akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3632|ئىنكاس: 171

بارسېلونا -خان مادرىد ( مۇسابىقە خەۋىرى )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-27 01:44:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-27 02:07  

730_1102859_679824.jpg

            ئۈرۈمچى ۋاقتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت ( 10:15 ) مىنوت ئۆتكەندە ،پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىپ تۇرىۋاتقان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بىر مەيدان قىزىق نوقتىلىق مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىپ ،( 10-ئايلانما )  بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادرىد كوماندىسىنى كۈتىۋالدى . مۇسابىقە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا باشتىن -ئاخىر بەك كەسكىن بولدى .ھەر ئىككىلا كوماندا قاتتىق تىركەشتى .

            ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 19 مىنۇت بولغاندا بارسېلونا  كوماندىسىدىكى بىرازىلىيەلىك چولپان نېيمار چەكلەنگەن رايون ئىچىدە شەخسى تېخنىكىسىغا تايىنىپ بىر توپ ئۇردى .( ئىنىستا قارشى تەرەپنىڭ بىر نەچچە ماھىرلىرىنى ئۈزىگە قارىتىپ تۇيۇقسىزلا نېيمارغا پاس بەرگەن ) كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 78 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا چىىلىلىق داڭلىق ھۇجۇمچى سانچېس يۇقىرى سەۋيىلىك توپتىن بىرنى ئۇرۇپ نەتىجىنى مۇقىملاشتۇردى .( سانچېسنىڭ بۇ توپى ۋاراتار لوپېزنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىدىن ھالقىپ كىرىپ كەتتى )

          ئىككى توپ كەينىدە قالغان خان مادرىد كوماندا ئەزالىرى كەينى-كەينىدىن كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ ، 90 مىنوت بولغاندا بىر توپ ئۇردى .مۇسابىقە جەريانىدا بېنزىمانىڭ يىراقتىن تەپكەن بىر توپى قاپقا تۈۋرۈكىگە تەگدى .نېيمار ھەقىقەتەن قالتىس ئوينىتىۋەتتى .بىراق 91 مىليونلۇق داڭدار ماھىر بېلنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن 61 مىنۇت بولغاندا ئالماشتۇرۋېتىلدى .رونالدو تىرىشىپ ئوينىغان بولسىمۇ ،بىراق توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى .شۇنداق قىلىپ 90 مىنۇتلۇق كەسكىن جەڭدىن كېيىن ، بارسېلونا 2 : 1 نەتىجە بىلەن خان مادرىدنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈچ نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى .ھەمدە 9 مەيدان يېڭىپ بىر مەيدان تەڭلىشىپ بىرلەشمىدىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى .


730_1102855_560308.jpg
730_1102864_498109.jpg
730_1102850_793853.jpg
730_1102853_187430.jpg
730_1102907_521350.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 01:45:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مو تەلۋە ................. سىنى ئەسلەپ قالدىم ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 01:45:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قىلىچ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-27 01:47  

ئۆزېل  .... رىپىر ...... كاسىللاس .... ئانچىلوتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 01:46:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardar1818 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-27 01:49  

مۇسابىقە تۈگدى باللار    ئەمدى    ئۆز قىرىنداشلىرىمىزنىڭ  زىتىغا تەگمىگەن ئاساستا ئىلمى مۇنازىرە ئىلىپ بارساق     ئۆلگەندە بىز ئۇ دۇنيادا پۇتبول توغرۇلۇق جاۋاپ بەرمەيمىز باللا    ئىغىزىمىزدىن بەزى بىر كۇپۇرلۇق   گۇناھ گەپلەر چىقىپ كەتمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 01:46:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-27 02:00  

خەپ ... رونالدو ھەجەپ كۈچىگەن !  رېپىر دىگەن بىرنىمىنى ئۆلتۈرىۋەتكۈم كېلىپ كەتتى ... بېل يەنە بىرمەزگىل كۇماندىغا سىڭىپ كىرسە بولغۇدەك ، ئالۋىسقا تېخىمۇ ئۆچ بولدۇم ، خەقنى يىقىتىۋىتىپ قولىنى سۇنۇپمۇ قويمايدىكەن ،  مىسسى ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان چىراي ! نېيمار قالتىس ئوينىدى ، سانچىسمۇ كاللىسىنى بىر ئىشلىتىپ قويدى ئاۋۇ توپقا ! رونالدومۇ ھەرھالدا بىر ياردەمچى پاس چىقىرىۋالدى ، ئەمما ئۇنىڭ ھېلىقى بىر توپنى ئالامىغىنىغا راۋرۇس ئاچچىقى كەلدى ، مەنچىمۇ ئۇ ئېنىق نۇقتا توپ بولىشى كېرەك ئىدى !  ھەي ..... ئەمدى بوناۋۇدا بارسىلونانى توپ بىلەن مېھمان قىلىمىز ! بۇ قېتىم بارسىلونالىقلارغا مۇبارەك بولسۇن ...............
يەنە ئازراق قوشۇپ قۇياي ، باشتا باردىسقا توپ ئۇرغىلى بولمايدىغاندەكلا بىلىنگەن ، بۇگۈن ھەقىقەتەن ياخشى تۇردى ، خېدىرانىڭ توپلىرىنى ياخشى توسىۋالدى ، ئەمما بېنزىمانىڭ ئاۋۇ توپى كىرگەن بولسا باردىسمۇ  ئۇتقان تەقدىردىمۇ ئېچىلالماسلىقى مۇمكىنتى ! ئۆزىل كەتسە كەتسۇن ، شەخسەن مەن ئەپسۇسلانمايمەن ، مادرىدتا يامان توپچى ساماندەك ، ماۋۇ بۇزغۇنچى تېرنىر ياخشى تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرسىلا بولاتتى ، بۇگۇن مادرىد ماڭا قالايمىقان ئوينىغاندەكلا كۆرۈندى ... مو تەلۋە بار چاغدا ھۇجۇم بەك سىپتا ، نەپىس بولاتتى ، كىشىگىمۇ بىرخىل راھەت ھوزۇر بېرەتتى ! ئەن بۇزغۇنچى بىلەن مو تەلۋىنىڭمۇ پەرقى چىقتى مانا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 01:46:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 01:47:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن قالايمىقان ئۇرۇن ئۇ مادىرىتنىڭ؟؟؟؟  ئەنچىلوتتى دىگەن بىر پوقۋاشكەن، بېرىپ مورىنىيودىن ئوبدانراق تەلىم ئېلىپ كەلسە بولغۇدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 01:48:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىپىر دىگەن  پىسپاس  ئىككى نوقتا توپنى قۇيۇپ بەرمىدى، رىپىر ئۇتتى بۇ مەيدان ، ئامما ئككى توپ ئىسل چۈشتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 01:48:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەششەت تىز يوللاپسىز يىزىپ تەييا قىلىپ قۇيۇپسزكەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 01:48:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوكامپونىڭ كۈچىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئارۋىس رونالدونى سەت ئالداپ قويدى، ئۇنىڭ ئاشۇ توپى چۈشكەن بولسا بەلكىم دۇنيا پوتبولچىلىقىدىكى ئەڭ  لەر كىرشى مۇمكىنتى. ۋالدس بەك قالتىس تۇدى. تېرنىرنىڭمۇ كاللىسى خېلى ئىشلەپ قۇيدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 01:48:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرىقى يوللىغان ۋاقتى  2013-10-26 23:46
ئىككى نۇقتا توپ بەرمىدى ،بىز قايىل ئەمەس

ئامال يوق مادرىتنىڭ تەلىيى كاچ كەلدى بۇگەن بودەك ئەپەندىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-27 01:49:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋە     ما تېرنىرنى باشقىلار دوختۇر دەيدىكەن       بۇ  بۇزىدىغىنىكەنغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 16:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش