ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2015 |
تۆھپىسى: سەر |
|

ئىسپانىيە پۇتبول كەسپى ئىتتىپاقى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىسپانىيە بىرلەشمىسنىڭ 10-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتىنى ئېلان قىلدى. بىز تەققەززالىق بىلەن كۈتكەن ئىسپانىيە دۆلەت دىربىسى دەل 10-ئايلانمىدا ئوينىلدۇ.
10-ئايلانمىدا بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا مادرىت كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ. مۇسابىقە شىنجاڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 10دا نوكەمپۇ پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزلىدۇ. بۇ دەل ئىسپانىيە ۋاقتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 6. ئەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى بۇ ۋاقىتتا ئۆتكۈزمەيتتى. بۇنداق قىلش ئاسىيا ھەم ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن.
بۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن بارسېلونا ۋە مادرىدلار بىر مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە بىر مەيدان ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. مادرىد سەيشەنبە كەچتە يۇۋىنتىس بىلەن بارسېلونا چارشەنبە كەچتە ئا س مېلان بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
بۇلارنىڭ نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق بارسېلونا 8 مەيدان ئۇتۇپ 24 نۇمۇر بىلەن 1.ئورۇندا، مادرىد 19 نۇمۇر بىلەن 3.ئورۇندا بۇ مۇسابىقە ئەلۋەتتە كىينكى چىمپېيونلۇققا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قېنى كىم ئۇتدۇ بۇنى 26-چېسلا 10 كۆرەيلى. (ھەنىم بولسا يېرىم كېچىدە كۆزنى يىرتىپ ئېچىپ مۇسابىقە كۆرمەيدىغان بوپتۇق) |
|