ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8571 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-17 20:03
2013-يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى بولسا ،ئارگېنتىنالىق داڭدار ھۇجۇمچى مېسسىنىڭ بارسېلوناغا قۇشۇلغىنىغا دەل 9 يىل بولغان خاتىرە كۈنى ،2004-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى بارسېلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا بىر شەھەردىكى رەقىبى ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان .بۇ مۇسابىقە ئەسلى ئادەتتىكى كاتولونىيە دىربى بولسىمۇ ،ئەمما بۇ بارسېلونا تارىخىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپ ھېسابىلىنىدۇ .يەنى : بۇ مېسسىنىڭ بارسېلوناغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىشى ئىدى .مۇشۇ 9 يىل جەريانىدا مېسسى پەيدىنپەي تەرەقى قىلىپ ھازىر ئىسمى -جىسمىغا لايىق ھەقىقى گىگانت چولپانغا ئايلاندى .
نەتىجىسىنى يىغىنچاقلىغاندا ،جەمىي تۆت قېتىم « ئالتۇن توپ » مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .ئىگىلىنىشچە ،مېسسى ئۇزۇنغا قالماي بارسېلونانىڭ كاپىتانى بۇلىدىكەن .ھازىر بارسېلونادا خاۋى ،پۇيۇل ،ۋالدېس ،ئىنىستا قاتارلىق تۆت كاپىتان بولۇپ ،ۋالدېس يېقىندا ئۈزىنىڭ كۇلۇبتىن ئايرىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .شۇنداق بولغاندا مېسسىمۇ كاپىتانلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالىدىكەن .
|
|