ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 683 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم جامائەت:
بىز 2007-يىلى 10-ئايدا بۇرادىرىمىز نۇرئەخمەت«بوس»نىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا ئۇيغۇر تەقلىدىي پۇتبول مۇسابىقە ئەترىتى (新疆≮UY≯实况战队)نى قۇرغان بولۇپ كۇلۇبىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆز- ئارا توردا ئۇلاپ دوسلۇق مۇسابىقىسى ھەمدە ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى تەقلىدىي پۇتبول مۇسابىقە ئەترەتلىرى بىلەن مۇسابىقە ئويناشنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ 2011-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ تەنھانىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ھەم بوسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەقلىيدىي پۇتبول ئۇيۇنى ئۆزىمىزنىڭ بىرلەشمىسىنى )数据联赛(ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان بۇنڭدا مۇسابىقە ئەترىتىمىزدىكى ھەر بىر ئەزا بىردىن كۇلۇب ئېلىپ بۇ كۇلۇبلارغا جوڭگۇ تەقلىدىي پۇتبول مۇسابىقە ئەترىتى تارقاتقان ئەڭ يېڭى ياماقنى ئىشلىتىپ ھەر قايسى كۇلۇپلاردىكى داڭلىق توپچىلارنى سانى ئوخشاش دەرىجىدە ھەر بىر ئەزاغا مۇۋاپىق تەقسىملەپ ھەر بىر كۇلۇپتا 20 دىن توپچى بولۇش، مۇسابىقىنى توردا ئۇلاپ مۇسابىقە ئويناش نەتىجىنى توردا يوللاپ خۇلاسە قىلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بىرىۋاتقان ئىدۇق.
بۇ يىل 10-ئايدا مۇسابىقە ئەزالارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن «ئۇيغۇر تەقلىيدىي پۇتبول كۇلۇبى»مىز ئەزالىرىدىن بوس،تەنھا،بىپەرۋا(kn612)،لاچىن ،گىراد،luck،شوخ،ئەرك قاتارلىق بۇرادەرلىرمىزنىڭ ئىقتىسادي جەھەتتىن قوللىشى،بۇرادىرىمىز سوككىرنىڭ كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە بىر قوللۇق ئىشلىشى بىلەن دىيارىمىز شىنجاڭدىكى بىردىنبىر تەقلىدىي پۇتبول ئۇيۇنىنى ئاساس قىلغان، قېرىداشلىرىمىزنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پۇتبولغا ئائىت يېڭى خەۋەرلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش ،ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ مۇنبەرنى قۇرۇپ چىقتۇق.بۇ مۇنبەردە ئاساسلىقى پۇتبول ئويۇنى (we8)غامۇناسىۋەتلىك ئىش -پائالىيەتلەر ،ھەرخىل مۇسابىقىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ ،شۇڭا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ھەر قايسى ئۇيۇنخۇمار ئەزالارنىڭ مۇنبىرىمىزگە كۆپرەك كىرىپ مەزمۇنى ساغلام ،ئىناقللىققا تەسىر يەتمەيدىغان تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇشىنى، مۇنبىرىمىزنى باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشىنى ئەڭ مۇھىمى ياخشى بولغان تەكىلىپ پىكىرلەرنى بىرىپ تۇرۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز .شۇنداقلا پۇتبول مۇنبىرىمىزدىكى داڭلىق تەقلىدى پۇتبول ئۇستىلىرىنىڭ تەكلىپ --پىكىرلىرىنى قاتناشتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز،
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ(≮UY≯تەقلىدى پۇتبول مۇسابىقە ئەترىتى پۇتبول مۇنبىرى گۇرۇپپسىى
www.xjwe8.com
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|