akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1119|ئىنكاس: 21

خېڭدا ياۋرۇپانىڭ دىققىتىنى تارتىماقتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-29 21:48:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىدى كۈچ سىنىشىشىدا گۇاڭجوۋ خېڭدا كۇماندىسى مىھمان مەيداندا سىئول FC بىلەن 2-2 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى . مىھمان مەيداندا كىرگەن ئىككى توپ خېڭدا كۇماندىسى بىلەن چىمپىيۇنلۇقنىڭ ئارلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى . خېڭدانىڭ قالتىس بولغان ئىپادىسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىماقتا . ئەنگىلىيەنىڭ نۇپۇزلۇق ئاخپىرات ۋاستىسى بولغان ‹‹ سەھىيە گىزىتى ›› مۇسابىقىدىن كىيىن بۇ مەيدان مۇسابىقە توغرۇلۇق  خەۋەر بەردى شۇنداقلا خېڭدا كۇماندىسىنى ئاسىيادىكى بىرىنجى زەردار دەپ ئاتىدى . خېڭدانىڭ نىشانى توغرۇسىدا توختالغاندا ‹‹سەھىيە گىزىتى ›› تېخىمۇ ئىلگىرلەپ خېڭدانىڭ قارا نىيىتىنى ئېچىپ بەردى . خېڭدانىڭ نىشانى پەقەت ئاسىيا ئۇزغۇنى بۇلۇشلا بولماستىن تېخىمۇ زور بولغان دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىرىشمەكچى .

Img389169146.jpg

خېڭدا باش مەشقاۋۇلى لىپى توغرۇلۇق ‹‹ سەھىيە گىزىتى ›› چوڭ سەھىپىلىك خەۋەر بەردى ، خەۋەردە : ‹‹ لىپىنىڭ بۇ مۇسابىقىدە غەلبە قىلىشقا مۇتلەق ئىشەنچىسى بار ، مەيلى كۇماندىنىڭ ئەمەلى كۈچى بولسۇن ياكى شەخسى تىرنىرلىق سەۋىيىسى جەھەتتىن بولسۇن لىپى ۋە ئۇنىڭ كۇماندىسى ئاسىيادە ئەڭ قالتىس . ›› دىيىلدى . لىپى ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشكەن تۇنجى كىشىگە ئايلىنىشى  مۇمكىن . بۇ بىر تۈرلۈك بۇرۇن كۈرۈلۈپ باقمىغان رىكورت بۇلۇپ قالغۇسى . لىپى بىلەن جوڭگۇ تاراتقۇلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ياخشى ، ھەر قېتىم ئاسىيا ئۇزغۇنلىقىدىكى مىھمان مەيدانغا بارغاندا تەخمىنەن 70 ئەتىراپىدا جوڭگۇ مۇخپىرى كۇماندىغا ئەگىشىپ بارىدۇ . بۇنىڭدىن  ئاممىنىڭ لىپىنى قانچىلىك قوللايدىغانلىقىنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدۇ ، كۆپچىلىك لىپىنىڭ جوڭگۇ دۆلەت كۇماندىسىنى يىتەكلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا .

گۇاڭجوۋ خېڭدا جوڭگۇدا ئاسىيادىكى ‹‹ قىزىل ئالۋاستى ›› دەپ قارىلىدۇ . كۇماندىنىڭ ئەمەلى كۈچىمۇ ئاسىيادا ئەڭ كۈچلۈك بۇلۇشقا مۇناسىپ . بىراق كۇماندىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن قارىغاندا خېڭدا مانچىستىردىكى يەنە بىر كۇماندا مانچىستىر شەھرىگە بەكرەك ئوخشايدۇ . كۇلۇپ خۇجايىنى ئۆي مۈلۈك سودىگىرى ، زور سوممىدىكى مەبلەغ كۇماندىنىڭ تىز سۈرەتتە قەد كۈتۈرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى . بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار تېخى دۆلىتىمىزدىكى ئىككىنجى دەرىجىلىپ بىرلەشمىدە توپ تىپىپ يۈرگەن ئىدى ، بىراق بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىق بىرلەشمىدە ئۇدا ئۈچ نۆۋەت چىمپىيۇن بولغان كۇماندىغا ئايلاندى ، يەنە كىلىپ ئاسىيا ئۇزغۇنى بۇلۇشتىن ئۈمىد زور . ئەگەر چىمپىيۇن بۇلۇپ قالسا يىل ئاخىرىدىكى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ . دۆلەت ئىچىدە خېڭدانىڭ قوللاش نىسپىتى تۇلىمۇ يۇقۇرى ، تاراتقۇلارنىڭ سىتاستىكىسىغا قارىغاندا %94 ئامما خېڭدانى قوللايدىكەن . تۇنجى ئايلانمىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسى كۈرۈش نىسپىتى ئەڭ يۇقۇرى بولغان مۇسابىقە بۇلۇپ قاپتۇ .

‹‹سەھىيە گىزىتى ›› يەنە كۇماندىدىكى ‹‹ ئۈچ نەيزە ›› توغرۇسىدا خەۋەر بەردى . كونكا خېڭداغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ، مۇئاشى دۇنيادا مۇئاشى ئۈچىنجى ئۇرۇندا تۇرىدىغان توپچى ئىدى ، ئۇ ھازىرمۇ كۇماندىدا يادرولۇق رول ئوينىماقتا . ئەڭ ئالدىدىكى مۇرىچۇ بىلەن ئەلكىسوننىڭ ھەر ئىككىلىسى بىرازىلىيەلىك ماھىرلار ، باشقا ئاسىيا توپچىلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بەدەن ساپاسى ، سۈرئەت ۋە تېخنىكىغا ئىگە . بۇ ئامىللار ئۇلارنى كۇماندىنىڭ توپ كىرگۈزىدىغان مۇھىم ئەزاسىغا ئايلاندۇرغان . گەرچە كۇماندىدىكى كۆپ قىسىم توپچىلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىز توپچىلىرى شۇنداقلا دۆلەت كۇماندىسى ئەزاسى بولسىمۇ دۆلەت كۇماندىسىنىڭ خەلىقئارالىق مۇسابىقىلەردىكى نەتىجىسى كۈڭۈلدىكىدەك ئەمەس . نۆۋەتتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا خېڭدانىڭ مۇۋاپىقىيىتى جوڭگۇنى چەتئەللىك ماھىرلاغا قۇيۇلغان چەكلىمىنى يىنىكلەتكۈزىشى مۇمكىنكەن .

ئەلۋەتتە ، خېڭدا جوڭگۇدىكى بىردىنبىر ‹‹پۇل كۆيدۈرىدىغان ›› كۇلۇپ ئەمەس . بۇندىن بۇرۇن شاڭخەي شېنخۇا دېروگبا بىلەن ئانېلكانى قۇشۇۋالغان ئىدى . ئۇنىڭدىن باشقا دالىيەن ئاربېن كۇماندىسىمۇ بارسىلونا ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى كېيتانى سېتىۋالغان ئىدى . بىراق شۇنىسى ئېنىقكى ، خېڭدا دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ قالتىس كۇلۇپ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە يەنە نۇرغۇن دۇنياۋى سەۋىيەلىك تىرنىرلار بار ، لىپىدىن باشقا شىۋىتسىيەلىك داڭلىق تىرنىر ئېركىسسون خېڭدا بىلەن بىر شەھەردىكى كۇلۇپنى يىتەكلىمەكتە ، بىراق نەتىجىسى بىر شەھەردىكى رەقىبىدىن تېخى يىراقتا .

لىپى ئۇڭۇشلۇق ھالدا بىر كۈچلۈك كۇلۇپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇپقا ئايلاندۇرى . خېڭدانىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدە غەلبە قىلىپ چىمپىيۇن بۇلۇش . ئەلۋەتتە بۇ تېخى كۇماندىنىڭ تۇنجى قەدىمى ، دۇنياغا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن خېڭدا يەنە نۇرغۇن يول بېسىشقا مۇھتاج .


مەنبە : http://sports.sohu.com/20131029/n389169145.shtml
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 22:22:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما خىڭدا بەك ۋەششىلىشىپ كىتىپ باردىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 22:40:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىپى خىڭدانى بىراقلا تونىتىۋەتتى دىسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 22:40:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىپى خىڭدانى بىراقلا تونىتىۋەتتى دىسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 22:43:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bula han madrit yaki barsilonadak kulubla bilan bir oynap bahsa bolgudak
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 22:47:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتە ئۇت ! ھەقىقىي ھالسىراپ قېلىشتىن بۇرۇن بەل قۇيىۋەتمە ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 22:57:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 23:13:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەللىك توپچىلار بولمىسا خېڭدانىڭ ھالى قانداق بولار؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-29 23:55:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-30 00:45:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
CR.7 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 23:55
نىمە گەپ ئۇ چەتئەللىك چەتئەللىك دىگەن...سىز باش سۈرىتى ...

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-30 02:34:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېڭدا چەتئىللىك توپچىللىرىغا تايىنىپلا نام قازىنىپ كىتىپ بارىدۇ ، ئىشلىرىڭ خەيىرلىك بولسۇن  ،  شۈ لوبەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-30 02:43:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
CR.7 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 23:55
نىمە گەپ ئۇ چەتئەللىك چەتئەللىك دىگەن...سىز باش سۈرىتى ...

رونالدو مىسسىمۇ ئىسپانىيەگە ئوخشاشلا چەتئەللىك ھىسابلىنىدۇ
لىكىن ئۇلار بولمىسىمۇ كاسىللاس پۇيۇل ئىنستا .........ئسىپانىيلىكلەر بار
ھەم دۆلەتلەر قاتاردا تەرتىپتە دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ
ياۋرۇپادىمۇ شۇ
لىكىن جۇڭگۇچۇ ؟ دۇنيادا قانچە؟
ئاسىيادا قانچە
شۇلار بىلەن ما بەسەيلەرنى سىلىشتۇرۋاتامسىز
ئۆلىۋالىمىسۇن ما كاسىللاسلار سىزنىڭ گىپىزنىڭ ئاڭلاپ
كوريەلىك تىرنىرنىڭ گىپى توغرا مىنىڭچە بۇلارنڭ ئاسىيا چىمپىيونى بولۇشى
ئاسىيانىڭ نومۇسى چەتئەللىكتىن ئۈچى بار قالغىنى بەسەي دىسىڭز
ئەمسە قوڭگو دۆلەت كومادىسى ئاسىيادا قانچىنچى ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 20:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش