akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2147|ئىنكاس: 65

ئەنچىلوتتى: ھەممە ئادەم كۆرگەن نۇقتا توپنى رېپىر كۆرمىدى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-27 11:23:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-27 07:21  

ئەنچىلوتتى: ھەممە ئادەم كۆرگەن نۇقتا توپنى رېپىر كۆرمىدى!




ئەنچىلوتتى ئاخشام ئوينالغان مۇسابىقىدىن كىيىن ،مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ : « رېپىرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىردۇق ،بىزنىڭ كىيىنكى يېرىم مەيداندىكى ئىپادىمىز ناھايتى ياخشى بولغان ،بىز بارىسلوناغا بېسىم قىلىپ ئوينىغان ، ئىپادىمىز مۇ ئالدىنقى يېرىم مەيدانغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولغان،بىز مۇسابىقىنى كونتىرول قىلغان ئىدۇق . توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىمىز مۇ بولغان.( ماسچىرانونىڭ رونالدوغا بولغان ھەركىتىگە قارىتا ) ئەسلى ئۇ  توپ  شۈبھىسىز نۇقتا توپ ئىدى ،ھەممە ئادەم كۆرگەن تۇرسا رېپىر نىمىشقا كۆرمەيدۇ ، دۇنياۋى رېپىرنىڭ بۇ تۇپنى ئېنىق كۆرمىگىنىنى غەلىتىلىك ئەمەسمۇ ؟»





ئادىريانونىڭ چەكلەنگەن رايۇندىكى قول توپىغا توغرىسىدا  ئەنچىلوتتى :« بۇ ھۆكۈم قىلماق ناھايتى تەس بولغان نۇقتا توپ ، بۇ قول توپقا نۇقتا توپ قۇيۇپ بەرسىمۇ نەتىجىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن ، مەن يەنە رېپىر توغرىسىدا سۆزلىگۈم يوق . بىز ئالدىنقى يېرىم مەيداندا دىقىتىمىز نى يىغىپ بولالمىدۇق . كىيىنكى مەيداندا مۇسابىقىنى ناھايتى ياخشى كونتىرول قىلدۇق ».

ئەنچىلوتتى راموسنى ئارقا بەل قىلىپ ئىشلەتكەنلىك توغرىسىدا چۈشەندۈرۈپ :« مەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن ،راموسنى ئوتتۇرا مەيدانغا ئۇرۇنلاشتۇردۇم ، يۇۋىنتۇسنىڭ مۇسابىقىسىدىن كىيىن ، ئىللامىندىنىڭ ئازىراق ماسلىشالمىغانلىقىىنى ھېس قىلدىم ،مەن يەنە تەۋەككۇلچىلىق قىلىپ ئۇنى ئىشلىتىشنى خالىمىدىم .مەن راموس بىلەن سۆھبەتلەشكەن . راموسنىڭ ئىپادىسىدىن خوشال بولدۇم » دىدى .




                                                                                                                                                                        
ئاخىرى بار ئىدى ئىشىم چىقىپ قالدى ، چۈشكە قالماي يوللايمەن ،



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +1 يىغىش سەۋەبى
بىرازىلىيە + 1 پۇلنى سالىلى

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 11:27:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   miradil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-27 11:31  

دوختۇرنىڭ گىپى   توغرا   «رې نى ما دې» رىپىر  دىگەن سىسىق «بەسەي»
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 11:31:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى مورىنىيو راموسنى ئوتتۇرا مەيدان مۇداپىيەچى قىلىپ ئويناتقان. لىكىن ئاۋال باشقا مۇسابىقىلەردە راۋرۇس پىشىرىپ ئاندىن بارسىلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە خاتىرجەم ئوتتۇرا مۇداپىيەچى قىلغان. ئەمما ئەنچىلوتتى تۇنجى دىربىدىلا راموسنى ئارقا بەل ئويناتتى.ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ پىپى بىلەن ۋارانى ئوتتۇردا بولغاندىكىن راموسنى كارۋاخالنىڭ ئورنىغا يەنى بۇرۇنقى يان مۇداپىيە ئورنىغا قويسا توغرا بولاتتى. ئارقا بەل ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كونتىراۋمۇ ئورۇندۇق باقتى. ئەنچىلوتتى تاكتىكىدىن كەتتى. بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەپچىسى رىپىر بىلەن دەل مۇشۇ تىرنىر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 11:32:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىل بىلەن ئالونسۇنىڭ يوقلىقى ھەجەپ چاندا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 11:34:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتتى  كەتتى سالۋات. ئەمدى  كىيىن مۇسابىقىلەرگە  تەييارلىق  قىلڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 11:37:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-27 11:54  

بۇ مۇنبەر پۇتبول مۇنبىرىمۇ ياكى  تېما تاقاش مۇنبىرىمۇ؟،ئاخشامقى تېمىلار كۆرۈنمەيدا؟

نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر  بارسىلونا يېڭى شاھى جىڭ چىقىپ قالدى،مادرىدنىڭ 100مىليۇنلۇق ئەپەندىسى ساختىمۇ نېمە ؟ ئۆزىلنى سىغىندىم ، تىل -ئاھانەتكە كۆمۈلۈپ كەتكەن بىنزىما چېغىدا يۈرەكنى سۇ قىلغۇدەك بىر تۈۋرۈك سوقۇپ قويدى،ئەمما بىل....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 11:39:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەن كۆرگەن ئەڭ ماز مۇسابىقە بولدى بۇ.      غەلبە رىپىر بىلەن سىكىلەك سىستىراغا مەنسۇپ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 11:44:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىيمار ھەقىقەتەن ماسلىشىپ كىتىپتۇ بارسىلوناغا ،ماۋۇ بېل دىگەن بالىمۇ تىزراق بىر ئوزىنى كورسەتسە بولىتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 11:54:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رېئال مادرىد ئورگان تورى باش بەت رەسىمى !!!

2013-10-27_103645.jpg

180-642-_4AM7447Thumb,8.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 11:56:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1- توپقۇ مەيلى(ھېساب قېلىنغان بولسا ئادىريانو ئىككى سېرىق كارتا بىلەن چۈشۈپ كېتەتتى) لېكىن ماسچىرانونىڭ رونالدونى يىقتىۋەتكىنىگە نۇقتا توپ بەرمەسلىك تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ، رونالدومۇ ھەرگىز ئالتۇندەك پۇرسەتنى يوق قىلىپ يالغان يىقىلمايدۇ. قەستەنلىك يوق دېيىلسە ھۇجۇم شەمشەردەك مېڭىۋاتسا قەستەنلىك يوق ، ئۆزىنى توختىتالماي سوقاپ سالدى دەمدۇق؟
شۇ توپ چۈشكەن بولسىمۇ ، ئازراق روھلىنىپ كېتەر بولغۇيتى، ھېلىمۇ تىرىشىپ 91-مىنۇتتا بىرنى ئۇردى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 11:56:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمار نىڭ ئۇغان توپى  ئالامەت چۈشتىجۇمۇ   ئىككى چاتىراق تىن ئۆتۈپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 12:01:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىداڭلا ئەمدى ، رىپىرنىڭ خاتالىقى بولسىمۇ ، ماۋۇ رىپىر دىگەن ئاداشما نوقتا توپ قۇيۇپ بەرسە بولمامدۇ دەيمەن ، بۇ يەردە رىپىرنى تىللاپ قاغىغانغا بۇلىدىغان ئىش بولدى ،

بىلنى مەن مەيداندا تۇزۇك كۆرمىدىم  كالامپاي ئىككى توپ تەپكەندىن باشقا ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 06:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش