- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7601
- نادىر
- 17
- يازما
- 7601
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-19 11:05
مارادونا : مېسسى بەش ئادەمدىن بۈسۈپ ئۈتەلەيدۇ .لېكىن C.رونالدو ئۇنداق قىلالمايدۇ !
10-ئاينىڭ 18-كۈنى پۇتبول شاھى مارادونا ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدە « مارادونا ئەزەلدىن ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس » دېگەن مەزمۇندىكى ئۆزىنىڭ DVD پىلاستىنكىسىنى تەشەببۇس قىلىش تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتناشتى .( بۇ پىلاستىنكىدا مارادونانىڭ پۇتبولچىلىق كەسپى ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ) پائالىيەتتىن كېيىن مارادونا زىيارەت قۇبۇل قىلغاندا يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردىغان سۆزنى قىلىپ .مېسسى بولسا ھازىرقى دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان پۇتبولچى . كېيىنكىسى كىرىستىئانو رونالدو ،نېيمار ۋە بالوتتېلى دىدى .مۇخبىرنىڭ مېسسى بىلەن رونالدو بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى قانداق دەپ سورىغان سۇئالىغا : C.رونالدو توپنى ياخشى تېپىدۇ .بىراق مېسسى بەش ئادەمنى ئالداپ ئۈتەلەيدۇ .مېسسى ھەممىگە ماھىر ، پورتۇگالىيەلىك بۇنى قىلالمايدۇ دەپ جاۋاب بەردى .
مارادونانىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىتالىيەنىڭ ناپولى كوماندىسدا ئۆتكەن بولۇپ ،مارادونا ئەينى يىللىرى بۇ كوماندىدا چىمپىيۇن بولغان .مارادونانىڭ بۇ كونا ئائىلىسىگە بولغان مۇھەبىتى ئىنتايىن چوڭقۇر .بۈگۈن كېچىدىكى ناپولى بىلەن رىم ئوتتۇرسىدىكى قىزىق نوقتىلىق مۇسابىقىگە مارادونا ئۈزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ مۇنداق دېدى .رىم بولسا ئالدىنقى سەپتىكى بىر پويىزغا ئوخشايدۇ .بىراق ناپولى رىمدىن تېخىمۇ كۈچلۈك .مۇبادا تېرىنىر بېنتىز ناپولىدىن ئايرىلىپ قالسا مۇشۇ كوماندىغا تېرىنىر بولۇشنى خالايمەن .مەن ھازىر بۇ پۇرسەتنى ساقلاۋاتىمەن .ناپولىنىڭ بۇ پەسىل چىمپىيۇن بولۇش ئېھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى .مەن شۇنداق بۇلۇشنى ئۈمىد قىلىمەن .
مارادونا ئاخىردا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ، ئۆزىنىڭ دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى بىرىنچى پۇتبولچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە مۇنداق دېدى .قارىۋاي پىلى دۇنيادا پەقەت ئىككىنىچى ئورۇندا تۇرىدۇ .بىرازىلىيە ئىچىدىمۇ شۇنداق ،بىرازىلىيەدىكى بىرىنچى تەنھەرىكەتچى بولسا F1 ماشىنا ماھىرى سېنا ، بۇ خەلىقنىڭ رايىنى سىناپ بېلەت تاشلاشتا مەلۇم بولغان .پىلى ئۆزىنى ئۆزى مەن دۇنيادا بىرىنچى دەۋالغان خالاس !
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10
باھا خاتىرىسى
|