- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7524
- نادىر
- 16
- يازما
- 7524
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-10 19:53
2012-يىللىق دۇنيا ئايال « پۇتبول خانىشى » شەرىپىگە ئېرىشكەن ئامېركىلىق كېلىشكەن چولپان ۋامباخ ( مېسسىنىڭ يېنىدىكى قىز » بىر كوماندىدىكى قىز سەبدىشى بىلەن رەسمى توي قىلىپ بىر جۈپلەردىن بولۇپ كەتكەن .ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى ۋامباخ چىرايلىق سەبدىشى خوفمان بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ،بۇ مۇراسىمغا شۇ يەردىكى خېلى داڭلىق شەخىسلەر قاتناشقان .تويدىن كېيىن ۋامباخ مۇنداق دېگەن .بىز ناھايىتى بەختلىك .ئاخىر مۇرادىمىزغا يەتتۇق .يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيانقى شىرىن ئاي بەك تاتلىق بولدى .بىز بەخىتكە چۆمدۇق . بىر-بىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز ....
بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن ۋامباخ بولسا ئامېرىكىدىكى نامى ئەڭ چوڭ ئايال پۇتبولچى بولۇپ ،ئىلگىرى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئىككى قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ چىمپىيۇن بولغان .ھەمدە قالتىس ئىپادىسى بىلەن 2012-يىللىق دۇنيا ئايال « پۇتبول خانىشى » بولۇپ باھالانغان .دۆلەت كوماندىسنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق مەرگىنى بولۇپ ،جەمئىي 161 توپ كىرگۈزگەن .بۇ سان ھەتتا ئامېرىكا ئەرلەر كوماندىسىدىكى ھۇجۇمچىلارمۇ يېتىشەلمەيدىغان سان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن خۇفمان بولسا ئوخشاشلا ئامېرىكىلىق پۇتبولچى بولۇپ ،2010-يىلى ئامېرىكا ئاياللار پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان .لېكىن بىر مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىققان .ھازىر نىيۇيورىك چاقماق كوماندىسدا سۆيگىنى ۋامباخ بىلەن توپ تېپىۋېتىپتۇ .
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى ) |
|