- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4078
- نادىر
- 1
- يازما
- 4078
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بارسىلونا ھۇجۇمچىسى نېيمار يېقىندا ئۈزىنىڭ خانلىق مادرېد تۈمۈر بىكى پېي پالىۋاننىڭ مۇداپىيە قىلىش ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى شۇنداقلا ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇررۇشنى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ بارسىلونا ئۈچۈن بىرىنجى قېتىم دېربىغا قاتنىشىش ئالدىىدا تۇرغان بىرازىلىيەلىك ھۇجۇمچى نېيمار ئۈزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋە دۇچ كىلىۋاتقان بېسىمىنى ھىس قىلدى . ئەگەر ئويلىمىغان ئەھۋال يۈز بەرمىسىلا خانلىق مادرېد تۈمۈر بىكى پېي پېي نېيمارغا ‹‹غەمخورلۇق قىلىش ›› مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ . بۇنىڭغا قارىتا نېيمار ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ .
ئىسپانىيە تاراتقۇسى ‹‹دۇنيا تەنتەربىيە گىزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا نېيمار بىرازىلىيە بىلەن پورتىگالىيەنىڭ مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن بىرازىلىيە پۇتبول بىرلەشمىسى ئەۋەتكەن ماتىرىيالنى تاپشۇرىۋالغان . ئۇ ماتىرىيال بولسا خانلىق مادرېد مۇداپىيەچىسى پېي پالىۋاننىڭ مۇداپىيە قىلغان نادىر كۈرۈنىشلىرىنىڭ سىن لىنتىسى ئىكەن . نېيمار مۇنداق دىدى: ‹‹ مەن دۆلەت كۇماندىسىدىكى ۋاقتىمدىلا پېي پېينىڭ ھەر تۈرلۈك ماتىرياللىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ مۇداپىيە قىلىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ باققان ، ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىمەن . مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قەستەن قىلغان ئېغىۋاگەرچىلى سەۋەبىدىن كەيپىياتىمنى كونتىرول قىلالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالمايمەن ، كۇماندىنىڭ مەنپەتى ھەممىدىن ئۈستۈن ، ھەرگىزمۇ ھاچچىق بىلەن ئىش قىلىشقا بولمايدۇ . بىرازىلىيە پۇتبول بىرلەشمىسى ماڭا بىر تال پېي پېينىڭ سىن لىنتىسىنى ۋە تىياگو سىلۋانىڭ سىن لىنتىسىنى ئەۋەتكەن ئىدى . شۇڭا بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز ئېغۋاگەرچىلىك قىلىش ئەمەس . بۇ سىن نۇسخىسىنى كۈرۈشتىكى مەخسەت مىنى قوغداش ئۈچۈن بۇلۇپلا قالماي بارىلىق سەپداشلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن . ›› .
بارسىلوناغا قۇشۇلغاندىن بۇيان نېيمار ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ھەرقايسى كۇلۇپلارنى مۇھىم بولغان مۇداپىيە قىلىش ئوبىكتىغا ئايلاندى . ئۇ ھازىرغا قەدەر 8 مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 32 قېتىم قائىدىگە خىلاپ ھەركەتكە ئۇچۇرىدى .
|
|