akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 633|ئىنكاس: 19

«ئەلچى كۇلۇبى» دىكى سۆھبەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   messi8888 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-5 03:40  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

دىيارىمىزدىكى ئوتيۈرەك پۇتبول مەستانىلىرى ، بۈگۈن سىلەرگە ئاددى ھەم ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىش خاتىرىسىنى ئېلىپ كەلدىم . ھېكايىمىز پۇتبول تېپىپ شىنجاڭنى  ئايلانغان ، پۇتبول ئەلچىمىز دىلشات ئابدۇغوپۇر  ئۈستىدە بولىدۇ.
نەچچە كۈنلۈك غۇلجا سەپىرىم داۋاملىشىپ ، قەدىمىم كۈنەس دىيارىغا قەدەم باسقاندا  كۆڭلۈمدىن شۇنداق بىر خىيال كەچتى، يەنى ئەينى ۋاقىتتا  پۇتبول ئىدىيەسىنى پۈتۈن شىنجاڭغا يەتكۈزۈش نىيىتىدە ، شىنجاڭنى توپ تېپىپ ئايلانماقچى بولغان  «پۇتبول ئەلچىسى» دىلشاتنى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ھازىرقى ئەھۋاللىرىنى بىر بىلىپ كېتىشنى ئويلاپ قالدىم دە ، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلدىم.   ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ ، ئۇنىڭ ياشلار كوچىسىدا بىر دۇكاندا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى بايقاپ ، ئۇدۇللا ئىزدەپ  باردىم.  ئۇ ئالدىراش نىمىگە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ دىسەڭلار،  «ئەلچى پۇتبول كۇلۇبى»  نامىدا بىر تەنتەربىيە كىچىم-كېچەكلىرىنى سېتىش دۇكىنى  ئېچىۋاتقانىكەن ، مەن بارغاندا  زىننەتلەشنىڭ .ئاخىرقى باسقۇچىغا كىرىپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنا سالاملاشقاندىن كېيىن ، كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى ئارامگاھقا تەكلىپ ئەتكەچ  ھەمسۆھبەت بولۇشنى لايىق تاپتىم.
كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك ، دىلشات شۇ سەپىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، كۆپچىلىك ئاممىنىڭ نەزىرىدىن بىراقلا غايىپ بولۇپ كەتتى. مەن ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭدىن يېىقىندىن نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى سورىدىم .  شىنجاڭنى ئايلانغىلىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە 2 يىلدىن ئېشىپتۇ.  ئۇ مانا شۇ ئىككى يىلدا قىلغانلىرىنى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى سۆزلەپ مونۇلارنى بايان ئەتتى:



شىنجاڭنى ئايلىنىپ يۇرىتقا قايىتقاندىن كېيىن ، 1- بولۇپ قىلغان ئىشىم  ئۆزۈم 2009- يىلى قۇرغان  كوماندامنى  مەشىقلەندۈرۈش بولدى.  چۈنكى پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقىم ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتى.   كېچە -كۈندۈز  يۇرتۇم پۇتبولچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش خىيالىم ، مېنى بۇ كەسىمنى قىلىشقا توىتىماي ئۈندەيىتتى .  شۇنداق قىلىپ ، جاپالىق ھەم ئەھمىيەتلىك بولغان بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىپ قالدىم. ئەڭ ئاۋال يۇرتۇم يەنى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تالدى بازارىنىڭ پۇتبول ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرشنى مەقسەت قىلىپ ، بازارلىق 3- ئوتتۇرا مەكتەپ نامىدىن  مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ، بىرلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولغان ئانا مەكتىپىمنىڭ  تەسىرىنى قوغداشنى نىيەت قىلدىم. شۇ جەرياندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بولدى ، بىراق 3 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئابلىكىم مۇدىر ، ئابدۇۋەلى مۇئەللىم، ھەمراجان مۇئەللىم ۋە باشقا ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ  قوللىشى ئاستىدا  مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بىر نەچچە ناھىيە ۋە ئوبلاسىت دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشتىم . مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قىيىنچىلىقلىرىمنى يېڭىشىمگە ياردەمدە بولغان  بارلىق ئۇستازلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .  ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ، ئانا مەكتىپىمنىڭ سۈپىتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭمۇ تېخىمۇ بوشاشماي تىرىشىپ ، ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى بىلەن ئېسىل پەرزەنىتلەرنى تەربىيلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

QQ截图20131005015728.jpg

شۇنىڭدىن كېيىن ، مەن كوماندىدىكى بالىلارنى  قىش- ياز دىمەي  ئەجىر قىلىپ مەشىقلەندۈرۈشنى باشلىۋەتتىم.   مەشىقلەندۈرۈش جەريانىدا  مەكتەپ تەرەپ ماڭا مەيدان تەمىنلەپ بەردى، بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قىيىنچىلىقى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ، مەشىق قىلىدىغان  ئاياق ۋە توپلارنى ، ئاز-تولا ئۈسكۈنىلەرنى سېتېۋىلىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدىم ، بۇ ۋاقىتلاردا ماڭا ئەڭ چوڭ ياردەمدە بولغىنى يەنىلا ئائىلەمدىكىلەر بولدى،  ئىقتىسادتىن قىينالسام دادام كەسپىمنى ھۆرمەتلەپ مېنى بار كۈچى بىلەن يۆلىدى. ئىشقىلىپ بۇ كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەڭ چوڭ ئېلھام بولغۇچىلار يەنىلا مېنىڭ مېھرىبان ئانام بىلەن  يۆلەنچۈكۈم دادام بولدى.  ئەڭ دەسلەپ مەن شىنجاڭنى ئايلانماقچى بولغان چاغلاردىمۇ ئۇلار  قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرۈشۈپ ماڭا ئاقيول تىلىگەنىدى ..
PHOT0067.JPG

ئۆزۈم ياقتۇرغان كەسپىم ئۈچۈن  جېنىم پىدا بولسىمۇ مەيلى دەپ ئويلايىتتىم.  مۇشۇ دىيارىمىزدىكى  ئۆسمۈر نوتىلارنىڭ  كەلگۈسى ، ئەڭ قىسقىسى خەلقىمىزنىڭ  غورورىنى تىكلەپ ، پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا يۈزىنى يورۇق قىلىشنى كېچە-كۈندۈز ئويلايىتتىم .  دەل مۇشۇ خىل ئىشتىياق مەندە   ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش جەھەتتىكى ئۆزۈمنى ئاتاش  پىسخىكىسى شەكىللەنگەن دەپ ئويلايمەن.  ھازىرغا كەلگۈچە  شۇ نوتىلىرمنىڭ كىچىككىنە بىر نەتىجىسىنى كۆرسەم   ئالەمچە خوشال بولىمەن.  مەن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق ئىش بولمىسا كېرەك .   
دەسلەپ كوماندا قۇرغان ۋاقتىمدا باللىرىمغا مۇشۇ جايدا  كوماندا تەشكىللەپ مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ بەردىم.  چۈنكى ئۇلار مەشىقلا قىلىپ مۇسابىقە ئوينىمىسا بولمايىتتى ، مەن ئۆزۈم تەربىيلىگەن 4 قارار بالىلارنى يىغىپ ئكز ئىچىمدىن گۇرۇپپىغا ئايرىپ ئۇلارنى مۇسابىقىلەشتۈردۈم، ئىشنى مانا مۇشۇنداق كىچىك مۇسابىقىلەردىن باشلاپ ، باللىرىمنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرماقچى بولدۇم. چۈنكى شۇ ۋاقىلاردا ماڭا  تېخى سىرىتلادا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى.

QQ截图20131005024543.jpg

ئاندىن يوللار ئاستا-ئاستا ئېچىلىپ ، ئىشلىرىم ئوڭغا تارتىشقا باشلىدى .  تىرىشچانلىقىمدىن سۆيۈنگەن كىشىلەر مېنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ تۇردى.   شۇ ۋاقىتتا كۈنەس ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزىلىدىغان «ياش-ئۆسمۈرلەر لوڭقىسى» مۇسابىقىسىگە  قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتىم. مەن ئۈچۈن بۇ كىچىككىنە ناھىيە دەرىجىلىك مۇسابىقە خۇددى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدەك بىلىنەتتى، چۈنكى   1 يىل جاپالىق مەشىق قىلدۇرغان باللىرىمغا ئاخىرى سەھنىدە مۇسابىقە ئويناش ، ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز تالدى بازىرىغا ۋاكالىتەن ، كۈنەس ناھىيەلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، تۇنجى قېتىمىدىلا ھەيران قالارلىق نەتىجىلەر بىلەن ھەلقىغۇچقا كىرىپ كەتتۇق ، ھەلقىلغۇچتىمۇ رەقىبىمىزنى يېڭىپ ، ناھىيە دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردىكى تۇنجى لوڭقىنى قولغا كەلتۈردۈق، شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى خۇددى  دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەندەك ھېس قىلىپ كەتكەنىدىم.

aaa.jpg

كۈنەس ناھىيەلىك مۇسابىقىنىڭ چېمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ، باللىرىمنى داۋاملىق تەربىيلەشكە چىڭ تۇردۇم ، چۈنكى بىز غۇلجا شەھەرلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەنىدۇق.  مەن تالدىدىن ۋاقتىنچە كۈنەس ناھىيە ئىچىگە كېلىپ ، 1 ئاي مۇسابىقىگە جىددىي تەييارلىق قىلدىم . ئۇنىڭدىن كېيىن ، غۇلجا شەھىرىگە ،ئۆزۈمنىڭ يەنە بىر بالداق ئۆرلەيدىغانلىقىمنى ئويلىغاچ يۈرۈپ كەتتىم.  ئەڭ سۆيۈنگىنىم يەنىلا ئوماق نوتىلىرىمنىڭ تىرىشىپ مەشىق قىلىشى بولدى. مەن ھېچبولمىغاندا مۇشۇ قىسقىغىنە 2 يىل جەريانىدا  باللىرىمغا پۇتبول ئىدىيەسىنى سىڭدۈرەلىگىنىمدىن ئىنتايىن خوشال بولغانىدىم .  دەرۋەقە  كوماندام ، كىشنى ھەيران قىلدۇرغىدەك دەرىجىدە  ياخشى نەتىجىلەر بىلەن غۇلجا شەھەرلىك مۇسابىقىنىڭ ھەلقىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى، ھەلقىلغۇچتا ئازراق سەۋەنلىكىم تۈپەيلى ئاۋال بىر توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ باللىرىمغا بېسىم بولۇپ قالدى ، چېمپيونلۇق بىزگە مەنسۇپ بولماي قالدى ، بىراق باللىلارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بارلىق ئاممىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتتى ، 2- لىك لوڭقىسىمۇ ئۇلار ئۈچۈن ۋە مەن ئۈچۈن شۇنداق قەدىرلىك بىلىندى.  

QQ截图20131005031011.jpg
QQ截图20131005031118.jpg


مانا ئەمدىلىكتە مەن كۈنەس ناھىيەسىدە تۇرۇپ ، تېخىمۇ كۆپلىگەن نوتىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ، ناھىيە ئىچىگە «ئەلچى كۇلۇبى» نامىدا بىر تەنتەربىيە بۇيۇملىرى دۇكىنى ئاچتىم . مەن شۇ دۇكاندا تۇرۇپ ، يەنە پۇتبولدا ئوقۇماقچى بولغان نوتىلارنى داۋاملىق قۇبۇل قىلىمەن. ھەمدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ ، بىر چىقىش يولى ھازىرلاپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن.  ھازىرغىچە مېنىڭ قولۇمدا تەربىيلەنگە بالىلاردىن  ، شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىگە ئۆتكەن بالىلار بار ، چاڭچۇن ياتەي كۇلۇبىغىمۇ بىر ئوقۇغۇچۇم تاللىنىپ شۇ جايدا مەشىق قىلىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇلار مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم ، مەن قانداقتۇر  ئالاھىدە چوڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپ باقمىدىم ، يېنىمدىن  مىللىتىمىز پۇتبولچىلىقىغا قانچىلىك  پۇل چىقىپ كەتسە مەن رازى ، پەقەت خەلقىمگە پۇتبول ئېڭى سىڭدۈرەلىسەم شۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم ..... چۈنكى پۇتبول مۇشۇ مىللىتىمزنىڭ غورورىنى قوغداپ قالىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاستە بولۇپ قالدى، بىز نوتىلىرمىزنىڭ قىزغىنلىقىغا ھەرگىز سۇ سەپمەسلىكىمىز كېرەك ، ئۇلارنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە رىغبەتلەندۈرۈپ ، پۇتبول بىلەنمۇ خوشاللىق تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى چىن قەلبىمدىن ئارزۇ قىلىمەن ...
PHOT0081.JPG
PHOT0115.JPG
psu[10].jpg
照片 131.jpg


تەسىرات:
سۆھبەت مەزمۇنى ئەسلىدە خېلى جىق ئىدى ، بىراق باشقا جايلىرىنىڭ ھەممىنى سۆزلەپ يۈرۈشنى ئارتۇقچە دەپ ئويلىدىم.  دىلشات بىلەن كۆرۈشۈپ شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ئۇنىڭدەك پۇتبولغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ياشلاردىن يەنە تېپىلمىقى تەس ، ئۇ ياش تۇرۇپلا ئۆزىنى پۈتۈنلەي  پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا ، مىللىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئاتاپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىنىڭىزدا پاراڭ تەبىئىيلا پۇتبول تېمىسىغا كىرىپ كىتىدىكەن، ئۇينىڭ تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ ئىچىمۇ  بارى بىلەن مىرئەىمەت ئىككىسىنىڭ رەسىمىدىن باشقا ۋە بىر ئاددى كومپيوتېر ئۈستىلىدىن باشقا نەرسە يوق ئىكەن ،  كەڭرى بولغان بۇ ئۆيدە ئۇ ھەتتا مۇشۇ ئۆيى ئىچىدىمۇ بالىلارنى مەشىقلەندۈرۈپتۇ، مۇناسىۋەتلىك سىنلىرىنى تورغا يوللاشقا ئامال بولمىدى .  ئىشقىلىپ دىلشاتتىكى بۇ يۈرەك  مىللەتنىڭ غورورى دەپلا سوقىدىكەن ، قىلغان ھېچبىر ئىشلىرىدىن مىننەت قىلىش تۇيغۇسى يوقكەن ، ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنىڭ بالدۇراق ئەمەلگە ئېشىپ ،  مىللىتىمىز پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن يەنە ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى  ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن !   جان كۆيدۈرگەنلەرنىڭ  ئۈمۈدى يەردە قالمىغۇسى ..........

IMG_2143.JPG

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 تۆھپە +20 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
ۋەتەنجان + 100 + 10 ياخشى!
ئاخىرلاشتۇرغۇچى + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-5 04:26:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاددى قەلىمىم بىلەن بۇ تىمىغا ئىنكاس يىزىغاقا تولىمۇ خىجىل بولىۋاتىمەن، ئەممايازماي دىسەم تېخى كۆڭۈل ئۇنمىدى. شۇنداقتىمۇ ئىككى ئېغىز ياخشى تىلىكىمنى بىلدۈرۋالاي. ھەقىقەتەن ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىز ۋە ئىرادىڭىزدىن سىپىل ياساپ ھازىرغىچە بەرداشلىق بىرىپ كەپسىز. ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن، ئەجرىڭىز ھەرگىز يەردە قالمايدۇ. سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىز ياشلارغا ياخشى ئۈلگە بولغۇسى.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-5 09:46:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۈنلەرنىڭ بىرىدە اللا چوقۇم مۇشۇ ئەجىرىڭىزنىڭ مىۋىسنى بىرىدۇ!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-5 10:08:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشاتنىڭ پۇتبول ئۈچۈن،ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تەۋرەنمەي ئىزدىنىش روھى ھەقىقەتەن كىشىنى تەسىرلەندۇرىدۇ،ئۇنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا مۇۋەپپىقىيەتلەر يار بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-5 10:52:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشاتقا سالامەتلىك ۋە خەيرلىك ئىشلىرىغا بەرىكەت، ئۇتۇقلار يار بولۇشىنى تىلەيمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-5 10:57:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كەت ئۇيغۇر ئوغلانى !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-5 11:13:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىت مۇشۇ ئارمان شىركىتى ھەم ئىخلاس شىركىتنىڭ لوبىنى بوغان بولسا مۇشۇ دىلشاتكام ھازىر بىزنىڭ پۇتبۇلچىلىقىمىز تىخىنۇ روناق تاپتى دىلشاتكا مۇشۇ ياخشى ئىشلىرڭىز مەڭگۈ ئۈزلۈپ قالمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-5 13:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-5 13:19:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-5 13:47:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما  بالا  ھەجەپ  تۇنۇش  چىراي     كۇلگەن  ئىپادە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-5 13:49:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرلاپ قۇيۇشقا  تەگىشلىك  تېما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-5 14:36:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ بىر كۈنلەردە مۇشۇ ئېشىڭىزنى غەلبە قىلغىلى نىسىپ قىلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-8 18:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش