- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7604
- نادىر
- 17
- يازما
- 7604
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-21 22:48
10-ئاينىڭ 21-كۈنى سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى : خان مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا مالاگا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ھۇجۇمنى راۋۇرۇس ئىشقا سالدى .بىراق قارشى تەرەپ ۋاراتارنىڭ قالتىس ئىپادىسى خان مادرىدنىڭ كەينى-كەينىدىن قىلغان كۈچلۈك ھۇجۇمىنى ئۈنۈملۈك توسوپ قالدى .ئاق كىيىملىك قوشۇن مۇسابىقە باشلىنىپ 46 مىنۇت بولغاندا ئاندىن ھوسۇل ئالدى .ئەمەلىيەتتە بۇ توپ ناھايىتى تەلەيلىك ھالدا كىردى .دىمارىيا ئوڭ تەرەپتىن پاس تاشلىدى .چەكلەنگەن رايون ئىچىدىكى رونالدو بۇ توپنى بېشى بىلەن ئۈسمەكچى بولدى .بىراق توپ رونالدونىڭ بېشىغا تەگمەي ۋاراتارىنىڭ نىشانىنى بۇراپ كىرىپ كەتتى .بۇ ئارگېنتىنالىق ماھىر دىمارىيانىڭ يېڭى پەسىل باشلانغاندىن بۇيانقى كىرگۈزگەن تۇنجى توپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
دىمارىيا خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك .باشقا سەبداشلىرىمۇ دىمارىيانى ئوتتۇرغا ئېلىپ تەبرىكلىدى .دەل مۇشۇ پەيتتە قىزىقارلىق بىر كۈرۈنۈش پەيدا بولدى .يەنى : دىمارىيانى ئوراپ تۇرغان كارۋاخال ،ھېدىرا ،پېي پېي ،ئىليارمىندى ،راموس ،مارسېلو ،مۇراتتا قاتارلىق يەتتە توپچى رونالدوغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن قىياپەتتە كۈلۈپ تۇرۇپ قارشى ئالدى .بۇلارنىڭ تەبرىكلەش ئاساسلىق نوقتىسى دىمارىيا بولماستىن بەلكى رونالدو بولدى .ئەلۋەتتە ،بۇ توپتا رونالدونىڭمۇ بىر كىشىلىك تۆھپىسى بار دىيىشكە بۇلىدۇ .يىغىنچاقلىغاندا ،يۇقۇردىكى بىر پارچە رەسىمدىن مادرىد غوجاكسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ،شۇنداقلا سەبداشلىرى ئىچىدىكى ئىناۋىتىنىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى ) |
|