akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3452|ئىنكاس: 76

مېسسىنىڭ توپ ئۇرىشى نېمىشقا توختاپ قالدى ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-5 09:14  

Img5733425_x580.jpg

     مېسسىنىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ئەمدى تۆۋەنلىشى مۇمكىن !





توختىماي توپ ئۇرىۋاتقان مېسسى يېقىندىن بۇيان ئويلىمىغان يەردىن توختاپ قالدى .ھازىر تۆت مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى بىرمۇ توپ ئۇرمىدى .مەيلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مەرگەنلەر رەت-تەرتىپى بولسۇن ياكى بىرلەشمە بولسۇن ، شۇنداقلا 2013-يىللىق « ئالتون توپ » مۇكاپاتى رىقابىتىدە بولسۇن ،كىرىستىئانو رونالدودىن خېلى بەكلا يىراقلاپ  كەتتى .14 مەيدان مۇسابىقىدە 12 توپ كىرگۈزۈش ،بۇ ئادەتتىكى بىر توپچىغا سېلىشتۇرغاندا قالتىس نەتىجە ، بىراق ئۇدا تۆت قېتىم « ئالتون توپ » مۇكاپاتىنى ئالغان .ھەمدە ئىلگىرىكى ئىككى پەسىلدە جەمئىي 133 توپ ئۇرغان مېسسىدەك بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى ھۇجۇمچىغا نىسبەتەن بۇ لاياقەتلىك نەتىجە ئەمەس ،ئۇنداقتا مېسسىگە نېمە بولدى ؟ « ماركا گېزىتى » بۇ ئارگېنتىنالىقنىڭ ئىپادىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنىڭ يەتتە خىل سەۋەپنى تېپىپ چىقتى . دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن !


1-مېسسى ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان توپچى ئەمەس .

Img5733424_x580.jpg

يېڭى تېرىنىر مارتىنو كوماندىدىكى ھەممە ئەزالارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ .گۇئادىئلا دەۋرىدە مېسسى بىر مىنۇتمۇ مەيداندىن چۈشمەيتتى .بىراق مارتىنو بارسېونادىكى كۆپلىگەن توپچىلارغا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى .تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە مېسسىنى 70 مىنۇتتىلا ئالماشتۇرىۋەتتى .ئاساسۇنا ۋە خانلىق جەمىيەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مېسسى زاپاس بولدى .بۇنىڭدىن كېيىن مېسسى بەزى مۇسابىقىدە يەنە زاپاس بولۇشى مۇمكىن !


2-نېيمارنىڭ بارسېوناغا كېلىشى


Img5733423_x580.jpg


بىرازىلىيەلىك يېڭى چولپان نېيمارنىڭ بارسېلوناغا قوشۇلۇشى مېسسىغا تەسىر كۆرسەتتى .مېسسى يارىلانغاندا نېيمار مېسسىنىڭ يوقلوقىنى بىلىندۈرمەي قالتىس ئوينىتىۋەتتى .كىشىلەر ،مېسسى بولمىغان شارائىت ئاستىدا نېيمارنىڭ كوماندىغا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى .نېيمار بولۇپمۇ دىربىدا ئۆزىنىڭ رولىنىڭ مېسسىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى .


3-مېسسىنىڭ باج يۇشۇرۇش ئىشى

Img5733422_x580.jpg

بۇ يىل يازدا ئىسپانىيە باج ئورۇنلىرى مېسسى تۆت مىليون ياۋرو باجدىن ئۆزىنى قاچۇرغان دەپ  تەكشۈرۈشنى باشلاپ يېقىندا رەسمىي سوت ئاچتى .مېسسى سوتتىن بۇرۇن بىر نەچچە يىللىق باجنى بىراقلا تۇلۇقلاپ تاپشۇرۇپ تۈرمىگە كىرىشتىن قۇتۇلۇپ قالدى .بۇ ئىش دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە خېلى غۇلغۇلا قوزغاپ مېسسىگە بېسىم چۈشۈرۈپ قويدى .راستىنى دىگەندە مېسسى بۇ قېتىم ئازراق يۈزىنى تۆكۈۋالدى .بىراق مېسسىنىڭ ئەڭ ئاچچىقى كېلىدىغىنى ،مۇشۇ جەرياندا بارسېلونا يۇقىرى قاتلىمى ئوتتۇرغا چىقىپ مېسسىنى قوللاپ قويمىدى .

4-كەينى-كەينىدىن يارلىنىش

Img5733421_x580.jpg

ئىلگىرىكى بىر نەچچە يىلدا مېسسى ئاساسى جەھەتتىن يارىلىنىشتىن يىراق تۇرغان .ئەمما بۇ يىل مېسسى كەينى-كەينىدىن يارىلاندى .قېتىم سانى ئۈچكە يەتتى .ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ۋە بىرلەشمىدە بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقالمىدى .مۇشۇ ئامىلمۇ مېسسىنىڭ توپ ئۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى ....

5-دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى

Img5733420_x580.jpg

كىشىلەرگە ئايان ،مېسسى ھازىر دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ چىمپىيۇنلۇقىدىن باشقا ئالىدىغان شەرەپنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئالدى .2014-يىلدىكى بىرازىلىيە دۇنيا مۇسابىقىسى مېسسىنىڭ ياخشى پۇرسىتى .مېسسى ئۆزىنىڭ مارادونا ۋە پىلى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ .دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن ۋە دۇنيا لوڭقىسى باشلانغۇچە ھالىتىنى تۇراقلىق قىلىش .بۇ ئۇزۇن جەريان .كېلەر يىلى 7-ئايغىچە بۇنداق قىلماق بەك تەس .شۇڭىلاشقا بارسېلونادا ۋە ئارگېنتىنادا مۇسابىقە ئوينىغاندا ئىككى خىل ھالەتتە ئويناش .تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،مېسسى بىلەن ماسچىرانو بۇ ئىش ئۈستىدە كېلىشىپ بولغان .

6-مەيداندىكى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى

Img5733419_x580.jpg

ئادەتتە بارسېلونادىكى بارلىق ئەزالار مېسسىنى چۆرىدىگەن ھالدا توپ تېپەتتى .ھەمدە مېسسىگە توپ ئۇرۇش پۇرسىتى يارىتاتتى .بىراق ھازىرقى جەڭ تاكتىكىسى  ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ .مېسسىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى رولىدا چېكىنىش ئېغىر .مارتىنونىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ،مېسسىنىڭ ئورنى ئوڭ يان تەرەپكە تېخىمۇ يېقىنلاشقان .ئىسپانىيە دىربىدە ، جەڭ تاكتىكىسىدىكى يادرولۇق ئەزانىڭ مېسسى ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىپ قالدى .

7-ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئارام ئېلىش

Img5733418_x580.jpg

كۆپلىگەن كەسپىي پۇتبولچىلارغا نىسبەتەن سەل ئۇزۇن بولغان ئارام ئېلىش ،شۇ توپچىنىڭ توك تولۇقلىشىدىكى ياخشى پۇرسىتى .ھەم ئەسلىگە كېلىشىگە ياردىمى بولىدۇ .بىراق بۇ قېتىم مېسسى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ،« ئارگېنتىنالىق ئارام ئالمايدۇ .پەقەت مۇسابىقە ئوينىسىلا بولىدۇ » دېگەن سۆز ھازىر يوقاپ كەتتى .بۇ يىل يازدىكى ئارام ئېلىشتا مېسسى ھېچقانداق مۇسابىقىگە قاتناشمىغان .توختىماي ساياھەت قىلغان .مەشىق مەيداندىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئۆرلىگەن . مۇسكۇلىرىمۇ بۇشىشىپ كەتكەن .مانا ئەمدى مۇسابىقىدە سۈرئىتىگە ۋە ئىپادىسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن .

Img5730371_x580.jpg

تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )






پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-4 23:51:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ھېچقىسى يوق ئارام ئالسۇن .ياخشى بوپتۇ ،   باجنىڭ دەدىنى بەك تارتىپ كەتتىمۇ بۇ بالا ؟ كىلەر يىلى ساتامدۇ تېىخې
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-4 23:51:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا لوڭقىسىغا قاراپ ھۇررا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-4 23:52:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدوغا پۇرسەت كەلدىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-4 23:53:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-4 23:53:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما پەسىل رونالدو  مۇشۇنداق ماڭسا ئالتۇن توپنى بەمىسە ،ۋەسمىي قارا قول با دىسە بۇلدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-4 23:55:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ھازېرقى بارسىلونانىڭ سەپ شەكىلدە مىسسى توپ ئۇرالمايدۇ  بارسىلونادىكى مىسسىغا تاينىۋىلىشنى يۇقىتىمىز دەپ بۇ بالىنى ئاساسەن ھۇجۇم تەشكىللەشكە قۇيۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-4 23:56:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشقىن بۈرگە ، سەپتىن چۈشۈپ قالما ، سەپتىن چۈشسەڭغۇ  ئىزىڭغا بىر بېلەن نېيمارنى ئەكىلىۋالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-4 23:57:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدىمۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بەدىنى ئاجىز مېسسى ئېغىر مەشىق، مۇسابىقە ھەم تۇرمۇش  كەسىپنىڭ بېسىمىدىن ياخشى ھالەتنى ساقلىيالمىغانلىق ھەقتۇر، لېكىن مېسسى ھەقىقەتەن چارچىدى . چۈشىنىشلىك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-5 00:00:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىمى بۇنىڭ ئىپادىسى ئەمەس خاۋى بىلەن ئىنىستانىڭ ئىپادىسى ئاجىزلاپ كەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-5 00:00:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  توغرا  .  كەينى-كەينىدىن يارلىنىش  ھەم   ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئارام ئېلىش    ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسەتكەندەك قىلىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-11-5 00:03:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساڭا ئامەت  تىلەيمەن مىسسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 09:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش