تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 2964|ئىنكاس: 43

18يىللىق جەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-17 23:27:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-9 00:27  

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قېرىنداشلار

1. بوسنىيە-گېرتسىگۇۋىنا جۇمھۇريىتى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇش
bohei5.jpg

بوسنىيە-گېرىتسىگوۋىنا جۇمھۇرىيىتى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا،يەنى سابىق يۇگۇسلاۋىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،شىمال ،غەربىي جەنۇپ تەرەپلىرى كىرۇدىيە بىلەن،شەرق ،جەنۇب تەرەپلىرى سىربىيە ۋە مونتىنىگرو(قارا تاغ )بىلەن تۇتىشىدۇ.جەنۇبى قىسمىدا 20كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئادرىياتىك دىڭىزىغا چىقىش ئېغىزى بار. يەرمەيدانى 51مىڭ 200كىۋادىرات كىلۇمېتىر،نوپۇسى 3مىليۇن 875مىڭ800(2013-يىل7-ئاي)، بۇنىڭ ئىچىدە بوسنىياك مىللىتى (مۇسۇلمانلار)%43.5نى ، سىرىبلار%31.2نى ، كىرۇئاتلار(خورۋاتلار) %17.4نى ئىگىلەيدۇ،بۇ ئۈچ مىللەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسلام دىنى ،پىراۋىسلاۋىيە دىنى،خىرستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، پايتەختى سارايىۋو.

bohei6.jpg
بوسنىيە-گېرىتسىگوۋىنا تارىختىن بۇيان ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تەۋەلىكىدە بولۇپ كەلگەن،مىلادى 1377-يىلىغا كەلگەندە مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرغان،ئەمما 1463-يىلىغا كەلگەندە ئوسمان تۈركلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن بوسنىيە خەلقى ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا كۆپ قىسىم ئاھالىسىنىڭ دىنى ئېتىقادى خىرىستىئان دىنىدىن ئۆزگىرىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن،ئاستا-ئاستا  ھازىرقى مۇسۇلمانلار شەكىللەنگەن ،گەرچە ھازىرقى مۇسۇلمانلار بىلەن سىرىبلار ئوخشاشلا سىرىب تىلىنى ئىشلەتسىمۇ ئەمما مىللى ئۆرپ-ئادەت،ئەخلاق ئۆلچىمى،قىمممەت قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا نىسبەتەن چوڭ پەرق بار .
1908-يىلى بۇ رايۇن ئاۋىستىرىيە-ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىغا ئايلانغان،1914-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاۋىستىرىيە-ۋىنگىرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ شاھزادىسى سارايىۋودا سىرىب ياش تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنڭ ئوت پىلتىسى بولغان،1918-يىلى ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن كىرۇدىيە،سىربىيە،سىلوۋىنىيە قاتارلىقلار بىرلىشىپ يۇگۇسلاۋىيە پادىشالىقىنى قۇرغان،بوسنىيە بىر تەركىبى قىسمى بولغان،2-جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۇگۇسلاۋىيەدىكى ھەرمىللەت خەلقى بىرلىشىپ تىتو(كىرۇدىيەلىك)نىڭ رەھبەرلىكىدە گېرمانىيە ،ئىتالىيە فاشىستلىرىغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان،ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن يۇگۇسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فىدىراتىپ جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان،بوسنىيە بولسا ئۇنىڭ بىر جۇمھۇريىتى بولغان. 1960-يىللارغا كەلگەندە مۇسۇلمانلار ئايرىم بىر مىللەت دەپ قارىلىپ ھەرقايسى جۇمھۇريەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بوسنىيەگە كېلىشىگە ئىلھام بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بوسنىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى سىرىبلاردىن ئېشىپ كەتكەن.

bohei7.jpg
1991-يىلىغا كەلگەندە يۇگۇسلاۋىيە فىدىراتسيىسى پارچىلىنىپ بوسنىيەدىكى مۇسۇلمانلار،كىرۇئاتلار،سىرىبلار ئوتتۇرىسىدا دۆلەت تۈزۈلمىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە چوڭ ئىختىلاپ ساقلانغان،1991-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇسۇلمانلار بىلەن كىرۇئاتلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللىگەن بوسنىيە پارلامىنتىدا بوسنىيە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دەپ جاكارلانغان،1992-يىل 3-ئاينىڭ باشلىرىدا پۇتۇن خەلىق ئاۋاز بىرىپ مۇستەقىل بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان چاغدا جۇمھۇريەت تەۋەسىدىكى سىرىبلار سىربىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قورال كۈچى بىلەن سىربىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان،شۇنىڭ بىلەن ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ 200مىڭ ئادەم ئۆلگەن،200مىڭدىن ئوشۇق ئادەم يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولغان. ب د ت،ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ ياراشتۇرۇشى ،تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن 1995-يىلى12-ئاينىڭ 22-كۈنى بوسنىيە -گىرىتسىگوۋىنا ئۇرۇشى ئۈزۈل-كېسىل توختىغانلىقى جاكارلانغان.
2. دۇنيا لوڭقىسى بېلىتى ئۈچۈن قىلىنغان جەڭ
10يىل بۇرۇن بوسنىيە-گېرىتسىگوۋىنا كوماندىسى 2004-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئۆز مەيدانىدا 1گە قارشى 1نەتىجىدە دانىيە بىلەن تەڭلىشىپ قىلىپ مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم چوڭ خەلقارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولدى. 10يىلدىن كېيىن زىكو،يىبىشىۋىچ قاتارلىق ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچىلارنىڭ باشچىلىقىدا  ئۇرۇش قاينىمىدا قايناپ چىققان بۇ كوماندا 1-0كىچىك نومۇر پەرقى بىلەن قارشى تەرەپ مەيدانىدا لىتۋانى يېڭىپ بوسنىيە خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى،9قېتىملىق چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق بوسنىيە-گېرىتسىگوۋىنا كوماندىسى سابىق يۇگۇسلاۋىيە رايۇنىدىن 4-بولۇپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن دۆلەت بولۇپ قالدى.
1996-يىلى8-ئايدا تۇنجى قېتىم چوڭ خەلقارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشىنى باشلىغان چاغدا بۇ كوماندا دۇنيا رەت تەرتىۋىدە 172-ئورۇندا تۇراتتى. ئۇنداقتا بۇ كوماندا قانداق قىلىپ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بېلىتىگە ئېرىشەلىدى؟


bohei1.jpg
بوسنىيە-گېرىتسىگۇۋىنا جۇمھۇريىتىدە پۇتبولنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئامىللار:
1) سابىق يۇگۇسلاۋىيە مەزگىلىدە ئىقتىساد بىر قەدەر ياخشى،ھەرمىللەتتىن بولغان پۇتبولچىلار دۆلەت كوماندىسىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ماڭالايتتى،شۇ مەزگىللەردە يۇگۇسلاۋىيە كوماندىسىمۇ دۇنيا لوڭقىسى قاتارلىق خەلقارالىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىپ نەتىجىسىمۇ ياخشى ئىدى،سابىق يۇگۇسلاۋىيە كوماندىسىنىڭ ‹‹ياۋروپادىكى بىرازىلىيە››دىگەن نامىمۇ بىكار چىقمىغان،ئەينى چاغلاردا جەنۇبىي ياۋروپادىكى ئىتالىيە،ئىسپانىيە،يۇگۇسلاۋىيە كوماندىلىرى كۈچلۈك كوماندىلار ئىدى، شۇڭا پارچىلانغاندىن كېيىن كىرۇدىيە ،سىلۇۋىنىيە قاتارلىق ئىقتىساد تەرەققى قىلغان جۇمھۇريەتلەردە پۇتبول ياخشى تەرەققى قىلدى،بوسنىيەنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ ئەمما يۇگۇسلاۋىيە دەۋرىدىن قالغان پۇتبول ئاساسى بىر قەدەر پۇختا ئىدى.
2) مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش تەدبىرى پۇتبولچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ،شۇنداقلا بۈگۈنكى قالتىس نەتىجىنى پەيدا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.
3) ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش،ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بوسنىيەلىك قاۋۇل ياش-ئۆسمۈرلەرنى تېخىمۇ قەيسەر قىلىپ يىتىلدۈردى، ئۇلار ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە چىقىپ توپ ئويناش جەريانىدا چىنىقتى،پۇل تاپتى.
بۇ دۆلەتتە پۇتبولنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار:
1) ئۇزاققا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇش
bohei8.jpg

3يىلغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇش داۋامىدا بوسنىيە -گېرىتسىگوۋىنادىكى ھەرساھە كەسىپلەرنىڭ تەرەقققىياتى چىكىنىپ ئىگىلىك پالەچلەندى،پۇتبولچىلىق ئىشلىرىمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىدى.
2)مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت:
بۇ دۆلەتتىكى ئۈچ ئاساسلىق مىللەتنىڭ زىددىيىتى ھەممە ساھەدە گەۋدىلىنىپ چىقتى،پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى تىلغا ئالساق ،ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز ئالدىغا بىرلەشمىنى يولغا قويدى،كېيىنچە بوسنىياكلار بىلەن كىرۇئاتلار بىرلىشىپ بىرلەشمە مۇسابىقىنى قانات يايدۇرغان بولسىمۇ سىرىبلار ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتتى،2011-يىلى 4-ئايدا خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بوسنىيە-گېرىتسىگۇۋىنا دۆلەت كوماندىسىنى خەلقارا مۇسابىقىلەردىن چەكلىدى،بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، بۇ دۆلەتتە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈچ نەپەر رەئىسى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر،ئۇلار بەلگىلەنگەن قەرەلدە رەئىسنى بىرگە قىسقارتمىغان بولغاچقا جازاغا ئۇچرىغان،مۇشۇ سەۋەبلىك بۇ دۆلەت كوماندىسى 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىلىرىدىن مەھرۇم قىلىندى.
3)ئىقتىسادى قىيىنچىلىق
بۇ دۆلەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ناچارلىقى پۇتبولنىڭ تەرەققى قىلىشىغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن چوڭ توسالغۇ دىسەكمۇ بولىدۇ،ئىشسىزلىق نىسبىتى %45كە يەتكەن، كىشى بىشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە ياۋروپادىكى دۆلەتلەر رەت تەرتىۋىدە كەينىدىن سانىغاندا 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا قۇرۇش باسقۇچىنى داۋاملاشتۇرۋاتقان مۇشۇنداق زىمىنى كىچىك ،ئاھالىسى ئاز دۆلەتنىڭ 18يىل جاپالىق جەڭ قىلىپ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ قىممەتلىك بىر دانە بېلىتىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۇرىدۇ.
يىبىشىۋىچ مۇسابىقە داۋاملىشىپ 68مىنۇت بولغاندا زىكۇ چىقارغان پاسنى ئېلىپ لىتۋا ۋاراتارىغا ئۇرغان شۇ بىردىنبىر توپ پۈتۈن دۇنياغا قەيسەر بوسنىيە كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپ بەردى، شۇ كېچە سارايىۋۇ شەھىرىدە 100مىڭدىن كۆپ ئادەم كېچىچە ماشىنىلاردا ،مەيدانلاردا ،يوللاردا نامايىش قىلىپ بار كۈچى بىلەن توۋلاشتى:‹‹ بىرازىلىيە!!،بىرازىلىيە!! ،بىز كەلدۇق!!!››.
bohei2.jpg

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتىنى ئېلىش جەريانىنى ئەسلەش.
18يىل تىرىشىش،1995-يىلىدىن باشلاپ ھىساپلىغاندا ئالدىنقى 4قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتىنى ئالالمىغان بوسنىيە-گېرىتسىگۇۋىنا بۇ قېتىم غەلىبە مارشىنى ياڭراتتى،ئالدىنقى 2قېتىملىقتا خىلى يېقىنلاشقان بولسىمۇ قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە  ئوخشاشلا پورتۇگالىيە تەرىپىدىن ئىتتىرۋىتىلدى،بۇ قېتىم گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى،پورتۇگالىيە بولسا يەنە سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئويناش تەقدىرىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىدى، سىربىيە،قاراتاغ قاتارلىق بۇرۇنقى قېرىنداش جۇمھۇريەتلىرى گەرچە شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇلار بوسنىيە ئۈچۈن ھۇررا توۋلاشتى.
10مەيدان مۇسابىقىدە 30توپ ئۇرۇش
مانچىستىر شەھىرىدە توپ ئوينايدىغان داڭلىق چولپىنى زىكو بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىدە 10توپ ئۇرۇپ ۋان پىرىس(11توپ)تىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇردى، شىتۇنگارت كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان يىبىشىۋىچ بولسا 3-ئورۇندا تۇردى. بوسنىە-گىرىتسىگۇۋىنانىڭ ھۇجۇم كۈچى(توپ كىرگۈزۈش جەھەتتە) گېرمانىيە(36)،گوللاندىيە(34)،ئىنگىلانىد(31)لاردىن كېيىنلا تۇردى،شۇنداقلا ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تاللاش مۇسابىقىسدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كوماندا دەپ باھالاندى.
كوماندىدىكى ئاساسلىق ماھىرلار:
زىكو .  ئىدىن دى زىكو 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى سارايىۋودا تۇغۇلغان،ئىگىزلىكى 1.93مېتىر،ئېغىرلىقى 80 كىلوگىرام،زىكو 6ياش مەزگىلىدە  ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە دۆلىتىدىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.  2007-يىلى گېرمانىيە ۋولفۇسبۇرگ كوماندىسىغا قوشۇلىدۇ، 2008-2009-مۇسابىقە پەسلىدە گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسدە ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچى ،گېرمانىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالىنىدۇ،2009-2010-مۇسابىقە پەسلىدە گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ ‹‹ئالتۇن ئاياغ››مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.
7e3e6709c93d70cf1bdd0571f8dcd100bba1cd11728b739a.jpg


ئۇ شەخسىيەتسىز،تىخنىكىسى قالتىس ھەم باش توپ ماھارىتى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ياۋروپادا نام چىقىرىشقا باشلايدۇ. 2011-يىلى 27 مىليۇن فۇنىت سىتىرلىڭلىق باھا بىلەن ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىدىكى باي كۇلۇب مانچىستىر شەھىرىگە يۆتكۈلۇپ كېلىدۇ. 2015-يىل 6-ئايغىچە توختام تۈزىدۇ . 2011-2012-مۇسابىقە پەسلىدە زىكو،ئاگۇيرو،بالوتىللىدىن تەركىب تاپقان ئۈچ داڭلىق ھۇجۇمچىنىڭ  ھۇجۇم سىپىدىكى ياخشى ھەمكارلىقى بىلەن مانچىستىر شەھىرى  تۇنجى قېتىم ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسدە چىمپىيۇن بولىدۇ.
738b4710b912c8fc1eb325c4fd039245d788d43f8794094b.jpg
bohei3.jpg

يىبىشىۋىچ.  ۋىداد. يىبىشىۋىچ 1984-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلغان، ئىگىزلىكى 1.89مېتىر،ئېغىرلىقى 79كىلوگىرام، ئۇ 15ياش مەزگىلىدە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا چۈشۈپ قالغان ۋەتىنىدىن ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ شىۋىتسارىيەگە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ،ئاندىن ئامېرىكىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا توپ ئويناشقا باشلىغان،20ياش مەزگىلىدە ئامېرىكا سانىت لۇيىس ئۇنۋىرسىتىتى پۇتبول كۇلۇبىدىن پارىژ سانىت ژىرمان كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن، گېرمانىيە خۇفىنھام كۇلۇبىدا (2007-يىلىدىن 2012-يىلى 1-ئايغىچە)ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا ھازىر شىتۇنگارت كۇلۇبىدا توپ ئوينىماقتا،مەيداندىكى ئورنى ھۇجۇمچى،9-نومۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ،دۆلەت كوماندىسدا 14-نومۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
1773533.jpg
يىبىشىۋىچ دۆلەت كوماندىسدا ھۇجۇم سىپىدە زىكو،مىسمۇۋىچتىن قالسا ئاساسلىق نومۇر ئالغۇچىدۇر.

波黑1.jpg
مىسمۇۋىچ.  زىۋىزدان .مىسموۋىچ بولسا  دۆلەت كوماندىسىنىڭ يادرۇسى،شۇنداقلا كوماندا باشلىقى، ئۇ 1982-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان،ئىلگىرى گالاتا ساراي كوماندىسدا توپ ئوينىغان، 2013-يىلى 1-ئايدا گۇيجۇ رېنخى كۇلۇبىغا قوشۇلغان،
ئۇ بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان 32كوماندا ئىچىدە بىردىنبىر جۇڭگو بىرلەشمىسىدە توپ ئوينايدىغان ماھىردۇر.

p14_b.jpg
بوسنىيە-گېرىتسىگۇۋىنانىڭ رەقىبلىرى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى

بوسنىيە -گېرىتسىگوۋىنا مۇستەقىل بولۇپ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن بۇ قېتىمقى چەك تارتىشتا ئارگېنتىنا،نىگىرىيە،ئىران كوماندىلىرى بىلەن ف گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. نىگىرىيەدىن باشقا كوماندىلار بىلەن بۇرۇن ئۇچرىشىپ باققان تارىخى بار
ئارگېنتىنا 1998-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى كىرۇدىيەگە تەقلىد قىلىپ بوسنىيە -گىرىتسىگوۋىنا بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىغان بولۇپ ئارگېنتىنا كوردۇۋا شەھىرىدە 0گە قارشى 5نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلغان،بۇ يىل 11-ئاينىڭ18-كۈنى ئامېرىكىدا ئوينىغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا 2-0نەتىجە بىلەن ئۇتقان.
ئىران بىلەن 5قېتىم دوستلۇق مۇسابىقىسدە ئۇچرىشىپ باققان بولۇپ ئىران 4مەيدان ئۇتۇپ بىر مەيدان تەڭلەشكەن،بۇنىڭ ئىچىدە 3مەيدان تېھراندا ئوينالغان مۇسابىقىدە ئىران كوماندىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن بوسنىيەنى يەڭگەن.
ئاخىرىدا بوسنىيە -گېرىتسىگوۋىنا كوماندىسىنىڭ كېلەر يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن،1998-يىلىدىكى كىرۇدىيەدەك قارا تۇلپار بولۇپ قالامدۇ تېخى،چۈنكى پۇتبول يۇمىلاق!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-12-9 00:45:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تىما نادىر تىمىدەك قىپ تۇردۇ ئورۇن ئىپ قويۇپ ئاندىن ئوقۇي
ۋاقتى: 2013-12-9 00:46:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-9 08:33  

ئىسىل تېما


تېمىڭىزدا تىلغا ئالغان زىكو ئاق پىلى دەپنام ئالغان زىكو ئەمەستۇ ھە ؟
ۋاقتى: 2013-12-9 01:04:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى-كەينى بۇلۇپ 20يىلدا مۇشۇنچىلىك نەتچە قازانخاندكىن بولدى ...راستىنلا پەخىرلەنگدە نەتىچكەن مۇبارەك بۇلسۇن بۇسىنيە خەلىقى ...
ۋاقتى: 2013-12-9 01:16:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ،، بىلمىگەنلەرنى بىلىۋالدىم
ۋاقتى: 2013-12-9 01:18:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسېل  تىما
ۋاقتى: 2013-12-9 01:21:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلۇق 20 يىلمۇ بولماپتىغۇ دۆلەت قۇرۇلغىلى . مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئۆزى بىر نەتىنجە  . بىزنىڭ دۆلىتىمىز قۇرۇلغىلى 65 يىل بولۇپتۇ . دۇنيا لوڭقىسى ئەمەس ، ئاسىيا لوڭقىسىغىمۇ تەستە قاتنىشىۋاتىدۇ . 2002 دۇنيا لوڭقىسى ياپونىيە ، كورىيەلەردە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈنلا كىرىپ قالدى بىر قېتىم .
ۋاقتى: 2013-12-9 02:04:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق يىزىلىپتۇ...يىڭى بىلىم بولدى بۇ،  بوسىنيەنى شۇنداقلام بوسىنيە پوتبۇلچىلىقىنى چۈشۈنۋالدۇق.2012ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش موسابىقىسىدىمۇ ئاخىرغىچە ئىلىشىپ ئاخىرىدا  سالاھىيەت موسابىقىسىدە كۈچلۈك پورتۇگالغا ئۇچىرىشىپ قىلىپ شاللىنىپ كىتىپ قالغانغۇ دەيمەن.

بوسىنيەگە  دۇنيا لوڭقىسىدا ئامەت  تىلەيمەن.

بوسىنيەدىمۇ سىرىب توپچىلار بار..
ۋاقتى: 2013-12-9 02:07:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن
ۋاقتى: 2013-12-9 03:38:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوسنىيە گىرتسىگوۋىنانىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى گورۇپپىغا بكلۈنىشى ھازىرقى ھالىتىدىن بىر قەدەر تەلەيلىك دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ ، بۇلار گەرچە ئىسلام دۆلىتى بولمىغان بىلەن مۇسۇلمانلار ئۇمۇمىي نوپۇسنىڭ 45% تىنى ئېگەللەپ كۆپ سانلىق ئورۇندا تۇرىدۇ ( خىرىستىيانلار 36% ) ، ئارگىنتىنانىڭ ھازىرقى ھالىتىدە بوسنىيەنىڭ ئۇلار بىلەن كۈچ ئېلىشمىقى بىر قەدەر تەس ، شەخسىي دىنىي نۇقتىنى چىقىش قىلىپ ئېيتسام نىگىرىيە بىلەن بوسنىيەنىڭ قايسى بىرى چىقسا مەيلى ، ئەمما ئىراننىڭ گورۇپپىدىن چىقىشىنى خالىمايمەن .
ۋاقتى: 2013-12-9 09:43:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بۇپتۇ  ..
كىلەر يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن..
ۋاقتى: 2013-12-9 09:52:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  دۇنيا لوڭقىسدا  ئامەت تلەيمەن ،،،،،،،

      زىكومۇ مۇشۇ دولەتتن ئىكەندە   بىلۋالدىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-9-26 15:41 , Processed in 0.093372 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش