akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2538|ئىنكاس: 67

ئاجايىپ ھىكايە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-3 16:40  


بۈگۈن سىلەرگە بىر قىززىق ھىكايە ئېلىپ كەلدىم..تۈگىمەيدىغان. ناۋات سېلىپ قېنىق دەملەنگەن چاينى ئىچكەچ ئۇقارسىلە،،.ئۇيقۇڭلا قاچىدۇ.بولمىسا ئۇخلاپ قالسىلەر..
ئىتالىيەدە ئەزەلدىن داڭلىق چولپانلار ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس،،،ئا س مىلان،،خەلقئارا مىلان،،يۇۋىنتىس،،رىم  ،،قاتارلىق نۇرغۇن زەردارلاردىن دۇنياۋى توپچىلار يىتىشىپ چىققان شۇنداقلا چولپانلار بۇ يەردە توپ تەپكەن..بۇ يەر ئۆزىگە خاس جەلىپكارلىقى  بىلەن ئىلگىرى پۈتۈن دۇنيانى مايىل قىلغان..ئىتالىيە بىرلەشمىسى كىيىنچە گۈللىنىپ ھەتتا  [كىچىك دۇنيا لوڭقىسى]دىگەن چىرايلىق نامغىمۇ نائىل بولغان..
شانلىق مىلان خاندانلىقىنىڭ تىرىك تارىخى تا بۈگۈنگىچە بۇنڭغا شاھىد..
ئىنتىرمىلاننىڭ ياۋرۇپادىكى 5لوڭقا  شاھى بۇلىشى بۇنىڭغا ئىسپات،،،
رىم بۆرىلىرنىڭ بوشاشماس روھى بۇنىغا كۈچ قۇۋەتتەت...
يۇۋىنتىسنىڭ تارىختىن بۇيانقى ھەرقانداق دەۋىردە  ئۈزۈلدۈرمەي كىلىۋاتقان چىمپىيونلىقى بۇنىڭغا تەسەللى....
بىز  بۈگۈن ئاجايىپ بىر ھىكايىنئەسسلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى:كەمىنە سەبرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ سىلەرگە بۇ تېمىنى ئېلىپ كەلدىم قېنى  ئۇقۇپ ھۇزۇرلانغايسىلەر...
ى ئاڭلايمىز،يەنى مۇشۇ رىۋايەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ خوشاللىنارلىق،ئەڭ قايغۇلۇق،ئەڭ ئىپتىخارلىق شۇنداقلا ئېغىر نۇمۇسقا يۇغۇرلۇپ كەتكەن،ئىتالىيىدىكى 10چوڭ قىرغىنچىلىق
...
  
مەڭگۈلۈك شەرەپ ،ئۇنتۇلماس جاراھەت ...ئىتالىيە دېربىسىدىكى ئەستىن چىقماس بىركۈن.
ئاس مىلان6-0ئىنتىرمىلان؛
ئىتالىيە دۆلەت دېربىسىدا 6دە0للۈك بۇ نەتىجە مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدۇ،،ئورتاق بىرمەيداننى،ئورتاق بىر شەھەرنى،ئورتاق بىر دۆلەتنى ماكان قىلىپ ياشاۋاتقان، تىركىشىۋاتقان ئىككى كوماندىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نۇمۇر پەرقى دەل شۇكۈنى يەنى2001يىلى يۈزبەرگەن.چەكسىز ھاياجانغا،ئۆكسۈپ ئېچىنىپ يىغلاشلارغاتولغان  بۇ مەيدان .سان -سىرو ئىسمى بىلەن ئاتالغان كۈنىسى ئەڭ شانلىق بىر كۈننى كۈتىۋالغان  بولسا،ئوخشاشلا مىئاززا بىلەن ئاتىلىپ تارخىتىكى ئەڭ چوڭ نۇمۇسقا شاھد بولغان.. مېھرى ئىسسىق بۇ مەيدان .يا كۈلۈشنى ،يا يىغلاشنى بىلەممەي گاڭگىراش ئىچىدە سۈكۈتكە چۆمگەن.بىر ياقتا بالىسىنىڭ خوشاللىق ئىپتىخارى بولسا يەنە  بىر تەرەپتە يەنە بىر ئوغلىنىڭ ۋىجدان ئازابى تارتىشى بولغان.ئەنە شۇكۈندىن باشلاپ ئىتالىيە دۆلەت دېربىسى مۇرەسسەسىز قىساس دەۋرىگە قەدەم قويغان..
2001يىلى 5-ئاينىڭ12-كۈنى ئاس مىلان 0گە قارشى 6نەتىجە بىلەن ئىنتىر مىلاننى ئەشەددى قىرغىن قىلىپ. مىئاززا تارىخىغا مەڭگۈلۈك ھاقارەتلىك نۇمۇسنى قالدۇرۇپ كەتكەن.مۇسابىقە  باشلىنىپ قىسقىغىنە 16مىنۇت ئىچىدە كىسىمەندىنى 2توپ ئۇرۇپ غەلبە دەرۋازىسىنى ئاچقان.
يەنە  بىر چىرايلىق ئىختىيارى توپ ئارقىلىق 3توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرقىنى زورايتىپ ،،قارشى تەرەپكە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان.كىيىنكى ۋاقىتلاردا يادىرو ئوق بېشى شىۋوچىنكونىڭ بومباردىمان قىلىشى ۋە بىلەن نەتىجىسىنى 0گە قارشى 6نەتىجە بىلەن مۇقۇملاپ...ئوخشاش بىر زىمىندا ،ئوخىشاش بىر ۋاقىتتا، ئوخشاش بىر مەيداننى، ھەم خوشاللىق ھەم قايغۇدىن ئىبارەت. ئىككى خىل ھىسياتنىڭ ئارىسىدا چىگىش خىياللار بىلەن سۈكۈتكە چۆمدۈرۈپ قويغان.بۇ مەيدان  مۇسابىقىدىن كىيىن ئىنتىر مىلان خوجايىنى موراتتى ئاچچىقىدا سېدىروف ۋە فىلېي قاتارلىقلارنى قوغلاپ چىقىرىپ زور بىر قېتىملىق تازلاش ئېلىپ بارغان.

1997يىلى،،،يۇۋىنتىس ئا س مىلاننى ئەشەددى قىرغىن قىلىدۇ..يۇۋىنتىس6-0مىلان..
نۇرغۇنلىغان يۇۋىنتىس مەستانىلىرىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەزىپى ئۆرلەپ مەيداننى بېشىغا كىيشى..مىلان مەستانىلىرىنىڭ مەڭسىتمەسلىك ۋە چۇقۇم غەلبە قىلىش ئىستىكىدە تۇلۇق ئىشەنچ بىلەن غەلبىگە تەشنا بۇلىشى ..90مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كىيىن جاھاننى يەنە بىر لەرزىگە سېلىپ ئاجايىپ بىر تارخنىڭ يارتىلىشىغا سەۋەپچى بولدى.مۇسابىقە باشلىنىپ  يۇۋىنىس كوماندىسىدىكى ۋېينالى،زىدانى،يۇدىۋىيچ،ئامبۇرۇسو،قاتارلىق ئەزالارنىڭ شىددەت بىلەن كەينى -كەينىدىن ھۇجۇم ياغدۇرشى مىلان ئارقا سېپنى ھالسىزلاندۇرۇپ،ئوتتۇرا مەيداننڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ،ھۇجۇمنىڭ چېچىلاڭغۇلىقى بىلەن كەينى-كەينىدىن توپ ئۇرۇپ 1گە قارشى 6نەتىجە بىلەن مىلان ئەشەددى قىرغىن قىلىپ سان -سىرو تارىخىغا [چىرايلىق ھېكايدىن]بىرنى تەقدىم ئەتتى..شۇنداقلا مىلاننىڭ 6-نۇمۇرلۇق توپچىسى بالىيسىنىڭ شۇ مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىن پۇتبولدىن چىكىنىشگە سەۋەپچى بولدى.بۇ مەيدان مۇسابىقە بىرقېتىملىق دەۋىر ھالقىغان مۇسابىقە  بۇلۇپ ،يۇۋىنتىس قۇشۇنىنىڭ مىلانغا قىلغان جازا يۈرىشىگە ئوخشاش ،شۇنىڭدىن كىين شاھلىق ئورنىنى مىلەندىن  تارتىۋېلىپ يېڭى  بىر دەۋىرگە قەدەم قويدى..دەل شۇيىلى زىدانى باشچىلىقىدىكى يۇۋىنتىس كۇلۇبى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىق تاجىنى  دەس كۆتۈردى.بۇ مەيدان  مۇسابىقىدىكى يۈرەكنى ئىزىدىغان ئىش بولسا ،بالىيىسنىڭ مىلەن مەستانىلىرىگە بەرگەن تەسىرى بۇلۇپ.ئۇلار بۇنى  مەڭگۈ ئەسلەيدۇ.


فۇگ2-8مىلان.،،
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى مىلان ھەقىقەتەن ئىسمى -جىسمىغا لايىق ياۋرۇپانىڭ زومىگىرى ئىدى.ئۇنىڭدەك كوماندىدىن يەنە بىرنى تېپىش شۇ دەۋىردە ھەقىقەتەن قىيىن ئىدى.ئۇلار ياۋرۇپا تارىخدا تۇنجى قېتىم 58مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرماسلىقتەك قورقۇنۇشلۇق رېكورتنى يارىتىپ .ياۋرۇپانىڭ ھەقىقى غوجىسى شۇنداقلا.سەلتەنەتلىك مىلان خاندانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى.1992-يىلى5-ئاينىڭ23-كۈنى مىلان مېھمان ھالەتتە فۇگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.بۇ مەيدان مۇسابىقە فۇگ كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر كۈن بۇلۇپ.مىلاننىڭ قاتتىق قىرغىن قىلىىشى بىلەن.ئارقا -ئارقىدىن 8توپ كەتكۈزۈپ مەستانىلەرنى تولىمۇ ئۈمۈدسىزلەندۈرۇپ قويدى.پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 10توپ كىرگەن بۇلۇپ .پەقەت ئىككىسىنىلا فۇگ كوماندىسى كىرگۈزگەن.قالغان 8توپنى مىلان كوماندىسى سوۋغا قىلغان.بۇ 8توپنى 6توپچى ئۇرغان بۇلۇپ ۋان باستىن بۇ مۇسابىقىدە 2توپ كىرگۈزگەن.شىسنى2توپ،مالدىنى،گۇلىت،فۇسەي قاتارلىقىلار بىردىن توپ ئۇرغان.بۇنىڭ ئارىسىدىكى بىر توپنى قارشى تەرەپ ئۈزىگە ئۇرىۋالغان..بۇمۇ ئىتالىيە تارىخىدىكى ئېچىنىشلىق قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم خاتىرسى بۇلۇپ قالغان.

فىلورىنسا3-7مىلان...ۋاقتى 1992يىلى...
1992-يىلى10-ئاينىڭ7-كۈنى.ئا  س مىلان فىلورىنساغا مىھمان بۇلۇپ  بارىدۇ.نەتىجىدە پۈتۈن مەيدان گوللانىدىيىلىك3شەمشەرۋازنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش سەھنىسىگە ئايلىنىپ7گە قارشى 3نەتىجە بىلەن مىلەنگە ئۇتتۇرۇپ قۇيىدۇ.گۇلىت بىلەن ۋان باستىن 2دىن  توپ ئۇرىدۇ.ماسلومۇ2توپ ئۇرىدۇ.بۇ مۇسابىقىمۇ مىلاننىڭ 58مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرۇپ باقمىغان مۇسابىقىلىرىنىڭ  ئىچىدىكى بىرسى ئەلۋەتتە،ھېلىقى رىۋايەتتە داڭقى كەتكەن 3شەمشەرۋاز دەل مۇشۇ زىمىندا ئۈزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىغان..بىچارە فىلورىنسا رىناياغا ئوخشاش ئىتالىيە تارىخدا ئەڭ كۆپ توپ كەتكۈزۈش شەرپىگە نائىل بۇلىدۇ.فىلورىنسا مەستانىلىرىنىڭ قان يېشى بۇزىمىنىنى بىر ئالىدۇ.خېلى بىر مەزگىللەرگىچە،تەڭرىدىن بۇلارنىڭ يىراق تۇرۇرشىنى تىلەپ ،غەلبە كۈنى يىتىپ كىلدىغان قۇياشنىڭ قايشىنىڭ نەدىن تاڭ ئاتىدىغىنى ئىزدەپ يۈرىيدۇ. مانابۇ ئىتالىيە!!!

بالىمو0-7ئۇدىنىس    ۋاقتى2011يىلى،،
ئىتالىيە كۇلۇپلىرىمۇ بوش ئەمەس،،دەرۋەقە ئىتالىيە كۇلۇپلىرى مۇستەھكەم قۇرغان مۇداپىيىسى،نەپىس ئوتتۇرامەيدان ئۇسلۇبى بىلەن دۇنياغا داڭق چىقارغان مەشھۇر جاي.بۇ يەردە ئاجىز كۇلۇپ يوق.ناۋادا جاننى تىكىپ تۇرۇپ مۇسابىقە  ئوينىمىسىڭىز سىز ئويلىمىغان نەتىجىلەر ھامان يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.
ئەمىليەتتە بۇ مەيدان مۇسابىقە سالاھىيەت تەلەپ قىلمايدىغان بىر مەيدان چوڭ قىرغىنچىلىق.ھەقىقەتەن  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دىناتالەي ۋە سانچىسنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى.راس گەپنى قىلغاندا بالىمومۇ ئۇنداق بوزەك بۇلىدىغان كۇلۇپلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى.پاستورىي،ئىلىشىچ،مىكىلي  قاتارلىق مۇنەۋۋەر توپچىلار  بار كوماندا ئويلىمىغان  يەردىن ئېچىنىشلىق قىرغىنچىلىققا ئۇچىردى.بۇ  مەيدان مۇسابىدە بالىمونىڭ مەستانىلىرى مەيداننى بېشىغا كىيىپ ھەقىقەتەن ئالۋاستى مەيداننى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى.ئەمما كەينى-كەينىدىن7توپ كەتكۈزۈپ ئار-نۇمۇستا قېلىش مەستانىلەرنىڭ ئاچىىقىنى بەكلا كەلتۈرۈپ قويدى.
بۇ  مەيدان مۇسابىقە بەلكىم سانچىس بىلەن دىناتالەيگە تەۋە بۇلىشى كېرەكتۇ.ياكى تەقدىر شۇنداقتۇ..چۈنكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىرگەن 7توپنىڭ ھەممىسى بۇ ئىككى توپچى يالغۇز كىرگۈزگەن.سانچىسنىڭ تۇماق كىيىشى دىناتالەينىڭ شىلەپە كىيىشى بلەن..بۇ ئىككى  ماھىر ئۆزىنىڭ ئىتالىيە  بىرلەشمىسى تارىخىدا ئەھمىيەتلىك بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئويناپ تۈگەتكەن.شۇنداقلا ئاددى ئەمما شانلىق ئىزناسىنى ئۇيۇپ قويغان.
شۇنداقلا بالىمومۇ ئىتالىيە تارىخىدا ئېچىنىشلىق بىر تارىخىنىڭ يىزىلشىغا سەۋەپچى بولغان.بۇ مەيدان مۇسابىقە 1994-1995يىلدىن كىينكى ساھىبخانا كوماندىنىڭ ئەڭ كۆپ توپ كەتكۈزگەن بىر مەيدان مۇسابىقە  بۇلۇپ قالغان.

رېنايا0-8مىلان...ۋاقتى؛1955يىلى
يەنە شۇ مىلانمۇ دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن..ھەئە  بۇ قېتىم راستنلا يەنە مىلان..قانداق ؟ئەمدىلىكتە مىلاننىڭ سەلتەنەتىگە ئىشەنگەنسىز..ياۋرۇپادا 7قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن،قورقۇنۇچلۇق كۇلۇپ مىلاننىڭ مانا مۇشۇنداق تۈگىمەيدىغان شانلىق تارىخى بار..
بالىمو ۋە ئۇدىنىس تارىختا 56يىلدىن  بىرى ساھىپخانا كوماندىنىڭ ئەڭ كۆپ توپ كەتكۈزۈش رىكورتىنى يارىتىش بىلەن داڭلىق قىززىق يېرى شۇكى ھەر ئىككىلا كوماندا مىلاننىڭ قىرغىنچىلىغىدىن باش تارتىپ بۇلالمىغان.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رېنايا8توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ ئەشەددى تارىخقا شاھىد بولغان بولسا..ئا س مىلان كوماندىسى تارىخىتىن بۇيانقى ئەڭ زور نۇمۇر پەرقى بىلەن ساھىپخانا مەيداندا يېڭىش تارىخىغا شاھد بولغان.ئۇ مۇسابىقە پەسلى مىلانغا نىسپەتەن ھەقىقەتەن ئەڭ زور غالىبىيەتچى شەرپىگە ئىرىشكەن بىر يىلدۇر.
ئۇلار  ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن،شۇنداقلا ئەڭ كۆپ توپ كىرگەن كوماندىغا ئايلانغان،جەمئىي 81توپ كىرگۈزۈپ.ساھىپخان ۋە مىھمان دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي ،ئۇچىرغاننى سۈپۈرۈپ ماڭغان.ساھىپخانا مەيداندا 41توپ مىھمان مەيداندا 40كىرگۈزۈشتەك قورقۇنۇشلۇق نەتىجىنى ياراتقان.يەنە بىر تەرىپى شۇكى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مىلاننىڭ ئارقا سەپ مۇداپىيسى ناھايىتى ياخىشى بۇلۇپ.پۈتۈن بىر يىلدا كەتكۈزۈگەن توپ سانى 35بولغان.يەنە بىر تەكىتلەشكە تىگەىشلىكى شۇكى شۇ مۇسابىقە پەسلى رېنايا ئىنتىرمىلاننىڭمۇ قىرغىن قىلىشىدىن قۇتۇلالماي.7دە 1نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋەتكەن..قانداق ئىتالىيە بىرلەشمىسى قورقۇنۇشلىقمىكەن؟ھەئە ھەقىقەتەن بەك سىرلىق...


شۇنداق بۇيەردە رىۋايەتلەر تۈگىمەيدۇ،ھىكايىلار داۋام ئەتكۈسى...
لازىيو8-2فىلورىنسا  ۋاقتى؛1995يىلى
1995-يىلى 3-ئاينىڭ2-كۈنى لازىيو كوماندىسى رىمنىڭ ئولىمپك تەنتەربىيە مەركىزىدە فىلورىنسا كوماندىسىنى كۈتىۋالغان بۇلۇپ. كۆپ بۈركۈت كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى زىماننىڭ ھاياتىدىكى ساراڭلارچە قىرغىن قىلغان بىرمەيدان مۇسابىقسى بۇلۇپ قالغان.[بوكا]گوروپپىسىنى تەشكىل قىلغان بۇ قۇشۇن.پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە بوكىشىچىنىڭ 2توپ ئۇرىشى،كاسىلاچىنىڭ قالپاق كىيىشى،مۇداپىيىچى نىگىلو ۋە كىلاۋىيچىنىڭ بىردىن توپ كىرگۈزۈشى بىلەن پۈتۈن مەيدىن ئوت چىقىرۋەتكەن.ئاخىرىدا 2گە قارشى 8نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان..شۇنداقلا  1گە قارشى5نەتىجە بىلەن ناپلىسنى يەڭگەن.1گە قارشى 7نەتىجە بىلەن فۇگ كوماندىسىنى قىرغىن قىلغان.شۇنداق قالتىس نەتىجىسى  بىلەن ھەتتا يۇۋىنتىسنىمۇ 1گە قارشى 3نەتىجە بىلەن ئوڭدا قويغان.ئەمما قولغا كىلىشكە ئازلا قالغان چىمپىيونلىقنى تارتقۇزۇپ قويغان.بۇلار مانا مۇشۇنداق تۇرۇپ -تۇرۇپ پەيدا بۇلۇپ ،ئۈزىنى بىلمىگەننىڭ جازاسىنى بىرىپ تۇرىدۇ.خۇددى ئوتتۇرا ئەسىر  ياۋرۇپا كىنىولىرىدىكى غايىپ جەڭچىلەردەك.بۇمۇ ئىتالىيىنىڭ باشقا جايدىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە خاسلىقى.زىمان  ھەقىقەتەن قالتىس تېرىنېر..بۇمۇ ھەم ئىتالىيە قامۇسىغا كىرگەن سەلتەنەتلىك بىر تارىخ بۇلۇپ قالغۇسى...

بولدى ئارتۇق سۆزىلمەي بولمىسا قايناپ قالىمەن...نىمە ؟مەندىن يەنە شۇ مىلانمۇ  دەپ سورىدىڭما؟كۈزۈڭ بارمۇ قاراپ باقە،،قۇلىقىڭ بارمۇ ئاڭلاپ باقە؟كۈزۈمنى يۇمۇۋالساممۇ ئۆزگەرمەس بۇ تارىخ..كۈزۈمگە سەت كۈرۈنۈپ ئىتالىيە تارىخنىڭ نەرىگىلا قارىسا شۇ مىلان..
ھاي -ھاي توختا نەۋرەم،،نىمىگە چىچچاڭشىيسەن ئەنە ئاشۇنداق  قابىليىتىڭ بولسا سەنمۇ يىزىلسەن ..غىققىدە بۇلۇپ قالدىم..
بوپتىلا چىداپ يىزىۋىتەي ئەمدى ئىسمىڭ چىقماس
مىلان9-0بالىمۇ  ۋاقتى:1951يىلى
بالىمۇ يەنىلا بۇ پەسىل باشقىلارنىڭ تارىخ يىزىلشىغا سەۋەپچى بۇلدىغان تەقدىرىدىن قۇرتۇلالمىدى.7-0نەتىجە بىلەن ئۇدىنسقا ئۇتتۇرۋەتكەندىن كىيىن ..داۋاملىق تۈردە 9-0نەتىجە  بىلەن مىلەنگەنگىمۇ يېڭىلدى..سەن توپ ئوينىمىساڭ  بوممامتى زادى..خەپ خەپ...1951يىلى2-ئاينىڭ18كۈنى ئاس مىلان 0گە قارشى 9نەتىجە  بىلەن بالىمونىڭ ئىتالىيىدىكى يۈزىنى بىراقلا تۈكۈپ تاشلىدى،،توۋا بۇ مەيدان مۇسابىقدە ۋاراتار بىلەن بېكلەر ھاجەتخانىغا سىگىلى كەتمىگەندۇ ھە..پۈتۈن مەيداننى قىزىل قارا كىيىم  كىيىۋالغان بىر  توپ يىرىتقۇچلار ئورىۋالغان  بۇلۇپ.مەيداندا يەنە باشقىلارنىڭ بارلىقىنى بىلىشمۇ تەسكە توختاپ قالغان ئىدى.كىمنىڭ مەيدانى بۇ ئەمدى،،زادى نىمىش بۇلۇپ كەتتى.توختىماي يۇپۇرلۇپ كىلىپ بىردەمدە قىقاس چۇقان بىلەن غەلبىنى تەبرىىكلەۋاتقان.ئاندىن يەنە شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۈتۈپ كىشىنى ساراسىمگە سېلىپ قۇيىۋاتقان..خۇددى چىڭگىزخاننىڭ قۇشۇنلىرى غەرىپكە قۇشۇن تارتقاندا ،ياۋرۇپالىقلار كىلىۋاتقانلارنىڭ ياۋۇزلىقىدىن قانداق جانلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگندەكلا.ھۇشىنى يىغىپ بولغۇچە مانا 9توپ كىرىپ بوپتۇ..ئۇف نىمە كۈن بۇ ئەمدى...

ھەجەپ ئۇيقۇم كىلىپ كەتتى،بىر تەرەپتىن ئاپام كومپىيوتۇرنى ئۈچۈر دەپ تىللاشقا باشلاۋاتىدۇ..كۈزۈم يېرىم ئۇيقىىدا ..شۇنداقتىمۇ تېمىنى توختىتىپ قۇيۇشقا رايىم بارماي ..يەنە يىزىپ كىتىپ بارىمەن ساراڭدەك...بىر ناخشا بارتىغۇ ..تىللاپ كىتىدىغان نىمە ساراڭدەك تۈگىمەيدىغان دەپ..شۇنىڭغا ئوخشاش چىشىمغا تىگىپ  نىمانداق تۈگىمەيدىغان  تارىخ بۇ؟بولدىلا ساراڭدەك سۆزلىمەي تېمامنى يازي
خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن 9دە بىر دەيدا؟كىم كىمگە ئۇرغاندۇ؟ئالە شەرىڭنى@@ ھېي باللا يۇۋىنتىس ئىنتىرنىڭ ۋاراتاسىغا 9نى تېزەكلەپ  قۇيۇپتۇ خەققە دىمەڭلا ھە،،سەت تۇرىدۇ توۋا نىم دەيدىغاندۇ بۇ..ھە دەل شۇنداقكەن..باشتىن بىژ سۆزلىسىلە غوجام ،،كۇسىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلاي..ئىشىڭنى قىلەۋاي ماڭقا تاز..
يۇۋىنتىس9-1ئىنتىرمىلان       ۋاقتى؛1961يىلى
بۇ مەيدان مۇسابىقە دەششەت بىر مەيدان مۇسابىقە بۇلۇپ..ئىتالىيە دۆلەت  دېربىسىنىڭ ئىناۋىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان كۈن..ئىتالىيەدە غۇجائاكا  دەيدىغان  بىرسىنىڭ يوقلقنى بىلدۈرۈپ قويغان كۈ،،،ناۋادا بىرەسى مەن نوچى دىسە ،ماۋۇ ساراڭ لۈكچەكلىدەك، ئاۋۇ ئىنتىرتى دىمەي كەشىنى توغۇرلاشنى بىلدۈرۈپ قويغان كۈن..مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئىنتىر 2توپ كەتكۈزۈپ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ،،تا مۇسابىقە تۈگىگىچە ۋەھىمە ئىسكەنجىسىدن قۇتۇلالماي.ئېچىنشلىق ھالدا يەنە 7توپ يەپ..جەمئىي 9توپ بىلەن ئاچچىق رىئاللقنى ئامالسىز قۇبۇل قىلشقا مەجبۇر بولغان..يۇۋىنتىس بولسا ساراڭلارچە ئۈزىنى ئېتىپ پۈتۈن دۇنيانى بېشىغا كىيگەن.بۇ  مەيدان مۇسابىقىدە ھېلىقى ئىسمىنى ئۇقمايدىغان چەتئەللىك 6توپ ئۇرۇپ قويغان تېخى مانداقمۇ تارىخ بار جۇمۇ..ئىسپاندىلا بارمىكى دىگەنما بىلىپ قۇيۇڭلار ،،جامائەت..پۇتبول  ئەلمىساقتىن گۈللەنگەن جاي بۇ..پايدىسى تەگمىسىمۇ،زىيىنى بولمايدۇ.

دۇلىي10-0ئالىكساندىرىيە   ۋاقتى1948يىلى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرقى مەزگلىلىرىدە ئاجايىپ بىر ۋەقە يۈز بەرگەن.يەنى 1948يىلى 5-ئاينىڭ2كۈنى ..دۇلىن كوماندىسى ئالكساندىريە كوماندىسىغا10توپ ئۇرۇپ قويغان..
تۇلۇقلاپ يىزىشقا  سەۋىيەم يەتمىدى..ھې   ھې  ھې..شۇنداق ئارتۇق گەپ قىلماي ئۇقۇساڭلا بولدى..نىمە نىمە..نىم بوپتۇ ،ئاخىرچۇ ؟نىم بۇلىتى شۇ 10يەپتۇ ھە تازا 10نى....قەشقەرنىڭ پىتىر مانتىسىنى يىگەنمۇ ..ئوخشاپتۇ دەپ ئۇقماي يىگەن گەپ. ئوغال بالا دىگەن جىق گەپ قىلمايدىغان،،ھە مانا ئەمسە تۈگىدى تازا
ئۇف ئاخىرى تۈگىدى‹‹نىمە شۇنداق ئازما؟؟ۋاي بەك ھېرىپ كەتىىم نوچى بولساڭ داۋامىنى   سەن ياز.. خوش مەن ئۇخلىدىم››››
                                                              ئاپتۇر ئىلاۋەسىدىن
سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكىدىن  مۇشۇنچىلىك يىزپ تۇردۇم..ياقتۇرۇپ ئۇقۇشۇڭلىغا مۇيەسسەر بۇلالغان بولسام ئۈزمنى قالتىس خوشال ھىس قىلىمەن..يىزىش جەريانىدا خاتالىق ۋە سەۋەنلىك كۈرۈلگەن بولسا ئەپۇ سورايمەن..قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بولسا ھەر ۋاقىت قۇبۇل قىلشقا تەييارمەن..
ھۆرمەت بىلەن سەبرى 22دىن:
2013يىلى 11-ئاينىڭ5-كۈنى سەھەر:

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 9مۇنبەر پۇلى +500 تۆھپە +30 شۆھرەت +25 تەجرىبە +25 يىغىش سەۋەبى
HAKKER + 50 + 10 قالتىس! ئىلھامىڭىزغا .
missi2 + 50 قالتىس!
suykasiqi + 50 قالتىس!
بېرنابۇ + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
توپ تەپكۈچى + 50 + 10 + 10 + 10 داۋاملىق
بىرازىلىيە + 50 قالتىس!
ۋەتەنجان + 100 قوللاش!
پارتىزان + 50 + 5 + 5 نادىر تېما
130112 + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-5 00:58:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5 مېليۇنغا تىگشىدىغان تىماڭ شۇما..(كۆز قارچۇقى بىر مىتىر  پولتۇيۇپ چىققان ئېپادا)  مەن ئاۋال ئوقۇي ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-5 01:02:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-11-5 00:58
5 مېليۇنغا تىگشىدىغان تىماڭ شۇما..(كۆز قارچۇقى بىر مىتى ...

كىم شۇنداق دەپتۇ..نەق 5مىليون خەلىق پۇلى بەرسەڭمۇ تىگىشمەيمەن مەن..4سائەتتە ئاران يازدىمئالدى بىلەن مەن پەقەت بىرلا دىگەن تېمىغا پۇلنى ئۇرۋېتىپ ..ئاندىن مانىڭغا ئويلاش بولمىسا راسلا شەخسييەتچىكەن دەيمەن جۇمۇ..[دەششەت غەزەپ بىلەن مىشقارغان ۋە شۇنداقلا تۈكۈرۈكنى چاچىرتىپ تۇرۇپ،كۆز بىلەن جايلاش ھىلىسىنى ئىشىلتىپ [خۇددى ساكۇراگىدەك ]ئىشتانغا سىيدۈرۋاتقان،ۋە بىراۋنىڭ ئىلتىجاسىنى خوش ياقمىغان ھالەتتە قۇبۇل قىلىپ.شۇنداقلا بىر قۇشۇق قېنىدىن كەچكەن] چىراي ئىپادىسى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
ۋەتەنجان + 10 ۋەھىمىلىك ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-5 01:04:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ئوقۇپ بولغۇچە ھېرىپ قالدىغۇ كىشى ئاپتور قۇغلاپ يۈرۈپ يېزىپ ،بىز قېچى يۈرۈپ ئوقۇپ ھېرىپ قالدىم .. ياخشى تېما ،،تېما ئىگىسىگە رەخمەت ..ياخشى تېما يولاپ سىز ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-5 01:06:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-5 01:02
كىم شۇنداق دەپتۇ..نەق 5مىليون خەلىق پۇلى بەرسەڭمۇ تىگى ...

بولدى بولدى بۇنچىۋالا قىلمىسېڭىزمۇ ھېچكىم سىزنى پاڭ دىمەيدۇ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-5 01:09:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنىم 1- ھىكايىدا قوشگىزەك مىلان  ئوينىغان مۇسابىقىنى ئەيمەنمەي دۆلەت دېربىسى دەپ يىزىپ قويۇپسەن ئۇ دىگەن مىلان دېربىسى  ئېنتېر بىلەن تاغىلللار ئوينىغان مۇسابىقىنىمۇ ئېتالىيە دېربىسسى دەپسەن قايسى گەپ راس زادى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-5 01:13:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jabran يوللىغان ۋاقتى  2013-11-5 01:06
بولدى بولدى بۇنچىۋالا قىلمىسېڭىزمۇ ھېچكىم سىزنى پاڭ  ...

مەن   قېرىكام بىلەن چاقچاقلىشىۋاتىمەن...ماڭا قارىتا باشقا تەكلىپ پىكىرىڭىز بولسا...ئۇچۇق دەڭ تۈزىتەي بولمىسا،،بولدىلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-5 01:14:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-11-5 01:09
ئېنىم 1- ھىكايىدا قوشگىزەك مىلان  ئوينىغان مۇسابىقىنى ئ ...


ھەممىسى بىر گەپقۇ..قېرىغاندا نىمە جويلىيدىغاندۇ ما ئادەم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-5 01:15:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-5 01:13
مەن   قېرىكام بىلەن چاقچاقلىشىۋاتىمەن...ماڭا قارىتا با ...

تۈزتەمسىز بولدىمۇ ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-5 01:16:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jabran يوللىغان ۋاقتى  2013-11-5 01:15
تۈزتەمسىز بولدىمۇ ؟؟

ماقۇل ....رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-5 01:16:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋىتىڭىز كۈچلۈككەن،راستىنلا 5مىليۇنغا يارىغۇدەككەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-5 01:17:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورۇل يوللىغان ۋاقتى  2013-11-5 01:16
قەلەم قۇۋىتىڭىز كۈچلۈككەن،راستىنلا 5مىليۇنغا يارىغۇد ...

رەھمەت  دوستۇم..قوللىغىنىڭىزغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 08:42

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش