ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3516 |
تۆھپىسى: سەر |
|
شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋەرلىرىگە قارىغاندا « نىشان: ئاگۇيرو » ،بۇ سوئال كىشىلەرنى ئاسانلا خانلىق مادرىد يەنە بىر قېتىم يىڭى ھۇجۇمچى كىرگۈزمەكچى دىگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ،ئەمما بۇ قېتىمقىسى خانلىق مادرىد بولماستىن بەلكى بارسىلونا ،يەنى ئىسپانىيە ئىقتىساد تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ « نوقتا توپ» پىروگگىراممىسىدا بۇ يىڭى خەۋەر ئىلان قىلغان بولۇپ،خەۋەرنى ئاشكارىلىغۇچى بولسا بارسىلونادا تۇرۇشلۇق فىرانسىيىلىك ۋاستىچى گالاردو ئىدى.
ۋاستىچى گالاردو بولسا ئارگىنتىنالىق ھۇجۇمچى ئاگۇيرونى كىلەر يىلى يازدا بارسىلونانىڭ كىيىمىنى كىيگەن ھالدا كۈرىشىمىز مۇمكىن ھەمدە بارسىلونانىڭ باش تىرىنىرى مارتىنو كولۇپ يۇقىرى قاتلىمىغا ئاگۇيرونى سېتىۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان دىگەن. مارتىنودىن باشقا يەنە ھالىقىلىق ئىككى شەخىسمۇ بۇ مانچىستىر ھۇجۇمچىسىنىڭ بارسىلونا بىلەن توختام تۈزىشىگە ياردەم بىرىشى مۇمكىن،بۇلارنىڭ بىرسى بولسا سابىق خانلىق مادرىد كولۇبىنىڭ باش دىرىكتورى ۋالدانو ،يەنى بىرسىنى بولسا گالاردو ئاشكارىلىمىغا ن.
گالاردونىڭ گىپىگە قارىغاندا ئاگۇيرونىڭ باھاسى 50مىليۇن بىلەن 55 مىليۇن ياۋرونىڭ ئارىلىقىدا بولىدىكەن،بۇ پۇلنى بارسىلونا چوقۇم بىر قىسىم ماھىرلارنى سېتىپ چىقىرىش ئارقىلىق توپلايدىكەن. بارسىلونا كوماندىسىدا مىسسى ئاگۇيرونىڭ كىلىشىنى قارشى ئالىدۇ،ئەگەر ئاگۇيرو قۇشۇلسا بارسىلونا كوماندىسىدا مىسسى،نىمار ۋە ئاگۇيرو قۇشۇلۇپ ،قورقۇنۇچلۇق ئۈچ خەنجەر بولۇپ شەكىللىنىشى مۇمكىن، خەۋەردە يەنە بارسىلونا بۇ پۇلدىن سرىت يەنە بىر قىسىم ياش ماھىرلارنى قۇشۇپ بىرىشنىمۇ خالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان،ئۇنىڭدىن سىرت ينە ئاگۇيرومۇ دوسلىرىغا ئۆز ئېغىزى بىلەن مانچىستىر شەھىرىدىن ئايرىلىپ بارسىلونا قوشۇلۇشنى بەكمۇ خاليدىغانلىقىنى ئېيتقان .
مىسسى بىلەن بولغان دوسلۇقى ئۇنىڭ بارسىلوناغا كىلىشىگە ياردەم بىرىشى مۇمكىن، مىسسى ھازىر بارسىلونانىڭ توپچى كىرگۈزۈش جەھەتلەردە ناھايىتى چوڭ پىكىر بايان قىلىشى ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ،بۇنىمۇ ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇ،بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرىكى ئىسپانىيە ئورگانلىرىنىڭ مەخپى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا مىسسى بارسىلونا يۇقىرى قاتلىمىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاگۇيرونى كوماندىغا قۇشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان،مىسسنىڭ ئۆزى ياخشى كۈرىدىغان توپچىنى قۇشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىشىمۇ بۇ بىرىنچى قېتىملىق ئەمەس بولۇپ،ئىلگىرى ماسچىرانونىمۇ مىسسىنىڭ تەلىپى بىلەن بارسىلوناغا قېتىلغان، ئۇندىن باشقا مىسسىنڭ تەلىپى بىلەن بارسىلونا پىنتو بىلەن ئۇدا ئۈچ يىل توختام تۈزگەن .
نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر ئاگۇيرو بولسا مىسسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئەڭ ياخشى ماسلىشالايدىغان توپچى،ئۇ كوماندىنىڭ يۆتكىلىشچان ھۇجۇمىغا زور تۆھپە قۇشۇپ، قارشى تەرەپنىڭ نۇرغۇن مۇداپىئەچىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ كوماندىنىڭ ھۇجۇمىغا قاتنىشالايدۇ، ئاگۇيرونىڭ سۈرئىتى ھەرقانداق بىر مۇداپىئەچى ئۈچۈن يامان چۈش ھىساپلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاگۇيرو مىسسىنىڭ قۇربانلىقى بۇلۇشنى خالايدۇ ،ئىلگىرى مەيلى دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشى تىۋىز بولسۇن ياكى كوماندىدىكى ئىبراھىموۋىچ بولسۇن ئۇلار ئۆزىنىڭ ھۇجۇم تاكتىكىسىغا چۈشىدىغان يادرولۇق ئورۇندىن ئايرىلىپ ئەتراپتا تۇرۇپ باشقىلارنى مەركەز قىلىپ ئويناشقا ئادەتلىنەلمىگەلىكى ئۈچۈن مىسسىنىڭ « ۋاستىسىز» تەسىرىگە ئۇچراپ كوماندىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ،ئەمما ئاگۇيرو ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ ،ئۇ مىسسنىڭ ياخشى دوستى بولۇپ، يەنە پىسخىك جەھەتتىمۇ ئۆزىگە بېسىم ھىس قىلمايدۇ ،شۇڭا بۇ ئىككى چولپاننىڭ بىرلىكتە ھۇجۇم سېپىنى تۈزۈپ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى يارىتالىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.

مەنبە : شىنلاڭ تورى |
|