- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7623
- نادىر
- 17
- يازما
- 7623
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-25 21:12
يېقىندا « دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » بۇ يىل يازدا ئۈچ كۇلۇبنىڭ 250 مىليون ياۋرو بىلەن بارسېلونادىكى ئارگېنتىنالىق داڭلىق ھۇجۇمچى مېسسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن توختام تەييارلىغانلىقى ،شۇنداقلا بۇ پۇلنىڭ % 50 تېنى ئادىداس شىركىتى چىقىرىدىغانلىقى توغىرسىدىكى خەۋەرنى ئاشكارلىغان بولۇپ ،بىراق مېسسىنىڭ دەرھال رەت قىلىشى بىلەن بۇ سودىمۇ توختاپ قالغان .شۇ چاغدا « دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » بۇ ئۈچ كۇلۇبنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىمىغان .
بىراق « نۇقتا توپ نوقتىسى گېزىتى » نىڭ بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ، بۇنىڭ ئىچىدىكى مېسسىنى سېتىۋالماقچى بولغان ئىككى كۇلۇب بولسا گېرمانىيە بايرىن مىيۇنخىن ۋە ئېنگىلاند چېلىسى كۇلۇبلىرى ئىكەن .يەنە بىرسى خان مادرىد بۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن .چۈنكى ئادىداس شىركىتىمۇ خان مادرىد بىلەن ھەمكارلاشقان ۋە قوللاپ كېلىۋاتقان شىركەت بولۇپ ،خان مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنو ئىلگىرى كۆپ قېتىم مۇبادا بارسېلونا مېسسى بىلەن توختام ئۇزاتمىسا بىرىنچى بولۇپ يۆتكەپ كېلىدىغانلىقى توغىرسدا ئىپادە بىلدۈرگەن .بارسېلونانىڭ مېسسى بىلەن توختام ئۇزارتماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە !
فىلورىنتىنونىڭ سۆزىدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى : خان مادرىدنىڭمۇ مېسسىنى قوشۇۋېلىش ئارزۇسى بار .« نۇقتا توپ نوقتىسى گېزىتى » دىكى بۇ خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى FIFA نىڭ داڭلىق ۋاستىچىسى جاللاردو بولۇپ ،بۇ ئادەمنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ،بىر تەنھەرىكەت مەھسۇلاتلىرى شىركىتى 125 مىليون ياۋرو چىقارماقچى بولغان .بۇ مېسسىنىڭ توختام بۇزۇش ھەققىنىڭ يېرىمى ھېسابلىنىدىكەن .يەنە يېرىمىنى كۇلۇب چىقىرىدىكەن .ئىگىلىنىشچە ،بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى كېلەر يىلى 6-ئايدا مېسسىغا يەنە بىر قېتىم باھا قۇيۇپ سېتىۋېلىشقا تەييارلىنىپ بوپتۇ .
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى ) |
|