- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7604
- نادىر
- 17
- يازما
- 7604
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-13 19:19
10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى « نۇقتا توپ نوقتىسى » گېزىتىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ،خان مادرىد كۇلۇبى دورتىموند تەرەپ بىلەن دەسلەپكى كېلىشىمنامىنى ئىمزالاپ بوپتۇ .يەنى : كوماندىدىكى داڭلىق ماھىر گۇندىگاننى 20 مىليوندىن 30 مىليونغىچە باھا بىلەن يۆتكەپ كەلمەكچى بولغان .ھازىر ئىككى تەرەپ سۆھبەت باسقۇچىدا ئىكەن .
يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىكى فىرانسىيەلىك ماھىر پوگبانىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەرەققىياتى بەك تېز بولماقتا ..بۇ پەسىلمۇ ئوخشاشلا ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئىككى توپ ئۇرۇپ ئىككى پاس چىقاردى .دۆلەت كوماندىسىدنمۇ ئورۇن ئالدى .باھاسىمۇ بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە .يېڭى يۇلتۇز پوگبانىڭ ھالىتى قالتىس بولغانسېرى ، بۇ چولپانغا قىزىقىدىغان كۇلۇبلارمۇ كۆپەيدى .ئىگىلىنىشچە ،خان مادرىد پوگباغا بەش يىللىق توختام تەييارلاش بىلەن بىرگە ، يىللىق ئىش ھەققىگە يەتتە مىليون ياۋرو بەرمەكچى بوپتۇ .ئېھتىمال بۇ « قارا ئالتۇن » مادرىدتقا قۇشۇلۇشى مۇمكىن .
يېقىندا خان مادرىد كوماندىسىغا 91 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن قۇشۇلغان ۋېلىشلىق داڭلىق پۇتبولچى بېل مادرىدتقا كەلگەندىن بۇيان بىر نەچچە قېتىم يارىلاندى .بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە ،بېلنىڭ بەل ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىپ قېلىش كېسىلى بار دىيىلدى .ئارقىدىن مادرىد ئورگان تورى : بۇ خەۋەر يالغان دىگەن .
ئەمەلىيەتتە بېلنىڭ بەل ئۇمۇرتقىسدا ھەقىقەتەن مەسىلە باركەن .بېل مۇسابىقە ئوينىسا بۇلىدۇ . ئوپراتسىيە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .بۈگۈن مۇتەخەسسىلەرنىڭ سۈزىگە قارىغاندا ،بېل تۇلۇق ساقايغاندىن كېيىن مەيدانغا چىقىپ داۋاملىق مۇسابىقە ئوينايدىكەن .ئەمما بۇ كېسەل بېلنىڭ % 100 ئىپادىسنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇشقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن .
بۇ پەسىل خان مادرىد كوماندىنىڭ يادروسى مەسۇت ئۆزىلنى ئارسېنالغا 50 مىليونغا سېتىۋەتتى .بۇنىڭدىن كۆپلىگەن تاراتقۇلار ۋە توپ مەستانىلىرى قاتتىق ئەپسۇسلاندى .شۇنداقلا ،ئەسلى ئۆزىلنى قەتئى ساتماسلىقى كېرەك دىيىشتى .بۇنىڭ ئىچىدە بارسېلونامۇ بار .« دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ مەلۇماتىدا ئاشكارىلىنىشىچە ،ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بارسېلونا ئۆزىلگە قاتتىق كۈچىگەن .لېكىن ئاخىردا مادرىد بىر قەدەم بالدۇر چىقىپ كەتكەن .مانا ئەمدى يەنە يولغا سېلىۋەتتى .ئۆزىلنىڭ ئېنگىلاندقا كېتىشىدىن بارسېلونامۇ سەل ھەسرەتلىنىپ قالغان .
خان مادرىد باش لېدىرى ۋالدانو بۈگۈن « ماركا » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بېل ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن .بېلنىڭ باھاسى كىرىستىئانو رونالدو بىلەن مېسسىنىڭكىگە يەتمەيدۇ .بېلنىڭ ئۈزىنى ئىسپاتلايدىغانغا يەنە ئازراق ۋاقىت كېرەك .ۋالدانو ئاخىردا ئىلگىرىكى تېرىنىر مۇرىنھو ئۈستىدە : بۇ ئادەم مادرىدنى بەزى زىددىيەتكە سېلىۋەتتى .بۇنىڭ ئاسارىتى ھازىرمۇ بار .ئايرىلىدىغان يېرىگە كەلگەن .
« رونالدو بىر پەسىلدە 55 توپ ئۇرىدۇ .لېكىن رىبىرى كوماندىغا ھەمدەم بولۇپ ئۈچ لوڭقا ئالدى .« ئالتۇن توپ » رىبىرىغا مەنسۇپ بۇلۇشى كېرەك » خان مادرىد ياردەمچى تېرىنىرى زىدانى ئالدىنقى كۈنى بۇ سۆزنى قىلغاندىن كېيىن رونالدونىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى .ھەمدە يەنە ئۈمىدسىزلىنىپ قالدى .« ئا س گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،زىدانى كېيىنكى ھەپتىدىكى دۆلەت دىربى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رونالدوغا بۇ سۈزىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ كەچۈرۈم سورىماقچى بوپتۇ .
ئىسپانىيە 2 : 1 نەتىجە بىلەن بىلوروسىيىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىگە كىرىش پەقەت ۋاقىت مەسلىسى بولۇپ قالدى .كوماندىدىكى ماھىرلار ۋە ئىسپانىيە توپ مەستانىلىرى خۇشال بولدى .بىراق بىرلا كىشىنىڭ كۆڭلى يېرىم .ئۇ بولسىمۇ ۋاراتار كاسىللاس ،خان مادرىتتا لوپېزغا خېلىدىن بۇيان ئاساسلىق ۋاراتار ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويغان كاسىللاس بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ زاپاس بولۇپ قالدى .بىردىنبىر ئۈمىدى بولغان دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئورنىدىمۇ تۇرالمىغان كاسىللاس يەنە ئاھ ئۇرۇشقا باشلىدى .مۇسابىقىدىن كېيىن تېرىنىر بوسىك مۇنداق دىگەن .كاسىللاس ئۆتكەن بىر ئايدا پەقەت بىر قېتىملا مەيدانغا چىقتى .مەن بۇنداق مۇھىم مۇسابىقىدە تەۋەككۇلچىلىك قىلالمايمەن .كاسىللاسنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )
|
|