ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىنگلاند بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى: غەربى برومۋىچ 1-1 ئارسېنال
2013-10-07 11:04:56 مەنبە: sports.sina.com.cn باھا:0 كۈرۈلىشى:56
سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى نور تور تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 6- كۈنى 23:00 (ئەنگلىيە ۋاقتى 6- ئۆكتەبر 16:00 )دە، 2013-2014 - پەسىللىك ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى 7- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە دۇلانە پۇتبول مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلىپ، ئارسېنال كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا غەربى برومۋىچ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، غەربى برومۋىچ كوماندا ئەزاسى ياقۇپ ئالدىن بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، ئارقىدىن ئارسېنال كوماندا ئەزاسى ۋېئېرشىر بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئارسېنال كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا نەتىجە 1-1 بولۇپ غەربى برومۋىچ كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىدىكى ئۇدا بەش مەيدان غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەردى، لېكىن يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.
ئىككى كوماندا يېقىندا ئىلىپ بېرىلغان 12 مەيدان مۇسابىقىدە، ئارسېنال كوماندىسى توققۇز مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، پەقەت بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئىككى كوماندا ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقە تارىخىدا 14 قېتىم مۇسابىقە ئىلىپ بارغان بولۇپ، ئارسېنال كوماندىسى ئون مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قارشى تەرەپ مەيدانىدا بەش مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان.بۇندىن بۇرۇن ئىككى كوماندا تارىختا 131 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىپ، ئارسېنال كوماندىسى 65 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 30 مەيدان تەڭلىشىپ، 36 مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغانىدى.
|
|