- تىزىملاتقان
- 2008-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1978
- نادىر
- 5
- يازما
- 1978
|

خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى سىيۇرېختا يىغىن ئېچىپ 2013-يىللىق دۇنيا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدىكى 50 نەپەر نامزاتنى باھالاپ چىققان، "دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بىر قىسىم نامزاتلار ئىسىملىكى ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بارسېلونادىن 10 ئادەم نامزاتلار قاتارىغا كىرگەن. 10-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ تىزىملىكتىن 23 ئادەم تاللىنىپ چىقىلىدۇ. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى 3 نامزات ئېلان قىلىنىدۇ.
خەۋەرگە قارىغاندا بارسېلونا توپچىلىرىدىن مېسسى، نېيمار، ئىنېستا، بۇسكىس، پېك، فابرېگاس، ئالۋېس ۋە ماسچېرانو قاتارلىقلار بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان. پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى بىر ئەزانىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇلاردىن باشقا يەنە ئالبا بىلەن خاۋېيمۇ تىزىملىكتە بولۇشى مۇمكىنكەن.
بۇلاردىن باشقا خان جەمەت مادرېد توپچىلىرىدىن رونالدو، راموس ۋە ھازىر ئارسېنالغا كەتكەن ئۆزىلمۇ تىزىملىكتە بار ئىكەن. نېيمار بىلەن ئالۋېستىن باشقا بىرازىليىكلەرنىڭ سانىمۇ ئۆتكەن يىلىغا قارىغاندا كۆپ ئىكەن.
گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىن ياۋروپا چېمپىيونى بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىدىن رىبېرى ۋە روبىن، دورتمۇند كوماندىسىدىن لەيۋەندوۋىسىكىي قاتارلىقلار بار. ئافرىقا قىتئەسىلىك توپچىلاردىن يايا تورىي ۋە دېروگبا بار.
ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرنىر مۇكاپاتى نامزاتلىرىدىن بوسىك، ھايىنكىس، مۇرىنىئو ۋە گۇئاردىئولا قاتارلىقلار بار، لېكىن كېيىنكى ئىككىيلەننىڭ ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن، بولۇپمۇ گۇئاردىئولا، ئۇ نەق بىر يىل ئارام ئالغان. يەنە مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ چېكىنگەن تېرنىرى فۇرگۇسونمۇ نامزاتلار ئىچىدە باركەن

ئەسكەرتىش:بۇلار ئازراق ئاشكارىلىنىپ كەتكەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن يېزىلغانكەن، مۇتلەق دېگىلى بولمايدۇ
|
|