تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 2147|ئىنكاس: 19

تۈركىيەدىكى داڭلىق چولپانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2090

تېما

1

دوست

7604

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8643
يازمىسى: 7604
نادىر تېما: 17
ياۋرۇ: 8076064
تۆھپە: 1767
ۋاقتى: 4041
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا نادىرچى يازما يوللاش ئۇستىسى يۇۋىنتۇس لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-19 22:57  

U397P6T12D1885045F44DT20051117095158.jpg


            

2014-يىلىدىكى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا رايۇنى ئالدىن تاللاشتا ،تۈركىيە كوماندىسى گۇرۇپىدا دەسلەپتە ياخشى باشلىنىش قىلدى .كەينى-كەينىدىن بىر نەچچە مەيدان يەڭگەندىن كېيىن توپ مەستانىلىرى تۈركىيەگە قاتتىق ئىشەنچ باغلىدى .ياۋروپا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش باسقۇچىدا شاللانغان تۈركىيە ئەمدى بۇ قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا ئاتلىنىدۇ دەپ قاراشتى .گۇرۇپ مۇسابىقىىسىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۈركىيە كوماندىسى بىر نەچچە قېتىم تەڭلىشىپ ھەم ئۇتتۇرۋەتتى .ئاخىرقى پەيتلەردە بولسا شىددەت بىلەن كۈچەپ كەتتى .ھەمدە بىراقلا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى .يېقىندا ئوينالغان ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىدە ئىستانبولدا گوللاندىيەنى كۈتىۋالدى .ئەگەر مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە تۈركىيە گوللاندىيەنى مەغلۇپ قىلالىغان بولسا ، ئۇ چاغدا سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قەدەم قۇياتتى .بۇ مۇسابىقە بەك كەسكىن بولدى .تۈركىيە توختىماي ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ ، ئامما باشتىن -ئاخىر توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي قالدى .تۈركىيە ئاخىر ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ شاللىنىپ كەتتى .مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىنى كۆرگەنلەر ئېھتىمال مۇنداق دىيىشى مۇمكىن ! تۈركىيەنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈملۈك ئەمەس .ھۇجۇمچىلار رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى .ئەمىلىيەتتە ،تۈركىيە بۇ مۇسابىقىنى بېسىم ئىچىدە ئوينىدى .ئاردا تۇران بولسا مادرىد ئاتلېتكېنىڭ يادرولۇق ئەزاسى ،بۇرا يىلماز بولسا ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسدە 10 نەچچە توپ ئۇرغان داڭلىق ماھىر .ئۈمۈت بولۇتمۇ ئادەتتىكى توپچى ئەمەس .مۇبادا تۈركىيە ئەركىن ئوينىغان بولسا گوللاندىيەگە ئاز دىگەندە ئۈچ توپ ئۇرىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى ...بولدى بەس ..ئەمدى كۆپ سۆزلىگەننىڭ پايدىسى يوق .خەير-خۇش تۈركىيە 2018-يىلى كۈرىشەيلى ..
تۆۋەندىكىسى تۈركىيە دۆلەت كوماندىسدا توپ تەپكەن ماھىرلار ...ئەسكەرتىش : بۇلارنىڭ ماتىريالىنى تاپقىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈنلەي تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىندى .بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا يېزىلىپ مۇنبەرگە ئايرىم -ئايرىم قىلىپ يوللانغان .بۇ قېتىم قايتىدىن رەتلىنىپ ھەم بەزى يەرلىرى تۇلۇقلىنىپ بىر تېما قىلىنىپ قايتا يوللاندى .تۈركىيەنىڭ قاتىل ھۇجۇمچىسى بۇراك يىلمازنىڭ تەرجىمالى ئىلگىرى يوللانغان بولغاچقا بۇ قېتىم قۇشۇلمىدى .




ئۈمۈت بولۇت



ئۈمۈت بۇلۇت 1983-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرەدە تۇغۇلغان .11-يېشىدىن باشلاپ توپ تېپىشنى باشلىغان .مەيداندىكى ئورنى ھۇجۇمچى ،ئىگىزلىكى بىر مېتىر 84 سانتا ،2004-يىلى ئەنقەرە كوماندىسى ئۈمۈت بۇلۇت بىلەن رەسمى توختام ئىمزالىغان .پۇت ئاستى تېخنىكىسى يۇقىرى ، شۇنداقلا سۈرئەت تېز بولغان ئۈمۈت شۇ چاغدا كەلگۈسىدىكى خاقان شۈكۈر دەپ قارالغان . ئۈمۈتنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىپادىسى قالتىس بولۇپ ،96 مەيدان مۇسابىقىدە ، جەمئىي 39 توپ كىرگۈزگەن .2007-يىلى تىرابۇزۇن تەنتەربىيە كوماندىسىدىكى داڭلىق ھۇجۇمچى فاتىخ كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ،كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى دەرھال ھەرىكەتلىنىپ ئۈمۈتنى تۆت يىللىق توختام بىلەن كوماندىغا يۆتكەپ كەلگەن .10- نۇمۇرنى كەيگەن ئۈمۈت تىرابىزۇن كوماندىسىغا كەلگەندىن كېيىن ئىپادىسى ئوخشاشلا ياخشى بولغان .شۇنداقلا يەنە بىر قاتىل ھۇجۇمچى بۇراك يىلماز بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىپ كوماندىنىڭ ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچىسىغا ئايلانغان .ئۈمۈت تىرابىزۇندىكى 101 مەيدان رەسمى مۇسابىقىدە 88 توپ كىرگۈزۈپ تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن .
2011-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى فىرانىسيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى تۇلۇس كوماندىسغا ئۈچ مىليون 800 مىڭ ياۋرولۇق باھا بىلەن يۆتكەلگەن .يېڭى مۇھىتقا كەلگەن ئۈمۈت يەنىلا يۇقىرى بولغان توپ ئۇرۇش ئۈنۈمىنى ساقلاپ كەلگەن .2012-يىلى گالاتا ساراي كۇلۇبى ئۈمۈتنى ئىجارىگە ئېلىپ كەلگەن .ئۈمۈت بۇ يەردە كونا سەبدىشى يىلماز بىلەن جەم بولغان .شۇ يىلى 8-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسدا ، فەنەر باغچىغا ئىككى توپ ئۇرۇپ ، كوماندىنى ھەل قىلغۇچقا باشلاپ كىرگەن .ئاخىردا چىمپىيۇن بولغان .ئۈمۈت شۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ ياخشى پۇتبولچى بولۇپ باھالانغان .2007-يىلى تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان .بىرازىلىيە بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان .( تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىندى )









ئۆمەر توپراق



     ئۆمەر توپراق 1989-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى گېرمانىيىنىڭ راۋانېسبۈرگدە تۇغۇلغان ( ئاتا-ئانىسى ئىلگىرى گېرمانىيىگە كۈچۈپ كەلگەن ،باشقا ئۇرۇق تۇققانلىرى پۈتۈنلەي تۈركىيىدە ) بوي ئىگىزلىكى 1 مېتىر 86 سانتا ،مەيداندىكى ئورنى : مۇداپىئەچى ،ئۆمەرنىڭ ئاچىسى ۋە ئىككى ئاكىسىمۇ كەسپى پۇتبولچى ،بۇلار شىۋىتسارىيە بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدۇ .ئۆمەر مۇشۇنداق مۇھىت ئىچىدە 10 يېشىدىن باشلاپلا پۇتبولغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان .راۋانېسبۇرگ كۇلۇبىنىڭ ياشلار تەربىيىلەش مەركىزىدە مەخسۇس تەربىيلەنگەن .2005-يىلى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى فېربۇرگ كۇلۇبى ئۆمەرنى سىناق مەشقىگە قاتناشتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن .2008-يىلى ئۆمەر كۇلۇب بىلەن تۇنجى قېتىم توختام ئىمزالاپ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى رەسمى باشلىغان .ئۆمەر بۇ كوماندىغا كەلگەندىن كېيىن تىرىشىپ ھەرجەھەتتىن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن .ئۆمەرنىڭ ئالاھىدىكى : پۇت ئاستى تېخنىكىسى يۇقىرى ،تۇيۇقسىز بۈسۈپ كىرىش ۋە توپ كونتورول قىلىش ،شۇنداقلا مەيداندىكى ئورۇن ئېلىشى ياخشى ،ئىنكاسى تېز ،فېربۈرگ كوماندىسدا تەرەققى قىلىۋاتقان ئۆمەر 2009-يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بىر كېلىشمەسلىككە ئۇچرايدۇ .يەنى تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان ماشىنا مۇسابىقىسى جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن بەدىنىنى كۆيدۈرىۋالىدۇ .ئالتە ئاي داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن ، گېرمانىيىدىكى كۈچلۈك بولغان لېۋېركوسىن كۇلۇبى ئۆمەرنى يۆتكەپ ئېلىپ كېلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۆمەرنىڭ بۇ يەردىكى پۇتبولچىلىق ھاياتى باشلىنىدۇ .

          ئۆمەر بولسا دەسلەپتە گېرمانىيە U-19 ياشلىقلار دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ،2008-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان .ئۈچ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بىر توپ كىرگۈزگەن .2011-يىلى شۇ چاغدىكى تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى ھىدنىكنىڭ تەكلىۋىگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ كوماندىغا قۇشۇلغان .ھەمدە 2012-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان .كىرۇدىيە بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان .ئىپادىسى كۈرۈنەرلىك بولغان .ئۆمەر ھازىر كەلگۈسى پارلاق دەپ قارىلىۋاتقان پۇتبۇلچىلارنىڭ بىرسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .









سالجۇق ئىنان



     سالجۇق ئىنان 1985-يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيىدە تۇغۇلغان .ئىگىزلىكى بىر مېتىر 82 سانتا ،مەيداندىكى ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان ،10 يېشىدىن باشلاپ توپ تېپىشنى باشلىغان . 14 يېشىدا باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ ،تۈركىيىدىكى مانساسور كۇلۇبى سالجۇق بىلەن رەسمى توختام ئىمزالىغان .سالجۇقنىڭ ئالاھىدلىكى ،كاللا سەگەك ، چاققان بولۇپ ،يەنە بىر ئالاھىدىكى بولسا ،ئىختىيارى توپ ماھارىتى قالتىس ،مۇسابىقە جەريانىدا ئىختىيارى توپتىن كۆپ قېتىم نومۇر ئالغان .بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى تۇنجى توپىنى17- يېشىدا ئۇرغان .2008-يىلى تىرابىزۇن تەنتەربىيە كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كەلگەن .بۇ يەردە ئۈچ پەسىل مۇسابىقە ئوينىغان .ھەمدە بىرىنچى قېتىم مەيدانغا چىقىپ ئەنقەرە كوماندىسىغا ئىككى توپ ئۇرۇپ رەسمى نامى چىقىشقا باشلىغان .

      2008-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى تىرابىزۇن كوماندىسىنىڭ تارىخىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدا كىرگۈزگەن توپ سانى 2000 غا يېتىشتەك نەتىجىنى يارتىشقا كۈچ قوشقان .يەنى  بۇراك يىلماز ۋە ئۈمۈت بۇلۇت قاتارلىق سەبداشلىرىنىڭ توپ ئۇرۇشىغا پاس بەرگەن .2010-2011-يىللىرى كوماندىغا ھەمدەم بولۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولغان .سالجۇقنىڭ بەش يىللىق توختامى توشقاندىن كېيىن ئەركىن پۇتبولچى سالاھىيىتىدە گالاتا سارايغا يۆتكىلىپ كەلگەن .سالجۇق بۇ كوماندىغا كەلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەيداندا ھۇجۇم تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ناھايىتى تېزلا سەبداشلىرى بىلەن ماسلىشىپ كەتكەن .

    گالاتا سارايغا كەلگەن تۇنجى پەسىلدە 13 توپ كىرگۈزۈپ ،16 پاس بەرگەن ،سالجۇق ياخشى ئىپادىسى بىلەن گالاتا ساراي توپ مەستانىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن .سالجۇق تىرابىزۇن ھاياتىدا 113 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ يەتتە توپ ئۇرۇپ ،34 پاس چىقارغان .مانىساسپور كوماندىسدا 86 مەيداندا 12 توپ ئۇرۇپ بەش پاس بەرگەن .گالاتا سارايدا بولسا ھازىرغا قەدەر 18 توپ ئۇرۇپ 29 پاس بەرگەن .سالجۇق ھازىر مۇئاۋىن كاپىتان سۈپىتىدە كوماندىغا يولباشچىلىق قىلماقتا .2007-يىلى تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان .مولداۋا كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان .دۆلەت كوماندىسدا پاس بەرگەن سانى ئەڭ كۆپ پۇتبولچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .









مەخمۇت توپال



     مەخمۇت توپال 1986-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تۈركىيىنىڭ شەرقىدىكى شەھەر مالاتيادا تۇغۇلغان .بوي ئىگىزلىكى 1 مېتىر 87 سانتا ،مەيداندىكى ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان ،مەخمۇت توپالنىڭ تەرەققىياتى  مالاتيادىكى بېلدىياسپور كوماندىسدا 14-يېشىدا باشلانغان .ئالاھىدىكى ،ھۇجۇم تەشكىللىشى ۋە ماسلىشىشچانلىقى ياخشى ،توپنى ئوڭ -سول پۇتىدا ئوخشاشلا ياخشى تىپەلەيدۇ .يىراقتىن توپ تېپىپ نومۇر ئېلىش ئۈنۈمى يۇقىرى ،پۇتى ئۇزۇن ھەم توپ تارتىۋېلىش قاتارلىق بەزى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، باشقىلار تەرىپىدىن « ئۆمۈچۈك پالۋان » دەپ نام بېرىلگەن .

    مەخمۇت بېلدىياسپور كوماندىسدا 2002-يىلدىن باشلاپ توپ تەپكەن .2006-2007-يىللىق تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مەزگىلىدە ،ئەينى چاغدا گالاتا سارايدا توپ ئويناپ ، كېيىن كوماندىنى يېتەكلەۋاتقان رۇمىنىيىلىك داڭلىق تېرىنىر خاگى مەخمۇت  توپالنىڭ ئىستىقباللىق توپچى ئىكەنلىكىنى بايقاپ دەرھال كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىغا تەكلىپ بېرىپ ،ئاخىردا بىر  مىليۇن ياۋروغا يۆتكەپ كەلگەن .بىراق گالاتا سارايغا يېڭى كەلگەن تېرىنىر بىرلەشمىدىكى كەسكىن رىقابەت ئالدىدا ،مەخمۇتقا كۆپ پۇرسەت بەرمەي ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن .تۇنجى پەسىل مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتكەن .2008-يىلى گالاتا ساراي ئىككىنچى سەپ كوماندىدىكى 11 نەپەر پۇتبولچىنى بىراقلا ئىشلتىشتىن توختاتقان .بىراق مەخمۇت توپال ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ يېڭى ئائىلىسىنى تاپقان .يەنى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ۋالۇنسىيە كوماندىسىغا قۇشۇلغان .( ئېنگىلاندىكى ئېۋېرتون كۇلۇبى توپالىنى يۆتكەشتە مەغلۇپ بولغان ) شىخۇڭ رىقابەت كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان .ئىپادىسى قالتىس بولغان .بۇ كوماندىدا 2012-يىلغىچە توپ تەپكەندىن كېيىن ،بەش مىليون 460 مىڭ ياۋرولۇق يۆتكىلىش باھاسى بىلەن تۈركىيەدىكى فەنەر باغچە كوماندىسىغا يۆتكەلگەن .مەخمۇت توپال ھازىرمۇ مۇشۇ كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە مۇسابىقە ئوينىماقتا .

      مەخمۇت توپال 2005-يىلى تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان .19-20-21-ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولغان .2010-يىلدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ،دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 47 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان .







ئاردا تۇران




     ئاردا تۇران 1987-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيىدە تۇغۇلغان .ئىگىزلىكى ،1 مېتىر 76 سانتا ،مەيداندىكى ئورنى ،ھۇجۇم ،ئالاھىدىلىكى ،پاس بېرىش ، ھۇجۇم تەشكىللەش ،قاپقا ئالدىدىكى پۇرسەت تۇتۇشى ياخشى ، پۇتبولچىلىق ھاياتى 2003- يىلى تۇركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى گالاتا ساراي كۇلۇبىنىڭ ياشلار كوماندىسدىن باشلانغان،2004-يىلى بىرىنچى سەپ كوماندىغا ئۆرلىگەن.ھەمدە تۇنجى قېتىم دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە توپ ئوينىغان.ئاردا تۇران ياخشى بولغان توپ ئويناش تېخنىكىسى ئارقىلىق تۈركىيە بىرلەشمىسىدە نام چىقىرىشقا باشلىغان.كېيىن گالاتا ساراي كۇلۇبى ئاردا تۇراننى تۈركىيەدىكى يەنە بىر كۇلۇبقا چېنىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئىجارىگە بىرىۋەتكەن. ئاردا تۇراننىڭ بۇ كوماندىغا كەلگەندىن كېيىنكى ئىپادىسى ئوخشاشلا ياخشى بولغان،يېرىم پەسىلدە 15 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ جەمئىي ئىككى توپ ئۇرغان،كۆپ قېتىم پاس بەرگەن .

      ئاردا تۇراننىڭ بۇ ياخشى ھالىتىنى كۆرگەن گالاتا ساراي كۇلۇبى ئۇزۇن ئۆتمەي  يەنە كوماندىغا قايتۇرپ كەلگەن .ياۋروپا ئۇزغانلىق سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇچىنچى ئايلانما مۇسابىقىسدە،ئاردا تۇران ئىككى توپ ئۇرۇپ ،ئىككى پاس چىقىرىپ بىراقلا ياۋرۇپاغا تۇنۇلۇپ كەتكەن.ھەتتا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاردا تۇراننى ئەينى چاغدىكى رومىنىيە دولەت كوماندىسىنىڭ يولباشچىسى خاگىنىڭ ئىز باسارى دەپ قارىغان .شۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئېنگىلاندىكى ئېۋېرتون،نىۋكاستىل،توتىنھام قاتارلىق ئۇچ كولۇب ئاردا تۇراننى يوتكەش جېڭىگە ئاتلانغان .ئېۋېرتون كۇلۇبى ئەڭ دەسلەپتە 10 مىليون باھا قۇيۇپ ،كېيىن گېرمانىيە بايرىن مىيۇنخىن ،ئىتالىيە يۇۋىنتۇس قاتارلىق زەردارلارمۇ ئاردا تۇراننى يۆتكەشكە ئاتلانغان،لېكىن ئاخىردا گالاتا ساراي كۇلۇبى ئاردا تۇراننى ساتمايدىغانلىغنى ئېلان قىلغان. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۇنى ئىسپانىيەنىڭ مادىرد رىقابەت كولۇبى بىراقلا 12 مىليون يۇقىرى باھا قۇيۇپ گالاتا ساراينى قايىل قىلىپ ئاردا تۇراننى ئۇڭۇشلۇق يۆتكىۋالغان .ئاردا تۇران مەيدانىدىكى كوپ ئۇرۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرمۇ مۇشۇ كوماندىنىڭ غۇللۇق ئەزاسى قاتارىدا توپ ئويناۋاتىدۇ .2012-2013-يىلدىكى مۇسابىقە پەسىلدە ،ئاردا تۇران ئاساسى جەھەتتىن دەسلەپتە مەيدانغا چىقىدىغان ئەزا سۈپىتدە مەيدانغا چىققان .

      ئاردا تۇران تۈركىيە توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن كوماندىنىڭ كېيىنكى يولباشچىسى دەپ قارىلىۋاتقان تالانتلىق پۇتبولچىلارنىڭ بىرسى ،2006-يىلدىن باشلاپ دۆلەت كوماندىسغا ۋاكالىتەن ھازىرغا قەدەر 67 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان .12 توپ كىرگۈزگەن .2004-يىلدىن باشلاپ پۇتبولچىلىق ھاياتىدا ئومومى بەرگەن پاس سانى 99 غا يەتكەن .





تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )













2090

تېما

1

دوست

7604

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8643
يازمىسى: 7604
نادىر تېما: 17
ياۋرۇ: 8076064
تۆھپە: 1767
ۋاقتى: 4041
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا نادىرچى يازما يوللاش ئۇستىسى يۇۋىنتۇس لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-19 19:55  

رەسىمنى قايتا تەھرىرلەپ قۇياي ...بەك جاپالىق يېزىۋىدىم بۇلارنىڭ تەرجىمىسى ....قايتا تۇلۇقلاپ بىر يەرگە يىغىپ چىقىرىپ قويدۇم ....

مەن كەلدىم .نىرى تۇر

55

تېما

11

دوست

3382

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  84
يازمىسى: 3382
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 9567132
تۆھپە: 2223
ۋاقتى: 2424
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مۇنبەر قىززىقچىسى چېلسىي لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇراك يلماز دىگەن بىر كالۋا ئېكەن شۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قۇلدىن بىرىپ قويدى  بولمىسا تۇركىيەگىمۇ پۇرسەت بار ئېدى

ياشا ئۇيغۇرۇم

37

تېما

9

دوست

1678

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9693
يازمىسى: 1678
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 22087547
تۆھپە: 1316
ۋاقتى: 368
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي تۈركىيە

3

تېما

0

دوست

243

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8357
يازمىسى: 243
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50971
تۆھپە: 300270
ۋاقتى: 95
h
ھالەت

ئارسىنال لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uchkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-19 19:54  

مەن سەلچۇق ئىنان بىلەن ئاردا تۇرانغا ئامىراقتىم
Selcuk-Inan

arda turan

ئىسىت تۈركىيە

3

تېما

1

دوست

328

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12500
يازمىسى: 328
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 51470
تۆھپە: 349
ۋاقتى: 165
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىل كامقاپتىغۇ

1

تېما

0

دوست

11

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12943
يازمىسى: 11
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 64
تۆھپە: 11
ۋاقتى: 9
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-10-19 19:32
بۇراك يلماز دىگەن بىر كالۋا ئېكەن شۇنداق ياخشى پۇرسەتن ...

نىمە دىگىنىڭىز بۈ ؟توپ دىگەن يۇمىلاق نەرسىغۇ ،ئەگەر يىلماز نىڭ ئورنىغا رونالدو ياكى مىسسى بولغان بولسىدى ،ئۇنداق دىمەستىڭىز…

مەن كەلدىم .نىرى تۇر

55

تېما

11

دوست

3382

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  84
يازمىسى: 3382
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 9567132
تۆھپە: 2223
ۋاقتى: 2424
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مۇنبەر قىززىقچىسى چېلسىي لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازىغ يوللىغان ۋاقتى  2013-10-19 20:03
نىمە دىگىنىڭىز بۈ ؟توپ دىگەن يۇمىلاق نەرسىغۇ ،ئەگەر ي ...

گوللاندىيە بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىنى كۆرمەپسىزدە..... يەككىمىيەكە توپتىن ئېككىنى ئېسراپ قىلۋەتتى

3

تېما

0

دوست

243

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8357
يازمىسى: 243
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50971
تۆھپە: 300270
ۋاقتى: 95
h
ھالەت

ئارسىنال لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uchkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-19 20:17  

مانا مۇسابىقىسى

1

تېما

0

دوست

11

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12943
يازمىسى: 11
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 64
تۆھپە: 11
ۋاقتى: 9
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-10-19 20:05
گوللاندىيە بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىنى كۆرمەپسىزدە.....  ...

توغرا ناھايىتى ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويدى ،لىكىن بىرنەچچە قىتىملىق سەۋەنلىكنى دەپلا ئۇنى كالۋا قاتارىغا چىقارساق تازا قاملاشمايدىغۇ دەيمە…            بىنزىمانىڭ ئوچۇق ۋاراتاغا ئۇرالمىغان چاغلىرى ئىسىڭىزدە باردۇ؟

------------------------------

79

تېما

18

دوست

4336

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  1444
يازمىسى: 4336
نادىر تېما: 4
ياۋرۇ: 5899281
تۆھپە: 939
ۋاقتى: 1566
h
ھالەت

مانچىستىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازىغ يوللىغان ۋاقتى  2013-10-19 20:16
توغرا ناھايىتى ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويدى ،لى ...

شۇڭلاشقا بېنزىمامۇ بىر  كالۋا    
ماڭىمۇ يىلماز بىر خىل كالامپاي كۆرىنىدۇ
مانچېستېر مەستانىلىرى QQ  توپى : 77452192

14

تېما

5

دوست

2568

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10430
يازمىسى: 2568
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 104942
تۆھپە: 1273
ۋاقتى: 198
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا لوڭقسدا بىر كۆرسەك بۇلاتتى....
بىكھام،كىرىستيانو رونالدو،ئوۋىن،جىرراد، ئالغا ئىنگلاند .......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )