ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8571 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-17 16:22
10-ئاينىڭ 17-كۈنى ،ئاسىيا پۇتبول سانلىق مەلۇماتلار كەسپى تور بېكىتى « Footballdatabase.com » دۇنيا كۇلۇبلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ،ئاسىيا رايۇنىدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى ئوخشاشلا بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرغان .گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى رەقىبى كورىيە سېئۇل FC كۇلۇبى ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان .گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ رەت-تەرتىپى داۋاملىق ئۆرلەپ يەر شارىدا 39-ئۇرۇنغا ئۆتكەن .ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا يەتتە رەت ئۆرلىگەن .ئاسىيادا ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىگە گۇاڭجۇدىن باشقا يەنە شەندۇڭ لۇنىڭ ۋە بېيجىڭ ئامانلىق كۇلۇبى كىرگەن .بۇ ئىككى كۇلۇب 44-ۋە 46-ئۇرۇنغا تىزىلغان .دۇنيادىكى رەت-تەرتىپى بولسا 456 ۋە 464 ئۇرۇندا ئىكەن .
دۇنيا كۇلۇبلىرى رەت-تەرتىپىدە ،گېرمانىيەدىكى بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى بىرىنچى ئۇرۇندا بولۇپ ،ئالدىنقى ئايدىكىگە ئوخشاش دۇنيادا غوجىلىق ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن .بارسېلونا ،خان مادرىد ،پارىژ سانت ژىرمان ،مادرىد ئاتلېتكا ،ئارسېنال ،يۇۋېنتۇس ،دورتىموند ،پورتو ۋە چېلسى كۇلۇبلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ئورۇندىن 10-ئۇرۇنغا تىزىلىپ دۇنيادىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن .
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )
|
|