ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8571 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-31 13:12
ئۈرۈمچى ۋاقتى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ( 5:35 ) مىنوت ئۆتكەندە ،2013-يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 29-ئايلانمىسىنىڭ بىر مەيدان دەرىجە ساقلاش ھايات -ماماتلىق جېڭى ئېلىپ بېرىلىپ ،چىڭداۋ جوڭنېڭ ئۆز مەيدانىدا بارى مەمتېلى توپ ئويناۋاتقان جىياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى .ئەگەر چىڭداۋ بۇ مۇسابىقىدە مەغلوپ بولسا ،يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە چاڭچۈن ياتەي رەقىبىنى يەڭسە ، ئۇ چاغدا چىڭداۋ بىر ئايلانما بۇرۇن ئا دەرىجىگە چۈشۈپ كىتەتتى .بىراق ۋەزىيەت چىڭداۋغا پايدىلىق بولۇپ چىقتى . يەنى : مۇسابىقە باشلىنىپ 76 مىنوت بولغاندا چەتئەللىك توپچى كابېللېرو كالا بىلەن توپ ئۇرۇپ ، ئاخىردا 1 : 0 نەتىجە بىلەن جىياڭسۇ شۈنتىيەننى مەغلۇپ قىلدى .چاڭچۈن ياتەيمۇ مەغلۇپ بولدى .
شۇنىڭ بىلەن چىڭداۋ جوڭنېڭ 31 نۇمۇر بىلەن تەلەيلىك ھالدا كەينىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتتى .جىياڭسۇ يەڭگەن بولسا مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىلا دەرىجىسىنى ساقلاپ قالالايتى .ھازىر جىياڭسۇمۇ ئوخشاشلا 31 نومۇر بىلەن تۆتىنچى ئورۇندا .كېيىنكى ئايلانمىدا يەنە ئۇتتۇرۋەتسە بارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسى دەرىجىدىن تاشقىرى بىلەن رەسمىي خۇشلىشلىشىپ قېلىشى مۇمكىن .( بارى بۇ مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقمىدى .زاپاس ئەزالار تىزىملىكىدىمۇ يوق ) يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ،بېيجىڭ ئامانلىق كوماندىسى مېھمان مەيداندا مىرئەخمەتجان توپ تېپىۋاتقان شەندوڭ لۇنىڭ كوماندىسنى 3 : 1 نەتىجە بىەن مەغلۇپ قىلىپ بىر ئايلانما بۇرۇن ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى .
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )
|
|