elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 856|ئىنكاس: 15

پۇتبول ساھەسىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-13 15:40:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
پۇتبول كوماندىسىدىكىلەرنىڭ قىلىقسىزلىقى

ئىسپانىيەنىڭ ئىسترا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئادەتتىكى مۇسابىقىدە ساھىبخانا كوماندا بىر رېپىرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا رېپىرلىق ھەققى ئۈچۈن 11200 بېستا (ئىسپانىيەنىڭ پۇل بىرلىكى) بېرىشكە كېلىشىپتۇ. مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا، ساھىبخانا كوماندا باش رېپىرى مېھمان كوماندىغان يان باستى، شۇلارنىڭ تەرىپىدە تۇردى، ئادىل بولمىدى دەپ نارازى بولۇپ، ئۆچ ئالماچقى بولۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن باش رېپىرىغا بېرىلىدىغان 11200 بېستانى پۈتۈنلەي ئۇششاق ئۇششاق تەڭگىگە ئالماشتۇرۇپ، بىر تاغارغا قاچىلاپ، رېپىرغا بېرىپتۇ ھەم ۋوگزالغا ئاپىرىپ قويىدىغان ماشىنا تاپالمىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ تاغاردىكى تەڭگىلەرنىڭ ئېغىرلىقى 72 كىلوگىرام كېلىدىكەن. رېپىر نېمە قىلارىنى بىلمەي كەيپى ئۇچقان ھالدا كېتىپ قاپتۇ.

مەيداندىن چىقىرىۋېتىش جازاسىغا ئۇچرىغانلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر مەيدان مۇسابىقە

بىرازىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ماتىگلوس تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىرادىس بىلەن ئاۋلان كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە باش رېپىرى رامىئو 20 ئەزاغا مەيداندىن چىقىرىۋېتىش جازاسى بەرگەن. مەيداندا پەقەت دىرادوس كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى، ئاۋلاد كوماندىسىنىڭ بىر ھۇجۇمچىسى قالغان. رېپىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلىدە ئىككى ئەزانى مەيداندىن چىقىرىۋېتىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندا، ئىككى تەرەپتىكى باشقا ئەزالار ئۇرۇشۇپ كەتكەن. ئەھۋالنىڭ تەرەققى قىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەيداندىن چىقىرىۋەتمەي بولمىغان.

كارامەت ۋە دۆتلۈك

15 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە قالتىس ئويۇن كۆرسىتىشلەر بولدى.
بىرازىليە كوماندىسىنىڭ 27 ياشلىق بىبىتو ئوغلى تۇغۇلۇپ ئىككىنچى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ خۇشاللىق ھېسسىياتىنى باسالماي يۈگۈرگىنىچە مەيداننىڭ سىرتىغا چىقىپ تاماشىبىنلارغا قارىتىپ بالىسىنى ئەللەيلەپ - ئەركىلەتكەن ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۇسۇل ئويناپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئوينىغان ئۇسسۇلى مىلاتاغا ئوينايدىغان زابا ئۇسسۇلىدىنمۇ قىزىقارلىق بولغان (مىلاتاغا دۇنياغا داڭلىق ئۇسسۇلچى).
دۆتلۈك جەھەتتە ئالاھىدە ئويۇن كۆرسەتكۈچى __ بىرازىلىيەنىڭ «شامال ئوغلى» گانجىيا. ئۇ -- دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى 1500 - توپنى كىرگۈزگەن ئويۇنچى. لېكىن ئۇ تازا سەمىمىي ئەمەس. بىرازىلىيە كوماندىسى نېگىرىيە كوماندىسى بىلەن ئويناۋاتقاندا، ئۇ نېگىرىيە كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى تەرىپىدىن چاپۇتلاپ يىقىتىۋېتىلىدۇ. گانجىيا ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراپ يېتىۋالىدۇ. داۋالىغۇچى خادىملار كېلىپ ئۇنى ناسېلكىغا سېلىپ ئېلىپ مېڭىشىغا ئۇ ناسېلكىدىن سەكرەپ چۈشىدۇ. رېپىر ئۇنىڭ قۇۋلۇق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال سېرىق كارتا چىقىرىدۇ. گانجىيا سېرىق كارتىنى كۆرۈپ، دەرھال يەنە ناسېلكىغا چىقىۋالىدۇ، لېكىن ئۇ سېرىق كارتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

چاۋاك چالىمەن دەپ قولىنى يەنە سۇندۇرۇۋېلىش

ماشىنا ۋەقەسىدە قولىنى سۇندۇرۇۋېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ، دوختۇرخانىدىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان تايلاندلىق بىر توپ مەستانىسى تېلېۋىزوردىن ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيەنىڭ ئالدىنقى 4 - لىككە كىرىشنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى كۆرىدۇ. تايلانلىق توپ مەستانىسى مۇسابىقىدىكى روبرت جۇچۇنىڭ بىر توپنى ناھايىتى چىرايلىق ئۇرۇپ كىرگۈزگىنىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدا قاتتىق چاۋاك چېلىپ، يېڭىدىن ساقايغان قولىنى يەنە سۇندۇرۇۋالغان.

كىرىش بېلىتىگە ئوت كەتتى

15 -  نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول لوڭقسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابقىسى(بىرازىلىيە - ئىتالىيە)نى بىۋاسىتە كۆرگۈچىلەر 94194 كىشىگە يەتكەن. ئامېرىكىدىكى «ئەتىرگۈل قۇتىسى» پۇتبول مەيدانىنىڭ كىرىش بېلىتى ئۈچ خىل (180، 450، 1500 دوللار) باھادا سېتىلاتتى. لېكىن مۇسابىقە كۈنى 150 دوللارلىق بېلەتنىڭ باھاسى 450 دوللارغا، 1500 دوللارلىق بېلەتنىڭ باھاسى 2000 دوللارغا ئۆرلەپ كەتكەن.

نېمە ئۈچۈن 17 - نومۇرلىق كېيىمنى ھېچكىم كىيگىلى ئۇنىمايدۇ؟

14 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئىتالىيە بىلەن ئارگېنتىنانىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسىدە 17 -  نومۇرلۇق كىيىمنى كىيگەن ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى دوناردون ھالقىلىق بىر نوقتا توپنى كىرگۈزەلمىگەنلىكتىن، ئىتالىيە ھەل قىلغۇچ مۇسابقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن 17 - نومۇرلۇق كىيىمنى بۇ كوماندىدا ھېچكىم كىيگىلى ئۇنىمىغان. 15 - نۆۋەتلىك مۇسابقىدە چەك تاشلاش ئارقىلىق بۇ كىيىم ئېۋانغا چىققان. نەتىجىدە ئېۋان مەيدانغا چىققان بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدىلا قاتتىق يارىلانغان.

ۋېلسىپىتتىن توك چىقىرىپ تېلېۋىزور كۆرۈش

15 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابقىسىنى تالىشىش مۇسابقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېلېۋىزوردا كۆرۈش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ خەيلۇق شەھىرى، جاڭ يۇۋدۇن يېزىسىدىكى (بۇ جايلارغا تېخى توك تارتىلمىغان) دېھقان يىيۈەن شۆيچۈەن ۋېلىسىپىتنى تېپىپ توك چىقىرىپ، پۇتبول مۇسابقىسىنى كۆرگەن. مۇسابىقە تۈگىمەيلا ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ «ئازراق ھارغان بولساممۇ، بىز يەنىلا چەتئەللىكلەرنىڭ توپنى قانداق ئوينايدىغانلىقى كۆرۈۋالدۇق» دېگەن.

مەنبە: پۇتبول دۇنياسىدىكى ئىشلار دېگەن كىتاب.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-13 15:53:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېككى قىتىم يوللاپ قويۇپسىز  بىرنى ئۆچۇرۋەتتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-13 15:56:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىمە يوللىغان ۋاقتى  2013-10-13 15:53
ئېككى قىتىم يوللاپ قويۇپسىز  بىرنى ئۆچۇرۋەتتىم

رەھمەت. ئىھتىياتسىزلىقتىن ئىككى قېتىم يوللىنىپ كەتكەن ئوخشايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-13 15:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20 ئادەمنى مەيداندىن چىقىرىۋەتسە مۇسابىقە ئاخىرلاشمامدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-13 15:59:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانىڭ سېرىق كارتا بەرسە ناسولكىغا چىقىۋالنىنى~~!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-13 16:17:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قاپقىچى بىلەن  بىر ھۇجۇمچىنى قالدۇرۇپ قويغىنى نىمىسى ئەمدى؟ يا چىقىرۋەتكەندىكىن ھەممىنى چىقىرۋەتسە، ئەركىن-ئازادە ئوينىسۇن دىگەن ئوخشمامدۇ بۇ  رىپىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-13 16:28:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ھۇجۇمچى بىلەن بىر ۋارتار قالغان ئاۋۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىگە قىزىقىپ قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-13 16:36:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شامال ئوغلى كانجىيا بىرازليەلىك ئەمەس ،ئارگىنتىنالىق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-13 17:04:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(180، 450، 1500 دوللار) باھادا سېتىلاتتى. لېكىن مۇسابىقە كۈنى 150 دوللارلىق بېلەتنىڭ باھاسى 450 دوللارغا،
بۇيەردە ئەسلىدىلا 150 دوللارلىق بىلەت يوقكەن ! 180 دېيىش كېرەك ئىدى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-13 17:16:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
totti يوللىغان ۋاقتى  2013-10-13 16:36
شامال ئوغلى كانجىيا بىرازليەلىك ئەمەس ،ئارگىنتىنالىق  ...

گارنىچا دېگېنى ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-13 17:37:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-13 17:40:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:35

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش