akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3554|ئىنكاس: 53

مـەن پـەقـەت بـىـرلا ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-15 01:11:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-3 16:46  


ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم :مۇنبەردىكى بارلىق ئۇلۇغ ئۇششاق،چوڭ كىچىك،ئاكا- ئۇكا،ئاچا-سىڭىل،ئىسمى ئويغۇر ،جىسمى ئويغۇر ئاتالغان ئويغۇر دىيارىدا ئويغۇرچە نەپەس ،ئويغۇرچە تىنىق ئېلىۋاتقان ئەھلى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم..قېرىندىشىڭلار سەبرىدىن ھەممىڭلارغا ئالى ئېھتىرام ۋە ئىگىلىپ سالام.
ئۇلۇغ ئايەم ،ئۇلۇغ كۈنلەر يىتىپ كىلىپ بارچە كائىنات خوشاللىققا ۋە بەرىكەتكە ،تۇققاندارچىلىق ھەم مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان بۇ خاسىيەتلىك كۈنلەردە ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،،ۋە كۈتۈلمىگەن پىشكەلچىلىكلەردىن خالى ،مولچىلىققا ،شاتلىىقا تولغان ھالدا تېنىڭلارنىڭ سالامەت ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى ياراتقان ئۇلۇغ كېرىملىك يىگانە ئاللادىن تىلەيمەن.
ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق ھىسابىدا بىر نادىر تېما يىزىش ئۇيۇم بار ئىدى.مانا بۈگۈن ئاالاھنىڭ شەپقىتى بىلەن بۇ تېمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مەقسەتكە كەلسەم.مەن كىچىكمىدن خەلقارا خەۋەر ۋە  ئۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا تولىمۇ ھەۋىسىم بۇلۇپ ،ھەم بۇ جەھەتلەردە بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە بولغان.كىشلەر دائىم پۇتبول دۇنياسىنى ئىس تۈتەكسىز جەڭگە ئوخشىتىدۇ،بۇ جەرياندىكى توپ چولپانلىرىنى ھەر خىل سۈپەتلەر ئارقىلىق گېنىرال ھەم يول باشچى قاتارىدا تەرىپلەيدۇ.ئۇنداقتا ھەقىقى جەڭدىكى قوماندانلار بىلەن بۇلار ئارىسىدا راستىنلا ئوخشاشلىق بارمۇ؟گەرچە ماكان زامان جەھەتتىكى پەرىق بولسىمۇ تەپەككۇر ئۇلارنى خىيالى بىر نۇقتىغا يىغىپ ئوخشاش يۇسۇندا سېلىشتۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ.
مەنمۇ ھەم ئاددى ئىنسان بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن خىيالىمدا ئۇلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق پەرىق ۋە ئوخشاشلىقلارنى بىلىشكە قىززىقىمەن ھەم بۇنداق قىلىشنى ياقتۇرىمەن.

خوش ئۇنداقتا بۇ تېمامدا مەن سىلەرگە ھازىرقى زامان پۇتبول دۇنياسىنىڭ سەركىلىرى بولغان مىسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدونى،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى داڭلىق سىياسىيون ھەم ھەربى قوماندانغا ئايلانغان ئامىركىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى روزۋىلىت بىلەن مەشھۇر قوماندان مارىك ئارتورغا سېلىشتۇرماقچى.
ھەممە ئىنساننىڭ بىلىش دائىرسى چەكلىك بولغانلىق ۋەجدىن ئىنسان ئاتالغان مىنىڭ بەزى نۇقسانلاردىن خالاى بۇلىشىم قىيىن.بەزىدە ئۇنداق ياكى بۇنداق سەۋەنلىكلەر تېمىدا يۈزبىرىشى مۇمكىن،ئەمما تارىخى ۋە رىئال شەخسلەرگە قارىتا مەيلى ئۇ نىمىلا ئىش قىلسۇن ئۇلارغ تارىخ ئاللا بۇرۇن جاۋاپ بىرىپ بولغان،ھاياتلىرىغا كىشىلەر كىيىنچە ئاستا-ئاستا باھا بىرىدۇ.ئەمما دانا كىشى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئەمەس بەلكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئۈزىنى سېلىشتۇرىدۇ.مەن بۇ تېمامدا يىزىلغان شەخسلەرگە ئاددى چۈشەنچەم ئارقىلىق ئىجابى باھا بىرىمەن..قالغىنى ھەممە كىشىنىڭ ئۈزىنىڭ قارىشى.خوش ئۇنداقتا دىققىتىڭلار تېمامدا بولسۇن.

              بەرھەق دۇنيادا پەقەت سىز بىرلا ،مەيلى نىمىلا ئىش يۈز بىرىشىدىن قەتتى نەزەر،سىزگە ئوخشايدىغىنىدىن يەنە بىرسى يوق،
         چۈنكى جاۋابى                                            [مەن پەقەت بىرلا]
گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان شۇنداق بىر رىئاللىق مەۋجۇتكى-بۇنىڭدىن ھىچقانداق ئادەم ۋە ھىچقانداق ۋاقىت مۇستەسنا ئەمەس-ھىچكىم ۆز تەقدىرىنىڭ قانداق بۇلدىغىنىنى ۋە ئىستىقبالىنىڭ قانداق بۇلىدىغىنىنى ئالدىن بىلمەيدۇ.پەقەت تۇرمۇشنىڭ ئۆزىلا تەقدىرنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى كىشلەرگە ئېچىپ كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن ،تەقدىرنىڭ ئۈزى تەقدىر بۇلالماي قالىدۇ.
ئالەم ئاپىرىدە بۇلۇپ ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋا ئانابېھىشتىن[بۇمۇ تەقدىر]قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كىيىن تەقدىر ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ھەر سائەت ،ھەر كېچە-كۈندۈز،ھەر يىل،ھەر ئەسىر ۋە ئەسىرمۇ ئەسىر مەڭگۈلۈك تېپىشماق بۇلۇپ قالدى......
ھازىرقى پەئىتتە ھەم شۇنداق،ھەئە .بۇ قېتىم دەل شۇنداق بولدى.كىم بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بىرىشىنى ئويلاپ باققان.ئۇ دىگەن ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ھەتتا تەقدىرنىڭ ئىرادىسىدىن ھالقىپ كەتكەن تۇرسا.
مۇبادا چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولمايۋاتقان ۋەقەنى چۇقۇم چۈشەندۈرۈش كېرەك بولسا،خوش ،بىردىنبىر مۇمكىن بولدىغىنى بۇ ئىككى خل ھايات ئوتتۇرسىدا مەلۇم مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن باشقا ئامال يوق.بىزنىڭ چۈشەندۈردىغىنىمىز مانا مۇشۇ.شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كائىناتنىڭ مەۋجۇدىيەتلىكى جەھەتتىكى تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت.تەقدىرگە پۈتۈلگەن خىلمۇ-خىل تاساددىبى ماسلىق تۈپەيلىدىن،ئۇلار مەلۇم يۇلتۈزنىڭ نۇرى ئاستىدا ئاپىرىدە بولغان.ئېھتىمال دەل مۇشۇنداقتۇ...-ئەلۋەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇتلىقىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغان ۋە ئويلاپ يىتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى زامانىۋى شەھەردە ياشايتى،ئۇ يەر ياشايدىغان ئاھالىلەرنىڭ تولىمۇ زىچلىقىدىن ،كوچىلاردىكى ئېلىپ ساتارلار بىلەن پۇرقىرشىپ ئىس تۈتەك چىقىرىپ تۇرغان كاۋاپچىلارنىڭ تولىلىقىدىن يېرىلاي دەپ قالغان ئىدى.يەنە بىرى ئىگىز تاغدا بەھەيۋەت بەتبەششىرە جىلغىلاردا ياشايتى .
ئەمما ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىق قىسمەتلىرى ۋە قىسمەت ئىچىدىكى تاللاشلىرى ،شۇنداقلا مۇۋەپپىقيەتلىرى ،ئىنسان ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە شۇ قەدەر بۈيۈك ئىدى.


مىسسىنىڭ راخىت كېسەللىكى سەۋەپلىك بۇيى داۋاملىق ئۈسۈشتىن توختاپ قېلىش ،باللىلار پارالىچ كېسەللىكى بىىلەن 39يېشىدا ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان روزۋىلىت بىلەن ئوخشاشلىق تەرىپى.ئەمما باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن روزۋىلىت بىلەن تەبئىي تاللىنىشلار ئىچىدىكى تۇغما تالانتقا ئىگە بۇلۇش ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ بەخىت تەلىيى ھىسابىلىنىدۇ.ئۇلارنى ھەم بەخىتلىك ۋە بەخىتسىز دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ.تۇغما كەمتۈكلۈك ،ۋە ھاياتتىكى ئېغىر نۇقسانلار ئۇلارنىڭ روھىنى سۇندۇردى.ئەمما قەيسەرلىىككە تولغان ئىرادىسى ھەمىشە ھاياتقا بولغان كۈرەش قەدىمىنى توختىپ قويمىدى.بىرى كېسەللىك ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ئۈزىنى ئىسپاتلىدى يەنە بىرى كۈتلۇمىگن قىسمەتتىن باتۇرلارچە ئۈتۈپ دۇنياغا تۇنۇلدى بىرى ئامىركا تارىخىدا ئەزەلدىن يۈز بىرىپ باقمىغان.دۇنيادىكى ئەڭ قۇدىرەتلىك ئەركىن دۇنيا ئامىركىغا تۆت نۆۋەت زۇڭتۇڭ بۇلۇپ ۋاشىنگىتون ھەم لىنكولىنلارنىڭ ئۈچ قېتىمدىن ئامىركىغا ئەڭ ئالى داھى بۇلۇش قېتىم چەكلىمىسىدن ھالقىپ كەتتى.يەنە بىرى دۇنيا پۇتبول تارىخدا ئەزەزلدىن كۈرۈلۈپ باقمىغان بىر پۇتبولچىنىڭ 4نۆۋەت دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بۇلۇش،يەنى كىلىپ ئۇدا تۆت نۆۋەت ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئىنسان ئويلاپ يەتمەيدىغان نەتىجىنى يارىتىپ تارىخقتىكى كىرويىف باشچىلىقىدىكى ئۈچ نۆۋەتتىن دۇنيا پۇتبول ئەپەندسى بۇلۇش رېكورتىغا خاتىمە بەردى. ھەم پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىتراپ قىلنىشقا ئىرىشتى.مۇھىمى تىرىشچانلىق ۋە غەيرەت جاسارەتنىڭ بوران چاپقۇنلار ئۈستىدىن غالىپ كىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

روزۋىلىتنى تەلەيلىك دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ.چۈنكى ئۇ ئىسىلزادىلەر نەسەبىدىن ئىدى-خارۋارت ئۇنۋىرسىتىنى ئۇقىدى.دېڭىز ئارمىيە ياردەمچە مىنىستىرى،نىيۇيۇرۇك شىتاتىنىڭ شىتاپ باشلىقى ،ئامىركا زۇڭتۇڭىمۇ بولدى.روزۋىلىتنى بەخىتسىز دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ.چۈنكى ئۇ 39 يېشىدا بالللارپارالىچ كېسىلى بىلەن كىينكى كۈنلىرىنى ئىزچىل چاقلىق ئۇرۇندۇقتا ئۆتكۈزدى.فاشىسلارغا قارشى كۈرەشتە غايەت زور تۆھپە قوشقا بولسىمۇ غەلبە ھارپىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ بىر مېيىپ بۇلىشىغا قارىماي ئېغىر ئىقتىسادى كىرزىس داۋامىدا كۆپسانلىق رەقىبلىرىنى يېڭىپ ئامىركىنىڭ 32-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى.ئۇ قىيىنچىلىك ۋە كىرزىس ئالدىدا بوش كەلمەي يېڭى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ ئامىركىنى ئەڭ زور قىيىنچلىقتىن قۇتقۇزدى.
ئۇنىڭ مۇنداق بىر گىپى ھېلىھەم يادىمدا[ئامىركا قىيىنچىلىقلار ئالدىدا باش ئىگەمدۇ؟ياق.ئامىركا ئامالسىز چارىسىز قالمايدۇ،نەچچە مىليون ئاھالىگە ئىگە ئامىركا ھۆكۈمىتى خەلىققە چۇقۇم مەسئۇل بۇلىدۇ.ئامىركا چۇقۇم ئەڭ تىز سۈرەتتە ھەرقانداق قىيىنچلىقنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ]

مىسسنىمۇ تەلەيلىك دىيىشكە بۇلىدۇ چۈنكى ئۇ بىر بەختلىك ئائىلدە ،پۇتبول ئىشتىياقى يالقۇنجاپ تۇرغان پۇتبول مۇھىتىدا ئۆسكەن.ئاجايىپ تەبى تالانىت پەقەت ئۇنىغىلا نىسىپ بولغان.ئاجىزلىق،كېسەل ئاسارىتىدىن قۇتۇلالماي ئۆزى ياقتۇردىغان پۇتبول تىپىشتىن ۋاز كىچەممەي كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان پەئىتتە،بىر قېتىملىق تارىختىكى ئەڭ چوڭ پۇرسەت ياق؟ئەڭ توغرا تاللاش ئۇنى نېۋىل قېرى يىگىتلەر كوماندىسىدىن دۇنيادىكى ئەڭ قۇدىرىتلىك كۇلۇپ بارىسلونانىڭ لاماسىيە ياشلار بازىسىغا باشلاپ كەلگەن.ئۇ ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ،ئارگىنتىنا پۇتبول ئەپەندىسى ،ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بۇلۇپ باھالانغان.ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ،ياۋرۇپا ئالتۇن كەش ،ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتلىرىنى ئالغان.ئۇنى بەختسىز دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ،چۈنكى بۇيى ئۆسمەسلىك كېسىلىگە گىىرىپتار بولغان،بىر ئەركەك ئۈچۈن بويى ئۆسەلمەسلىك ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.شۇنچىلىك تىرىشقان بولسىمۇ ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان تېرىنېر گۇئاردىئوالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلىدا داۋاملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئېلىپ ئۇزۇتۇپ قۇيالماي ،شۇ نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمەي ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە شاللىنىپ كىتىش بولغان.رمىسسى بۇيىنىڭ پاكار بۇلىشىغا قارىماي شامالدەك تىز سۈرىتى بىلەن رەقىبلىرىنى بىرمۇ بىر يېڭىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا دۇنيا پۇتبول تارىخنىڭ 2009 يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىىسى بولغان ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇدا تۆت يىل بۇ لوڭقىنى ئېلىپ كەلمەكتە.
ئۇنىڭ مۇنداق بىر گىپى يادىمدا[توپ كىمنىڭ پۇتىدا بولسا شۇ ھامان نەتىجىنى بەلگۈلگىچى]

                                                دۇنيا بىر پارچە شاھماتقا ئوخشايدۇ
1942يىلنىڭ باشلىرى ئىدى.بىر كۈنى روزۋىلىت ئوغلى ئېليوتقا مۇنداق دىدى؛[ئويلاپ باققىنا .پۇتبول مۇسابىقىسى دەيلى.بىز ئۇرۇندۇقتا كۈتۈپ ئولتۇرغان زاپاس كوماندا ئەزاسى بولايلى.نۆۋەتتىكى ئاساسى كوماندا ئەزالىرى رۇسىيەلىكلەر،جۇڭگۇلۇقلار بولسۇن.يەنە مەلۇم ساندا ئېنگىلىزلار مۇ بار دەيلى.بىز زاپاس كوماندا ئەزالىرىنىڭ رولى ئاچقۇچلۇق پەئىتتە مەيدانغا چۈشۈش ،ھۇجۇمچىلىرىمىزنىڭ ھېرىپ مادارى قالمىغاندا بىز مۇسابىقىگە چۈشىمىز.بۇنىڭدىن مەقسەت ئاچقۇچلۇق بىر توپنى كىرگۈزۈش.بىز تۇلۇق زىھنى كۈچىمىز بىلەن مۇسابىقىگە كىرىمىز ،پۇرسەتنى توغرا تاللىيالايدىغانلار بولساق.......مىنڭچە بىز پۇرسەتنى توغرا تاللىيالايمىز]
روزلىۋېت دەل ئاشۇنداق ئويدا چېرچىل بىلەن سۆزلىشىپ .مۈشكۈلاتتا قالغان ئەنگىلىيە 8-كورپۇسقا چۈشكەن بېسىمنى يوق قىلىش ھەمدە گىرمانىيە قۇشۇنلىرىنى سوۋىت ئىتىپاقى تەرەپتىن ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن 1942-يىلى كۈزدە شىمالى ئافرىقا قۇرۇقلىققا چىقىش پىلانىنى تۈزدى.بۇ پىلان [مەشئەل پىلانى]دەپ ئاتالدى.دەل مۇشۇ قېتىملىق توغرا يۆتكىلىش ،توغرا تاللاش،توغرا ياردەم .گېرمانىيە قۇشۇنلىرىنى ياۋرۇپا قۇرۇقلىقىدىن ئافرىقا قىتئەسىگە يۆتكەپ ئەنگىلىيە فىرانسىيە دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنى قايتىدىن ئوڭشاپ ياۋرۇپا زىمىنىدا گېرمانىيەگە قارشى جانلىق ئەمەلى كۈچىنى ساقلاپ قېلشىغا،ھەمدە كىيىنكى كۈندە ئاكتىپ زەربە بىرىشكە،،،سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ قاش بىلەن كىرىپكىنىڭ ئارىسىدا قالغان مەغلۇبىيەتلىك تارىخىغا بەلگىلگۈچ رول ئويناپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىنىڭ تارىخىنىڭ قايتا يىزىلشىغا سەۋەپچى بولغان

                                             ئەنە ئاۋۇ كىچىك تۈشۈكتىنمۇ يۇرۇقلىق كىرەلەيدۇ
ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى پۇتبولغا ھەم ھاياتقا تەشنا بولغان بۇ تالانىت ئىگىسىنى داۋاملىق قىيناپ كەلگەن ئىدى.بۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى كۆپ بولغچقا تۇرمۇشى تولىمۇ غورگۈل ئۈتەتتى،كىينكى كۈنلەردە مىسسىنىڭ ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ھەمدە بۇيى ئۆسمەسلىك كېسىلنى يۈرەكلىك داۋالىتالماسلىق بۇ ئائىلە ئۈچۈن بىر دىل يارىسى بۇلۇپ قالغان ئىدى.باشقىلار تەرپىدىن كەمسىتىلىش مىسسىنى ھەقىقەتەن قىينىغان ئىدى.ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ قاچانغىچە ياشىيالايدىغىنىنى بىلمىسىمۇ يەنىلا سىنىاپ بېقىش قارارىدا ھەممىنى قايىل قىلىپ.ئاشۇ ئاجىز تېنى بىلەن قېرى يىگىتلەر كوماندىسىدا توپ تەپتى،بارسىلونا يۇقىرى قاتلىمىنىڭ تەكشۈرۈش ئەزالىرىنىڭ تۇيۇقسىز پۇرسەتتە بايقىشى ،ئۇنىڭغا يېڭىچە ئۈمۈد ئېلىپ كىلىپ لاماسىيە ياشلار بازىسىغا قۇبۇل قىلىنىش ھەمدە بارلىق كېسەللىكىنى داۋالىتىشىنى ئۈستىگە ئېلىش،باش تېرىنېر لىجگارتنىڭ ئىشەنچىسىەگە ئىرىشىش ئۇنىڭغا ئۈمۈد ئېلىپ كەلگەن ئىدى.ئۇنىڭ ھېلىمۇ ئىسىدە.ئىسپانىيەگە قاراپ يول ئالغان كۈنىسى ئۇئانىسىغا قاراپ تۇرۇپ ..ئانا قاراڭ يۇرۇقلۇق ئەنە ئاشۇنچىلىك كىچىك تۈشۈكتىنمۇ نۇر چاچالايدۇ.دىگەن.
مانا كىيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئۈزلىكسىز تىرىش ۋە تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا بۈگۈنكىدەك گىگانىت چولپانغا ئايلاندى.پۇتبول دۇنياسىغا نۇرغۇن يېڭى رىكوت ھەم يېڭى ھىس تۇيغۇلارنى باشلاپ كىلىپ ئاجىزلارغا قەيسەرلىك ئۈلگۈسى،قەيسەرلەرگە تىرىشچانلىق تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.شۇنداقلا دۇنيا پۇتبول تارخىدىكى نۇرغۇن رىكوت ۋە تارىخنىڭ قايتا يىزىلىشىغا سەۋەپچى بولدى.

[قەيسەر،باتۇر ،تىرىشچان.ھەممىلا ئىشتا ئۆزى توغرا دەپ بىلگەننى شەرىتسىز قىلىش.ئەركەكلەرگە خاس جاسارەت كىرىستىيانو رونالدونىڭ تىپىك  ئالاھىدىلىكى.ماك ئارتورغا ئوخشايدىغان يېرى پەقەت ئەڭ زور نەتىجىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرىشى رەقىپلىرىنى مەڭسىتمەسلىك بۇلارنىڭ مىجەز خاراكتىرى..شۇڭىلاشقىمىكىن مەيلى ھەربى ساھەدە بولسۇن ياكى پۇتبول دۇنياسىدە بولسۇن ھەقىقى ئەركەك مىجەزلىك بۇ قەھرىمانلارنى كۆپىنچە كىشلەر تولىمۇ ياقتۇردۇ .ئۇلار كىشىگە بىرخىل غۇرۇر ۋە مەردانىلىنىكنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ.

ماك ئارتور ئامىركىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق بىرقانچە پولكوۋلىكلىرىنىڭ بىرى،ئۇ ۋېينىىست پوئىنىت ھەربى مەكتىپىنى ئەڭ ئەلا نىتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن.ئامىركا تارىخىدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە چاۋشىيەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىر دىنبىر گېنىرال.ئۇ 1919يىلى ۋېئينىت پوينىت ھەربى مەكتىبىنىڭ ئەڭ ياش مۇدىرى بولغان.1925-يىلى ئامىركا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ياش قوماندانى بولغان.1930 يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ياش شىتاپ باشلىقى بولغان.شۇنداق دىيىشكە بۇلىدىكى ئۇنىڭ ھاياتى سانسىزلىغان ئەڭلەرگە ۋە بىرىنچى ۋە بىردىنبىرلەرگە تولغان.
[شۇنىڭغا ئوخشاشلا كىرىستىيانو رونالدو پۇتبول تارىخىدا ئاز ئۇچىرايدىغان گىگانىت چولپاننىڭ بىرى،ئۇ مانچىستىر بىرلەشمە كوماندىسى ۋە فۇرگۇسىىنىڭ ئەڭ تالانتىلىق ئۇقۇغۇچىسى.ئېنگىلات تارىخىدا بىرلەشمە ،ئۇزغۇنلۇق ،.ئۇيۇشما،ۋە ئىسپان دېربىسى،شاھلىق لوڭقىسىدا توپ كىرگۈزپ 300مەيدان مۇسابىقىدە 306توپ كىرگۈزۈشتەك ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيىغان نەتىجىنى ياراتقۇچى.مادىرىت تارىخدا بارىسلونا كوماندىسىنىڭ مەيدانىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى.ياۋرۇپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىنىڭ بىر نەچچە قېتىمىلق ساھىبى.ئۇنىڭ ھاياتىمۇ ئارتورغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەڭ .نۇرغۇن مۇنەۋۋەر دىگەن ناملارغا توشقان..شەرەپ بىلەن ھەممىنى قايىل قىلىپ 2007-2008يىىلىق ئۇزغۇنلىقنى ۋە 2008يىللق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى نامىغا ئىرىشكۈچى.
                                                                               مارىك ئارتورنىڭ قەسىمى

دەرۋەقە دۇنيا كىشلىرىنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان تۆھپىنى ئۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياراتقان.ئۇ ياپونلار كەلتۈرۈپ چىقارغان زور بالىئاپەت ئالدىدا [مەن ئاخىرى ئەدىپىڭنى بىرىمەن ]دەپ قەسەم قىلغان.ۋە 2-دۇنيا ئۇرىشىدا بۇ خىتابىنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇرغان،شۇ قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن .ئۇ دۇنياۋى ھەربى ئىشلار تارىخىدا ئاجايىپ يۈكسەك [پاقىچىلاپ سەكرەش]تاكتىكىسىنى ياراتقان؛سۇ ۋە قۇرۇقلىقتا 56قېتىملىق جەڭگەئۇتۇقلۇق قوماندانلىق قىلغان .ئۇ ئۆزىنىڭكىنىلا راس قىلىپ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ بارلىق ئادەم بىلەن رەقىبلەشكەن.ئاجايىپ زور نەتىجىسى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى قايىل قىلغان.بەش يۇلتۇزلۇق گېنىرالغا ئايلانغان.
مەيلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بولسۇن ياكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بولسۇن.ۋە ياكى چاۋشىيەن ئۇرۇشىدا بولسۇن زور بۇرۇلۇش ياساپ،ئۆتكۈر تاكتىكا،ئۈنۈملۈك تەدبىر،ۋە قاتتىق قول چاققان بۇلۇشتەك تىپىك ھەربى قوماندانلىق ئۇسلۇبىنى يارىتىپ بارغانلىكى يەردە غەلبنىڭ نەتىجىسنى قولغا كەلتۈرگەن،شارائىتقا،ۋاقىتقا قاراپ ئىش تۇتۇشنى شۇنچىلىك سىپتىلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن.شۇڭا ئۇ كىشلەر تەرپىدىن ؛ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىدا روسىيە باش قوماندانى ژۇكۇف بىلەن تەڭ ئۇرۇندا تەرىپلىنىپ كەلگەن.

                                                                    نوكەمپۇدا بىر توپ ئۇرۇش ھەركىتىنى ئىشلەش
نەچچە يىلىىق ئىسپانىيە دېربىسىدا ئازغىنە كۈچ سېلېشتۇرمىسى پەرىقى بىلەن بارسىلوناغا ئۇتتۇرۋەتكەن مادىرىتلىقلارنىڭ خوشاللىقى بولسا .دېربىدا بارسانى يېڭىپ قىسىاس ئېلىش.ھەممىگە مەلۇم ئىسپان دېربىسى ئاجايىپ زور ئەمەلى كۈچكە ئىگە ئىككى كوماندىنىڭ تىركىشى بۇلۇپ دۇنيادىكى ئەڭ سەرخىل مۇسابىقىنىڭ بىرسى .بۇ ئىككى كوماندىنىڭ نەتىجىسى نۇقۇل ھالدا مۇسابىقنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەپلا قالماستىن بەلكى ئىككى رايوننىڭ كۈچكۈل سىياسى ھەم مەدەنىيەت ئارقا كۈرۈنىشدىكى زىدىيىتىگە بېرىپ تاقىلدىۇ.يەنى مادىرىت خان جەمەتى ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن كاتولون مۇستتەققىلچىرىنىڭ كۈرىشىنىڭ بىر قىسمى شۇڭىلاشقا بۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى ئەنە شۇنداق مۇھىم بۇلۇپ كەلگەن.مانا مۇشۇ مەيدانغا يەنى بېرنابۇ پۇتبول مەيدانىغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ رونالدو دائىم ئۆزئۆزىگە مەن چۇقۇم نوكەمپۇدا توپ ئۇرىمەن دىگەن نىشاننى قۇيۇپ كەلگەن..دەرۋەقە بىرنەچچە قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كىيىن ئۇ ئاخىرى نوكەمپۇدا توپ ئۇرۇپ بارسىلونانىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغان،2008يىلى دۇنيادىكى 2گىگانىت كاكا،مىسسىلارنى تاشلاپ قۇيۇپ شۇيىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىلىكىنى ئالغان.مەيلى قايەردە ،نەدە بۇلىشىدىن قەتتئى نەزەر ئۆزىگە ھەرۋاقىت نىشان بەلگىلەپ شۇ نىشاننىڭ ئەتراپىدا تنىم تاپماي تىرىشقان.غەلبە ،نەتىجە،ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىش ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن كۈرە قىلغان.بېرنابۇ ناھايىتى تەققەزا بولغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ لوڭقىسىنى بارىسلونادىن تارتىۋېلىپ ،بېرنابۇنى يېڭىچە ئۈمۈدكە،ۋە ئالەمچە شاتتىققا چۆمدۈگەن.مانا ئەمدى ئۇزغۇنلۇق لوڭىسىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان .سابىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسىدۇر.


ئاپتۇر ئىلاۋەسىدىن؛بۇ يازمىنى يىزىشقا نۇرغۇن ۋاقتىم ،ۋە زېھنىم سەرىپ قىلىپ پەقەت سىلەر پەقەتلا سىلەردەك دوسلۇرۇم ۋە قېرىنداشلىرىمغا سۇندۇم..تېما جەريانىدا بەزەن جايلارنى پايدىلاندىم بەزەن جايلارنى تۇقۇلما قىلدىم.ئەمما شەخىسلەرگە ئىجابى باھا بەردىم.مەدەنىيەتلىك پۇتبول مەستانىسى چۇقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەكقۇ.ھەمدە داۋاملىق تالاش تارتىشنىڭ پىلتىسى بۇلۇپ قالدىغان،قېرىنداشلارنى جەڭگە جېدەلگە سېلىپ قۇيدىغان ئىككى چولپان مىسسى بىلەن رونالدونى چىرايلىق بىرلەشتۈرۈپ ھەربىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلكى ۋە تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش قىممىتىنىڭ زورۆرلىكىن بار كۈچۈم بىلەن بىلدۈرۈشكە تىرىشتىم.قەلىمىم .ئاددى بولسىمۇ ئۆزەم ئويلىغان بىر قانچە تارىخى شەخىس بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ ئوخشاتتىم.ئەلۋەتتە ھەر كىمنىڭ ھەرخىل كىشلەرگە ئوخشتىشى تەبى.ناۋادا كۆڭلۇڭلارغا ياقمىسا ئەپۇ قىلشىڭلارنى سورايمەن...ھېيتقا ئۈلگۈرتىمەن دەپ ئالدىراپ ئىملا خاتالىقى كۈرۈلگەن بولسا ئەپۇ قىلارسىلە.يارىغان بولسا ياخشى ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپ قۇيارسىلە...
           ئېھتىرام بىلەن :سەبرى22دىن.
                                  قۇتلۇق ھېيتنىڭ بىرنچى كۈنى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 12مۇنبەر پۇلى +580 تۆھپە +26 شۆھرەت +29 تەجرىبە +16 يىغىش سەۋەبى
missi2 + 40 قالتىس!
helpea + 50 قالتىس!
HAKKER + 50 قالتىس! ئىھامىڭزغا دە.
ماھىرچاق + 30 قالتىس!
dilmurat. + 50 قالتىس!
توپ تەپكۈچى + 50 + 10 + 10 قالتىس!
kakkuk11 + 50 + 5 + 5 + 5 قوللاش!
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
بارچۇق + 50 قالتىس!
messi527 + 10 + 3
nijat + 100 + 1 + 1 + 1 قوللاش!
ۋەتەنجان + 50 + 10 + 10 + 10 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-15 01:23:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ !

بۇ يەرنى ئۆزگەرتىپ قويارسىز:

روزۋىلىت بۇيىنىڭ پاكار بۇلىشىغا قارىماي شامالدەك تىز سۈرىتى بىلەن رەقىبلىرىنى بىرمۇ بىر يېڭىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا دۇنيا پۇتبول تارىخنىڭ 2009 يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىىسى بولغان ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇدا تۆت يىل بۇ لوڭقىنى ئېلىپ كەلمەكتە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-15 01:28:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-15 01:31  

[quote]ۋەتەنجان يوللىغان ۋاقتى  2013-10-15 01:23
ياخشى يېزىلىپتۇ !

بۇ يەرنى ئۆزگەرتىپ قويارسىز:
ماقۇل دوستۇم..رەھمەت قوللىغىنىڭزغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-15 01:33:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىيتلىق سوۋغىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم ! ياخشى يىزىپسىز ! رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-15 01:34:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

و

ئالدىرماي يەنە بىر قىتىم ئوقۇپ چىقاي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-15 01:34:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باقاۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2013-10-15 01:33
ھىيتلىق سوۋغىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم ! ياخشى يىزىپسىز ! رە ...

سىزگىمۇ رەھمەت دوستۇم..ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-15 01:35:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باقاۋۇل يوللىغان ۋاقتى  2013-10-15 01:34
ئالدىرماي يەنە بىر قىتىم ئوقۇپ چىقاي.

بۇلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-15 01:54:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ بولالماي يانفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ كەتتى …ھېيتىڭىزغا مۇبارەق بولسۇن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-15 01:56:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
salkin007 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-15 01:54
ئوقۇپ بولالماي يانفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ كەتتى …ھېيتىڭىز ...

رەھمەت قېرىندىشىم،،ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن..ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-15 03:54:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ .جىق ئەجىر قىپسىز.  ئوىشىتىشلار راس جايىدا كەپتۇ .مەنمۇ تارىخ بىلىملىرىگە بەكلا قىزىقىمەن.مارك ئارتور  ھاياتىدا  نۇرغۇن جەڭلەردە غەلبە قازاندى لېكىن  چاۋشەن ئۇرۇشىدا بەك ئۇتۇق قازىنىپ كېتەلمىگەندەك ئېسىمدە .ئىشقىلىپ  رونالدو ،مېسسى    ئىككىسى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ  بىربىرىنى تولۇقلاپ  ھەرۋاقىت تىركىشىشى كېرەك بولمىسا  لەززىتى قالمايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-15 09:47:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى   ياخشى  چىقىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-15 09:50:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[شەرەپ بىلەن ھەممىنى قايىل قىلىپ 2006يىىلىق ئۇزغۇنلىقنى ۋە 2007يىللق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى نامىغا)

رۇنالدۇ 2008 پۇتبول ئەپەندىسى بۇلغان
(قۇربان ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش