ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 403 |
تۆھپىسى: سەر |
|
خانلىق مادرىتنىڭ ئىلگىركى چولپىنى ھىگۋايىن ئۆزىنىڭ ناپلىسقا كىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپنىڭ خانلىق مادىرىتنىڭ ئۆزىگە ئىشنىشىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىدىن بولغان دىگەن.
ھىگۋايىن 2007-يىلىدىن 2013-يىلىغىچەئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 100دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزۈپ خانلىق مادرىت ئۈچۈن تۆھپە قوشقان . ئالدىنقى پەسىلدە ھىگۋايىن بىنزىما بىلەن ئالماشتۇرۇلۇپ مەيدانغا چىققان بولۇپ ، بۇنىڭدىن نارازى بولغان ھىگۋايىن بۇ يىل يازدا 42 مىليۇن ياۋرۇلۇق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن ئىتالىيە زەردارى ناپلىس كولۇبىغا يۆتكىلىپ كەتكەن ئىدى .ھىگۋايىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا « مەن ئۆزۈمنىڭ قابىلىيتىنى توختىماستىن ئىسپاتلاپ كەلدىم، يەنە ئىسپاتلىشىمنىڭ ھاجىتى يۇق. ئەگەر سىزنىڭ سەبدىشىڭىز، تىرىنىرىڭىز ۋە كولۇپ رەھبەرلىرىڭىز سىزگە %100 ئىشەنسە ، ئۇ ھالدا ھەممە ئىشلىرىڭىزدا كۆپ ياخشىلىنىش بولىدۇ» دىگەن.
ئۇ يەنە «خانلىق مادرىتتىن ئايرىلىش مەن ئۈچۈن قارار چىقىرىش تەس بولغان بىر ئىش بولدى،مەن بىرنابودا بىر نەچچە پەسىل يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇسابىقىلەرنى ئوينىدىم،ئەمما مەن يېڭى رىقابەتكە مۇھتاج، يېڭى مۇھىتقا ئىھتىياجلىق » دىگەن.
بۇ پەسىلدە 25 ياشلىق ھىگۋايىن ناپلىس ئۈچۈن 12 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ ، ئاللبۇرۇن 6 توپ ئۇرۇپ بولغان.ئۇ ھازىرقى كوماندىسى ئۈستىدە توختالغاندا«مەن ھازىر ناپلىستا ناھايىتى ياخشى ئۆتىۋاتىمەن، كوماندامغا ياردەم قىلىپ بىر شانلىق دەۋىر يارىتىش ئويۇم بار، بۇ بىر ئۇلۇغۋار غايە »دىگەن.
بىز ھىگۋايىننىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئامەت تىلەيمىز |
|