز ئىنكا ...

يازماي دىگەن پوسما پوسما ئىنكاسنى ،
يېزىپ بولۇپ يوللىسام ئۇ ئىنكاسنى ،
قېتىۋالدى يېتىۋالدى بۇ كومپىيوتېر ،
ئامالسىزلا كىيىپ قالدىم پوسمىڭىزنى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش